كەرەپشە دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. كەرەپشە (خام دورا)
  2. كەرەپشە ()
خام دورا

كەرەپشە

كەرەپشە

كەرەپشە كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، كەرەپشىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى، يىلتىزى ۋە ئۇرۇقى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى كەرەپشە
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 芹菜
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كەرەپشەكەرەپشە كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، كەرەپشىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقلىرى تۇخۇم شەكلىدە، يوپۇرماق سېپى توم ۋە چوڭ بولۇپ، رەڭگى ئاق سېرىق ۋە يېشىل كېلىدۇ؛ گۈلى ئاق، مېۋىسى ياپىلاق بولىدۇ.

توسالغۇلارنى ئېچىش، يەل تارقىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

دورىلىق قىسمى

كەرەپشىنىڭ يوپۇرمىقى، يىلتىزى ۋە ئۇرۇقى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى

ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

ئەھۋالغا قاراپ 1 ~ 5 ياشقىچە بولغان بالىلارغا 3 ~ 6 گرام، 5 ~ 10 ياشقىچە بولغان بالىلارغا 7 ~ 10 گرام، 10 ~ 15 ياشقىچە بولغانلارغا 10 ~ 15 گرام ياكى 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقاندا پۈتۈن چۆپى، ئۇرۇقى ۋە يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.

كەرەپشەكەرەپشە ئۇرۇقىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، دەم سىقىلىش، بېقىن ئاغرىقى، ئىچكى ئەزانىڭ سوغۇقلۇقى، قۇسۇش، ئۈچەينىڭ ئېچىشىشى، قورساق ئاغرىقى، ئىشتىھاسىزلىق ۋە بەدەن ئاجىزلىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. 

كەرەپشىنى قاينىتىپ، ئانار سۈيى ۋە شېكەر بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، زەھەر ئىچىشتىن كېلىپ چىققان زەھەرلىنىشلەرنى قايتۇرىدۇ. 

كەرەپشىنىڭ يوپۇرماق ۋە يىلتىزىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، زەھەر قايتۇرىدۇ. كەرەپشىنى ئەدەس بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، زەھەر تەسىرىنى يوقىتىدۇ. 

كەرەپشىنى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھەرخىل تېرە كېسەللىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

كەرەپشىنى گۈڭگۈرت پوقى، قارا توغرىغۇ، نۆشۈدۈر بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، سۆگەلنى ۋە ئۇنىڭ ئورنىدا قالغان داغنى چۈشۈرىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#