كاككۇكگۈل

كاككۇكگۈل

كاككۇكگۈل ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر گۈللەرنىڭ بىرى. ئۇ كاككۇكگۈل ئائىلىسىدىكى بىر خىل كىچىك چاتقال بولۇپ، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغانلىرى، يوپۇرماق تاشلايدىغانلىرىمۇ بار. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى كاككۇكگۈل
خەنزۇچە ئىسمى 杜鹃花
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى كاككۇكگۈلى تۈركىمى
ئۇرۇقداشلىرى كاككۇكگۈلى ئۇرۇقدېشى
ئېنگىلىزچە ئىسمى Rhododendron
تەۋەلىكى ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى كاككۇكگۈلى ئائىلىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كاككۇكگۈلكاككۇكگۈل ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر گۈللەرنىڭ بىرى. ئۇ كاككۇكگۈل ئائىلىسىدىكى بىر خىل كىچىك چاتقال بولۇپ، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغانلىرى، يوپۇرماق تاشلايدىغانلىرىمۇ بار. كاككۇكگۈل شىمالىي يېرىم شارنىڭ مۆتىدىل بەلۋاغدىكى ھەرقايسى جايلىرىغا تارالغان. جۇڭگودىكى كاككۈكگۈلنىڭ سورتى پۈتۈن دۇنيادىكى 800 نەچچە خىل سورتى ئىچىدە 600 نەچچە خىلنى ئىگىلەيدۇ. 

رىۋايەت قىلىنىشىچە، قەدىمكى زاماندا شۇ دۆلىتىنىڭ دۇيۈ دېگەن بىر پادىشاھى ئۆتكەن بولۇپ، پۇقرالىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن. ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ روھى بىر كاككۇكقا ئايلىنىپ، ھەر يىلى ئەتىيازدا ئۇچۇپ كېلىپ پۇقرالارنى ئويغىتىپ «تېز، دان چېچىڭلار، تېز، دان چېچىڭلار» دەپ سايراۋېرىپ ئاغزىدىن قان چىقىپ كېتىدىكەن. تامچىلاۋاتقان تامچە-تامچە قانلار يەرگە چېچىلىپ، پۈتۈن تاغلارنى قاپلىغان كاككۇكگۈللىرىنى قىزىلغا بويىۋېتىدىكەن. 

كاككۇكگۈل كاككۇكگۈل بەكمۇ چىرايلىق، نەيچىسىمان گۈلى توق قىزىل، سۇس قىزىل، قىزىلگۈل قىزىلى، سۆسۈن، ئاق قاتارلىق كۆپ خىل رەڭلەردە بولىدۇ. ئەتىياز پەسلىدە كاككۇكگۈللەر ئېچىلغاندا، تاغلارنىڭ ھەممە يېرى خۇددى ئورمانلىقنى شەپەق ئورىۋالغاندەك چىرايلىقلىشىپ چاقناپ كېتىدۇ. كىشىلەر كاككۇكگۈلنى ماختىشىپ گۈللەر ئىچىدىكى شىشى(ساھىبجامال) * دېيىشىدۇ. رەڭگارەڭ ھەم كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كاككۇكگۈل كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن-گۈزەل ھېسسىياتىنى قوزغىتىدۇ، ئۇلار يەنە دۆلەتنىڭ گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشى ۋە خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. مانا بۇ، مەملىكىتىمىز خەلقىنىڭ كاككۇكگۈلنى قىزغىن سۆيۈشىنىڭ چىن مەنىسى. 

كاككۇكگۈلنىڭ ۋەكىل سورتى «يىڭ شەن خۇڭ» سورتى بولۇپ، دەل ئادەتتىكى ئۆستۈرۈلىدىغان چىرايلىق كاككۇكگۈلنىڭ ئۆزى شۇ. بۇ گۈل چاڭجىياڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەر ۋە يۈننەن، تەيۋەن قاتارلىق جايلاردىكى تاغلىق ۋە ئېدىرلىقلاردىكى شالاڭ ئورمانلار ياكى چاتقاللىقلارنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك تارالغان. 

ۋارونكىسىمان گۈلىنىڭ گۈل تاج ياپراقچىسىنىڭ تەمى چۈچۈمەل بولۇپ، مېۋە ئورنىدا يېيىشكە بولىدۇ. لېكىن بىر نۆۋەتتە كۆپ يەۋېتىشكە بولمايدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن، بۇرۇن قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كاككۇكگۈل كىسلاتا خاراكتېرلىك تۇپراقنى ياخشى كۆرىدۇ، كالتسىيلىق تۇپراقتا ياخشى ئۆسەلمەيدۇ، ھەتتا ئۆسمەيدۇ. شۇڭا، تۇپراقشۇناسلار دائىم كاككۇكگۈلنى كىسلاتالىق تۇپراقنىڭ كۆرسەتكۈچ زىرائىتى ئورنىدا پايدىلىنىدۇ.

كاككۇكگۈل كىشىلەرنىڭ كۆپ يىللىق يېتىلدۈرۈشلىرى نەتىجسىدە كاككۇكگۈلنىڭ زور مىقداردىكى ئۆستۈرۈلىدىغان سورتلىرى مەيدانغا كەلدى. گۈلنىڭ رەڭگى تېخىمۇ كۆپ بولدى، گۈللەرنىڭ شەكلىمۇ خىلمۇخىللاشتى ھەمدە يالاڭ قات بەرگلىك ۋە قات بەرگلىك سورتلىرى بار بولدى. 

جەنۇبىي ئاسىيادىكى مەشھۇر تاغلىق دۆلەت نېپال كاككۇكگۈلنى دۆلەت گۈلى قىلىپ بېكىتكەن، ئۇلارنىڭ دۆلەت گېربىدا ئېچىلىپ تۇرغان بىر قىزىل كاككۇكگۈل بار. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#