جامېس. جويس

جامېس. جويس

مەشھۇر يازغۇچى، دراماتورگ، شائىر، جامېس. جويس 1882–يىلى 2-ئاينىڭ2-كۈنى ئىرېلاندىيە نىڭ دۇبلىندا تۇغۇلغان، 1941-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ئالەمدەن ئۆتكەن. دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىدە بىردەك «مودېرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ پېشۋاسى» دەپ قارالغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى جامېس. جويس
دۆلەت تەۋەلىكى ئىرېلاندىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1882–يىلى 2-ئاينىڭ2-كۈنى
كەسپى يازغۇچى، دراماتورگ، شائىر
ۋاپات بولغان جايى شۋېتسارىيە سيۇرىخ
خەنزۇچە ئاتىلىشى 詹姆斯·乔伊斯
يۇرتى ئىرېلاندىيە دۇبلىن
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1941-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى
ئىنگلىزچە نامى James Augustine Aloysius Joyce

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جامېس. جويسجامېس. جويس (1882–1941) ئىرېلاندىيە لىك مەشھۇر يازغۇچى، دراماتورگ، شائىر، دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىدە بىردەك «مودېرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ پېشۋاسى» دەپ قارالغان. فرانسىيە لىك يازغۇچى مارسېل پروست («سۇدەك ئۆتكەن يىللارنى ئەسلەش» رومانىنىڭ ئاپتورى)، ئەنگلىيە لىك ئايال يازغۇچى ۋىرگىنىيە ۋۇلف («داللوۋى خانىم» رومانىنىڭ ئاپتورى)، ئامېرىكىلىق يازغۇچى ۋىليام فولكنېر قاتارلىق مەشھۇر يازغۇچىلار ئاڭ ئېقىمى ئەدەبىياتىنىڭ باشلامچىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

جامېس. جويسمەشھۇر يازغۇچى جامېس. جويس 1907–يىلىدىن باشلاپ شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان، 16 ياشقا كىرگەن يىلى دۇبلىن ئىنىستىتۇتىغا كىرىپ پەلسەپە ۋە تىل ئۆگەنگەن، كېيىن دۇبلىن جەمئىيىتىدىكى چۈشكۈن، چاكىنا تۈس ئالغان مەنىسىز تۇرمۇشتىن بىزار بولۇپ، ئەدەبىياتقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىپ كەتكەن ۋە ئۆزى خالاپ «سەرگەردانلىق يولى»نى تاللىۋالغان.

1920–يىلى ئامېرىكىلىق داڭلىق يازغۇچى ئېزرا پوندنىڭ تەكلىپى بىلەن پارىژ دا ئولتۇراقلىشىپ قالغان.

1914–يىلى مۇنەۋۋەر ھېكايىلىرىدىن تەركىب تاپقان «دۇبلىنلىقلار» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى ۋە «ياش سەنئەتكارنىڭ پورترېتى» ناملىق رومانى نەشر قىلىنغان.

1915–يىلى دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدا كاتتا زىلزىلە قوزغىغان، دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بۈيۈك ئەسىرى «ئۇلىسېس» ئېلان قىلىنغان.

جامېس. جويسمەشھۇر يازغۇچى جامېس. جويسنىڭ «دۇبلىنلىقلار»، «ياش سەنئەتكارنىڭ پورترېتى»، «ئۇلىسېس»... قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

مەشھۇر يازغۇچى جامېس. جويسنىڭ «ئۇلىسېس» دېگەن رومان 1998–يىلى نيۇيورك نەشرىياتى ئۇيۇشتۇرغان 20–ئەسىردە دۇنيا ئەدەبىياتىدا بارلىققان كەلگەن نادىر 100 ئەسەرنى باھالاش پائالىيىتىدە بىرىنچى بولۇپ باھالانغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

پاساھەت چەت ئەل ئەدەبىياتى، ئەدەبىي تەرجىمە بىلوگى 

http://www.pasahet.net/?p=12214

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/438490.htm

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#