رال
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ سەنۇبەر تۈرىدىكى سالما (ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ «سىكدە» دېگەن بولۇپ، «سال» دەپمۇ ئاتىلىدىكەن) دېگەن دەرەخنىڭ يېلىمى بولۇپ. يېلىمى «قەيقەھرى» ياكى «رال» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يۇمشاق، بوش بولۇپ، ئېزىلىشى ئوڭاي، ئوت ھارارىتى بىلەن ئېرىيدۇ، قىزىقراق ئاپتاپتىمۇ ئېرىيدۇ. پۇرىقى سېسىق، نېفىت پۇرىقىغا ئوخشايدۇ، رەڭگى سېرىققا مايىل، ئېرىتىشتىن بۇرۇن پارچىلىرى بىر ئاز ياپىلاق ئاق سېرىق، بەزىلىرى توپا رەڭ، تەمى تېتىقسىز، ئازراق شىلىمشىق بولىدۇ.
ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
جاراھەت پۈتتۈرۈش، كۆزنى قۇۋۋەتلەش، قان توختىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
تۇتقاقلىق كېسىلى، زىققا، ئىستىسقا، ھەيز توسۇلۇش، چىش مىلىكى بوشاپ كېتىش ۋە ئاغرىش، ھەر خىل جاراھەت قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
1. خۇنسىياۋشەن، گىل ئەرمىنى، ئانار گۈلى، رال قاتارلىقلارنى 10 گىرامدىن ئېلىپ سوقۇپ تالقانلاپ ئىچسە ئىچكى ئەزالاردىكى قاناشنى توختىتىدۇ.
2. تۇتىيا بىر گىرام، مامىرانچىنى، كۆپىگى دەريا، راللارنى 10 گىرامدىن ئېلىپ سوقۇپ تالقانلاپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆزگە تارتسا كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.
3. رالنى سوقۇپ تالقانلاپ، ھەسەل سۈيىگە ئارىلاشتۇرۇپ، ئىچسە ھەيزنى راۋان قىلىدۇ.
3~1 گىرام.
ئۆپكىگە قۇرۇقلۇق يەتكۈزىدۇ.
ھەسەل، كۆكنار.
ئەنزىرۇت.
ھىندىستاندىن چىقىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.