جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى

جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، 1949 - يىلى قۇرۇلغان، مەملىكەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى، 1ئۆلكىلەر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە مەملىكەتلىك كەسپى ئەدەبىيات سەنئەت خىزمەتچىلىرى بىرلەشمىسى تەركىب تاپقان خەلق تەشكىلاتى. — جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يوللىغان ئورۇننىڭ بىرى. 

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1949-يىلى 7-ئاي
تەشەببۇس قىلغۇچى ئورۇن جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى
خەنزۇچە نامى 中国文学艺术界联合会
تەشكىلىي خاراكتېرى ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى خەلق تەشكىلاتلىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭگو ئەدەبىيات  سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىجۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئەدەبىيات-سەنئەت تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلەشمە تەشكىلاتىدۇر. ئۇنىڭ قارىمىقىدا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى، جۇڭگو تىياتىرچىلار جەمئىيىتى، جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمئىيىتى، جۇڭگو كىنوچىلار جەمئىيىتى، جۇڭگو گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى قاتارلىق كەسپىي جەمئىيەتلەر بار. 

پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرىنى تىرىشىپ ئىجاد قىلىش ۋە ئۆگىنىشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن پائال خىزمەت قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش؛ ئاممىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش؛ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ئەللەر خەلقى بىلەن بولغان چۈشەنچە ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، كوللېكتىپ ئەزا ۋە ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتى ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش شارائىتى، تۇرمۇش شارائىتى، دائىمى يازغۇچى، سەنئەتكار، ئۇلارنىڭ پىكىر ۋە تەلەپلىرىنى قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ۋاقتىدا ئالاقىدار تارماقلارنى تەكلىپ قىلىپ ھەل قىلىش. جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر ئىتتىپاقلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار ئارىسىدىكى مەدەنىيەت - سەنئەت تەشكىلاتلىرى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدىكى زاتلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ۋە ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش. 

جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە ھەر قايسى جەمئىيەتلەرنىڭ ئىشخانىسى « جۇڭگو سەنئەت گېزىتى » قاتارلىق 30 نەچچە خىلى مەملىكەت بويىچە ئەدەبىيات - سەنئەت گېزىت - ژۇرنال ۋە گېزىت، جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى نەشرىياتى قاتارلىق يەتتە كىتاب ۋە ئۈن - سىن نەشرىياتى، بىر كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىمى ئىشلەش مەركىزى بار.

جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى كوللېكتىپ ئەزالىق تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ھازىر كوللېكتىپ ئەزاسى 50، 32 ئۆلكە، 1 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە جۇڭگو كۆمۈر كان ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو تۆمۈر يول ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو نېفىت ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو خىمىيە سانائىتى ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەدەبىياتچىلار بىرلەشمىسى ۋە جۇڭگو سۇچىلىق ئەدەبىياتچىلار بىرلەشمىسى قاتارلىق كەسپىي ئەدەبىيات − سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن ئىبارەت. جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەرقايسى كوللېكتىپ تەشكىلات ئەزالىرى بىلەن خىزمەت ئالاقە باغلاش، ماسلىشىش، مۇلازىمەت مەسئۇلىيىتىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالغان تەشكىلات .

 گو مورو، ماۋدۇن، ساۋ يۈ، جۇ ۋېيچى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#