جۇڭگو قاتناش بانكىسى

جۇڭگو قاتناش بانكىسى

قاتناش بانكىسى مۇدىرىيەت رەھبەرلىكىدىكى باش دىرېكتور مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، مۇدىرىيەت ئەڭ يۇقىرى تەدبىر بەلگىلەش ئورگىنىدۇر.



ئۇيغۇرچە نامى جۇڭگو قاتناش بانكىسى
باش شىتابى شاڭخەي شەھىرى پۇدۇڭ يېڭى رايونى
يىللىق ئوبوروتى 430949 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
توربېكىتى http://www.bankcomm.com/
خەنزۇچە نامى 中国交通银行
قۇرۇلغان ۋاقتى 1908-يىلى
خىزمەتچى سانى 96331
چەتئەلچە نامى BANK OF COMMUNICATIONS

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭگو قاتناش بانكىسىقاتناش بانكىسى دۆلىتىمىزدىكى تارىخى ئۇزاق بانكا بولۇپ، ئەسلىدە جۇڭگودىكى تۆت چوڭ بيۇروكرات كاپىتال بانكىسىنىڭ بىرى بۇلۇپ. بۇنى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تۆمۈريول، تېلېگراف، پوچتا، سۇ ترانسپورتىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە تەسىس قىلغان بولۇپ، قاتناش بانكىسى دېگەن بۇ نام ئەينى ۋاقىتتا قويۇلغان. قاتناش بانكىسى 1908-يىلى (گۇاڭشۈنىڭ34-يىلى) قۇرۇلغان.

قاتناش بانكىسىنىڭ باش ئورگىنى دەسلەپتە بېيجىڭدا تەسىس قىلىنغان، 1928-يىلى شاڭخەيگە كۆچۈرۈلگەن. ھازىر قاتناش بانكىسىنىڭ باش باشقۇرۇش ئورگىنى يەنىلا شاڭخەيدە.

جۇڭگو قاتناش بانكىسىقاتناش بانكىسى ئۇنىۋېرسال بانكا. ئۇ جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مەبلەغنى توپلاپ ۋە يۈرۈشتۈرۈپ، خەلق پۇلى ۋە چەت ئەل پۇل مۇئامىلە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. قاتناش بانكىسىنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيىتى: خەلق پۇلى، چەت ئەل پۇل ئامانىتىنى ۋە شەخسىي پۇل ئامانىتىنى جەلپ قىلىش، خەلق پۇلى ۋە چەت ئەل پۇلى قەرز ئىشلىرىنى بېجىرىش؛ ئىچكى ۋە تاشقى راسچوت ۋە پېرېۋوت ئىشلىرىنى بېجىرىش؛ خەلق پۇلى، چەت ئەل پۇلى زايومى ۋە تۈرلۈك ئاكسىيىلەرنى تارقىتىش، ئاكسىيە ئېلىم-سېتىم ئىشلىرىنى بېجىرىش؛ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بانكىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئامانەت-قەرز، سۇندۇرۇپ قەرز بېرىش ۋە دىسكونت ئىشلىرىنى بېجىرىش؛ دۆلەت سىرتى ھەمدە شياڭگاڭ، ئاۋمېن قاتارلىق جايلاردا مەبلەغ سېلىپ ياكى بىرلىشىپ مەبلەغ سېلىپ بانكا، مالىيە شىركىتى ياكى باشقا كارخانىلارنى باشقۇرۇش؛ خەلقئارالىق بىرلىشىپ قەرز ئېلىش ۋە بانكا گۇرۇھى قەرز ئىشلىرىنى بېجىرىش؛ تۈرلۈك تارماق بانكىلارنى تەسىس قىلىش، ئۆي-زېمىن تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا ھاۋالە، مەبلەغ، ئىجارە، كېپىللىك، مەسلىھەتچىلىك ئىشلىرىنى بېجىرىش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش؛ جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ھاۋالىسى، تاپشۇرۇقى ۋە تەستىقى چۈشكەن باشقا تىجارەت ئىشلىرىنى، شۇنىڭدەك قانات يايدۇرۇشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنى بېجىرىشتىن ئىبارەت.

جۇڭگو قاتناش بانكىسى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇنى خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈۋالغان ھەمدە تەرتىپكە سېلىنغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت بىلەن خۇسۇسىيلار شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلارنى نازارەت قىلىدىغان بانكا قىلىنغان. 1958-يىلىدىن باشلاپ، شياڭگاڭدىكى تارماق بانكىسى تىجارىتىنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرغاندىن سىرت، ئۇنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردىكى كەسپى جۇڭگو خەلق بانكىسى ۋە جۇڭگو خەلق قۇرۇلۇش بانكىسىغا قوشۇۋېتىلگەن. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، 1986-يىلى7-ئايدا گوۋۇيۈەن قاتناش بانكىسىنى يېڭىۋاشتىن تەشكىللەشنى قارار قىلغان. 

2004-يىلى شياڭگاڭ شاڭخەي خۇيفېڭ بانكىسى1 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن مەبلەغ سېلىپ قاتناش بانكىسىنىڭ   19 پاي ھوقۇقىنى ساقلاپ قالغان. 

2005-يىلى شياڭگاڭ بىرلەشمە ئاكسىيە بېرژىسىدا بازارغا سېلىنغان پاي چېكى ۋاكالەت نومۇرى شياڭگاڭ سودا ئورنىدا ئېلان قىلىنىپ، چېگرا سىرتىدا بازارغا سېلىنغان جۇڭگو ئىچكى ئۆلكىلەردىكى سودا بانكىلىرىنىڭ بويىچە تۇنجى بانكا بولۇپ قالغان.

2005-يىلى پۈتۈن يەر شارىدىكى ئەڭ كۈچلۈك مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتى شىرۇدېر گۇرۇھى شەھرىدە شىرۇدېر فوندىنى باشقۇرۇش  شىركىتى دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى بانكا سىستېمىسى فوند شىركىتىنىڭ بىرى بولغان. 

2007-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى قاتناش بانكىسى شاڭخەي ئاكسىيە بازىرىدا تارقاتقان  ھەر بىر پاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى باھا 7.90 خەلق پۇلى بولغان. 

2007-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى قاتناش بانكىسى شاڭخەي ئاكسىيە بىرژىسىدا بازارغا سالغان پاي چېكى ۋاكالەت نومۇرى يۇقىرىغا تاپشۇرۇش ئورنى 601328.  

2007-يىلى قاتناش بانكىسىنىڭ پېيى رەسمىي خېڭشېڭ ئىندېكسىنىڭ تەركىبى بولغان. 

2009-يىلى قاتناش بانكىسى تەستىقلانغان چېگرا ئىچىدە سۇغۇرتىلىتىش نومۇر تاختىسى ئىگە دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى سودا بانكىسى بولۇپ ئۇنىڭ پاي چېكى كونترول قىلىنىدىغان بىرلەشمە سۇغۇرتا شىركىتى  2010-يىلى رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى. 

2011 -يىلى شىخەنزە  كەنت - بازار بانكىسى تەسىس قىلدى. 

2011-يىلى قاتناش بانكىسى 300 مىليون يۈەن خەلق پۇلى پاي قوشۇپ، جۇڭگو شىزاڭ بانكىسى قۇرۇشقا تەييارلىق % 20 پاينى كۆرسەتتى. 

2013-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى 7-نۆۋەتلىك شاڭخەي ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارغا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى يەرمەنكىسى نەق مەيداندا شاڭخەي پۇل مۇئامىلە بىرلەشمىسى كېڭەش باشلىقى ئورۇن، قاتناش بانكىسى ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارغا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى مەخسۇس ئۇچۇر ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

2016-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى جۇڭگو قاتناش بانكىسى، سودا–سانائەت بانكىسى، يېزا-ئىگىلىك بانكىسى، جوڭگۇ بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى قاتارلىق جۇڭگودىكى بەش چوڭ دۆلەت سودا بانكىسى بىرلىشىپ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#