ئاتۇش چۆپى

ئاتۇش چۆپى بولسا سېمىز قوي گۆشى ، تۇز ، ئاق ئۇن، قارىمۇچ ، پىياز، زەنجىۋىل ، سامساق ، كاۋاۋىچىن ، سەۋزە، تۇخۇم قاتارلىق ماتىرياللاردىن تەييارلىنىدىغان بۇلۇپ ،ناھايىتى يىيىشلىك .

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئاتۇش چۆپى
خەنزۇچە ئىسمى 阿图什切面

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خام ماتىريالىسېمىز قوي گۆشى بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، قارىمۇچ ئازراق، پىياز ئىككى باش، زەنجىۋىل ئازراق، سامساق بىر باش، كاۋاۋىچىن ئازراق، سەۋزە ئىككى باش، تۇخۇم ئىككى دانە. 

1. قوي گۆشىنى 140 گرام چوڭلۇقتا توغراپ، سوغۇق سۇغا سېلىپ، زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن بىلەن قوشۇپ پىشۇرۇلىدۇ. گۆش يېرىم پىشقاندا تۇز، سەۋزە سېلىنىدۇ. گۆش ۋە سەۋزە پىشقاندا سۈزۈپ ئېلىپ ئۇششاق يالپاقلاپ توغراپ، ئۇنىڭ شورپىسىدا پىشۇرۇلغان پىيازنى، سامساق، قارىمۇچ، تۇز ئارىلاشتۇرۇپ پىششىق قىيما تەييارلىنىدۇ. 

2. ئۇنغا تۇز، تۇخۇم قوشۇپ چىڭ يۇغۇرۇپ، نېپىز يېيىپ، ئۇزۇنلۇقى ئالىقاننىڭ يېرىمىدەك، كەڭلىكى ئۈچ قولدەك چۆپ كېسىپ تەييارلىنىدۇ. 

3. كېسىلگەن چۆپنى سۇدا پىشۇرۇپ، ئاندىن سوغۇق سۇدا چايقاپ لېگەنگە ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەييارلانغان پىششىق قىيمىنى تەكشى يېيىتىپ، تەمى تەڭشەلگەن قىزىق شورپىنى ئۈستىدىن قۇيۇپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. 

ئىچىش ئۈچۈن شورپىسى ئايرىم قاچىدا كەلتۈرۈلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#