- ئالما (خام دورا)
- ئالما (مېۋىنىڭ بىر تۈرى)
ئالما
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئالما ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق يوپۇرماق تاشلايدىغان، نەشپۈتكە ئۇرۇقداش دەرەخ، شۇنداقلا مەشھۇر مېۋە بولۇپ، يۇمىلاق، قىزىل، ئاق رەڭدە، كۆرۈنۈشى چىرايلىق. خۇش پۇراقلىق، تەمى تاتلىق، سۇلۇق، ئۈستىدە پوستى بار، ئىچىدە قارا ئۇرۇقلىرى بار، چېچىكى ئاق، قىزىل، شاپتۇل چېچىكى رەڭدە بولىدۇ. بۇ ئۈچ خىل بولۇپ، بىرىنچىسى تاتلىق، پوستى نېپىز، چوڭ، سۇلۇق؛ ئىككىنچىسى ئاچچىق-چۈچۈك، بىمەزە تەملىك، يوغانلىقى ئوتتۇرا ھال، ئۈچىنچىسى تەمى ئاچچىق، كىچىك بولىدۇ.
كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، ئاشقازان، مېڭە ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، سەۋدا خاراكتېرلىك ۋەسۋەسىلىكنى يوقىتىش، قۇرۇق يۆتەلنى تۈگىتىش، سەپرا خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈشنى ياخشىلاش، قۇسۇش ۋە ئۇسسۇزلۇقنى يوقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئالمىنىڭ مېۋىسى پىشقاندا، مېۋىسىنى يىغىۋېلىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ تاغلىق رايونلاردا كۆپ ئۆسىدۇ.
ئالمىنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ، ئىشتىھانى ئېچىپ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
ئالمىنى پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قۇرۇق يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئالمىنىڭ سۈيىنى شورپا، مۇسەللەس بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، كۆڭۈل ئېلىشىشنى پەسەيتىدۇ.
ئالمىنىڭ سۈيىنى چايان چاققان جايغا چېپىپ بەرسە، ئاغرىق توختىتىدۇ.
ئالمىنى دائىم ئىستېمال قىلسا، ۋابا، قەۋزىيەت، ئىچ سۈرۈش قاتارلىق سوزۇلما ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كىشىنى سەمرىتىدۇ.
ئالمىنى خېمىر قىلىپ كۆزگە تېڭىپ بەرسە، كۆز ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
ئالمىنىڭ شاخ ۋە مېۋىلىرىنى يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، زەھەر قايتۇرىدۇ.
ئالمىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان بىر لىتىر سۈيىگە 50 مىللىلىتىر ئاپېلسىن سۈيى، بىر كىلوگرام قەنت ئارىلاشتۇرۇپ قىيام تەييارلاپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ھەزىمنى ياخشىلاپ، ئاشقازان، مېڭە ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ؛ قۇسۇشنى توختىتىپ، قاننى سوۋۇتۇپ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.