فائېر تاقىم ئاراللىرى

فائېر تاقىم ئاراللىرى

ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شىمالىدىكى ئىسلاندىيە بىلەن نورۋېگىيە، ئەنگلىيىلەرنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان 22 كىچىك ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

نامى فائېر تاقىم ئاراللىرى
يەر مەيدانى 1399 كۋادرات كىلومېتىر
چەتئەلچە نامى Faroe Islands
ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغدىكى دېڭىز ئىقلىمى
خەنزۇچە نامى 法罗群岛
نوپۇسى 48,596 (2011-يىلى)
دىئالېكتى فارول تىلى ، دانىش تىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

فائېر تاقىم ئاراللىرىئاتلانتىك ئوكياننىڭ شىمالىدىكى ئىسلاندىيە بىلەن نورۋېگىيە، ئەنگلىيىلەرنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان 22 كىچىك ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئاراللارنىڭ 17 سىدە كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان. بۇ ئاراللار غەربىي شىمالىي ياۋروپا بىلەن ئىسلاندىيە ئارىلىقىدىكى مۇھىم ئاۋىئاتسىيە قاتناش لىنىيىسىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ دېڭىز، ھاۋا قاتناش ۋە ستراتېگىيە جگھەتتىكى ئەمھىيىتى ناھايىتى زور، ئاراللارنىڭ ئومۇمىمىي مەيدانى 1399 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سترومى، فوسدىل، سودېرى قاتارلىق ئاراللارنىڭ مەيدانى سەل چوڭراق.

 فائېر تاقىم ئاراللىرى شىمالىي كەڭلىك 61°25′ بىلەن 62°25′ ئارىلىقىغا جايلاشقان، لېكىن ئۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان يىللىق ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرغانلىقتىن، ئىقلىمى دېڭىز-ئوكاين خاراكتېرلىك ئىقلىمغا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 1500 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. يازلىقى سالقىن بولىدۇ، يەتتىنچى ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃10 قا يېتىدۇ. قىشلىقى بەك قاتتىق سوغۇق بولمايدۇ، تۇمانلىق كۈنلەر 200 كۈنگە يېتىدۇ.

فائېر تاقىم ئاراللىرى فائېر تاقىم ئاراللىرىنىڭ كۆپ قىسمى تاغلىق بولۇپ، ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى 288 مېتىر كېلىدۇ. فائېر تاقىم ئاراللىرى دانىيىگە قاراشلىق ئاپتونومىيە بولۇپ، ئۇنىڭ دۆلەت مۇداپىئە، دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى دانىيە باشقۇرىدۇ. ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى تورسخاۋېن شەھىرىگە مەركەزلەشكەن، فائېر تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئاھالىسى 44 مىڭ 732 گە يېتىدۇ(1984) ، ئاھالىنىڭ كۆپى فائېر مىللىتىدىن تەشكىل تاپقان، بۇ ئاراللار 1025-، 1380-يىللاردا نورۋېگىيە تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان، كېيىن دانىيىنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكەن. 1948-يىلى ئاپتونومىيە بولۇپ قۇرۇلغان، فائېر خەلقلىرى ئاساسەن بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇنىڭ 60 مىڭ توننىلىق كۆتۈرۈش كۈچىگە ئىگە بېىلىقچىلىق پاراخوتى بار، بېلىق مەھسۇلاتى 300 مىڭ توننىغا يېتىدۇ. بۇ جايدا بېقىلىۋاتقان قوي 700 مىڭدىن ئاشىدۇ. چارۋىچىلىق، بېىلىقچىلىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا، ساياھەت ئىشلىرىنى كەڭ دائىرىدە يولغا قويۇشقا شارائىتى تولۇق.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#