خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دەۋا ھەققى ئېلىش چارىسى

خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دەۋا ھەققى ئېلىش چارىسى

خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دەۋا ھەققى ئېلىش چارىسى 1989-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ 411-يىغىنىدا ماقۇللانغان.

بۇ چارە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى (سىناق نۇسخىسى)» نىڭ 3 ، 80 ، 178 ،  190-ۋە 200-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلغان.


ئۇيغۇرچە نامى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دەۋا ھەققى ئېلىش چارىسى
خەنزۇچە نامى 人民法院诉讼费用办法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب دەۋا ھەققى ئېلىش دائىرىسى

1-ماددا دەۋالاشقۇچىلار ھەق تەلەپ، ئىقتىسادىي، دېڭىز ئىشلىرى ۋە مەمۇرىي دەۋا قىلغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دېلو قوبۇل قىلىش ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك.

دەۋالاشقۇچىلاردىن شۇ دېلونىڭ سوتتا قارىلىدىغان ماتېرىيال ۋە قانۇن ھۆججەتلىرىنى قانۇن بويىچە تەقلىد قىلىۋالىدىغانلىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە كېتىدىغان خىراجەتنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

2-ماددا مال-مۈلۈك دېلوسى ۋە مەمۇرىي دېلودىكى دەۋالاشقۇچىلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە دېلو قوبۇل قىلىش ھەققىنى تاپشۇرغاندىن سىرت، تۆۋەندىكى ھەقلەرنىمۇ تاپشۇرۇشى كېرەك:

1. ئېنىقلاش، باھالاش، ئېلان، تەرجىمە (شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان مىللىي تىل  يېزىقتىسىكى بۇنىڭ سىرتىدا) ھەققى؛

2. گۇۋاھچى، باھالىغۇچى، ۋە تەرجىمانلاردىن خەلق سوت مەھكىمىسى بەلگىلەنگەن كۈندە سوتقا قاتناشقانلىرىنىڭ قاتناش، ياتاق، تۇرمۇش خىراجىتى ۋە ئىشتىن قېپقالغانلىقى ئۈچۈن بېرىلىدىغان ياردەم پۇل؛

3. دەۋا ئىشلىرى بويىچە ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىشىنى ئىلتىماس قىلىش خىراجىتى ۋە ئەمەلىي چىقىم قىلىنغان خىراجەت؛

4. ھۆكۈم، كېسىم ياكى مۇرەسسە كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئەمەلىي چىقىم قىلىنغان خىراجەت.

3-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىگە كېسىم ئورگىنىنىڭ قارارى، جامائەت گۇۋاھلىقى ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش كۈچىگە ئىگە ھەقدارلىق ھۆججىتى ۋە مەمۇرىي ئورگاننىڭ بىر تەرەپ قىلىش ياكى جازالاش قارارىنى ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش ھەققى ۋە ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئەمەلىي چىقىم قىلىنغان خىراجەتنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

4-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋالاشقۇچىلار تۆلەشكە تېگىشلىك دەپ قارىغان باشقا دەۋا ھەقلىرى.

2-باب دەۋا ھەققى ئېلىش ئۆلچىمى

5-ماددا دېلو قوبۇل قىلىش ھەققى:

1. نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلوسىدىن بىرىگە 10 يۈەندىن 50 يۈەنگىچە ھەق تاپشۇرۇلىدۇ. مال-مۈلۈك بولۇپ بېرىلىدىغان بولسا، مال-مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشمايدىغانلىرىدا ئايرىم ھەق ئېلىنمايدۇ؛ 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلىرىدا ئاشقان قىسمىغا  %1 بويىچە ھەق تاپشۇرۇلىدۇ؛

2. ئىسىم-فامىلە ھوقۇقى، نام ھوقۇقى، سۈرەت ھوقۇقى، شۆھرەت ھوقۇقى، شان  شەرەپ ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈشكە دائىر دېلولاردىن بىرىگەن 50 يۈەندىن 100 يۈەنگىچە ھەق تاپشۇرۇلىدۇ؛

3. مال-مۈلۈك دېلوسىدىن باشقا دېلولاردىن بىرىگە 10 يۈەندىن 50 يۈەنگىچە ھەق تاپشۇرۇلىدۇ؛

4.  مال-مۈلۈك دېلولىرىدا تالاش  تارتىش نىشانىنىڭ باھاسى ياكى سوممىسىغا قاراپ تۆۋەندىكى نىسبەت بويىچە ھەق تاپشۇرۇلىدۇ:

1) 1000 يۈەنگە يەتمىگەنلىرىنىڭ بىرىگە 50 يۈەن ھەق تاپشۇرۇلىدۇ؛

2) 1000 يۈەندىن ئاشقان، 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەن قىسمىغا %4  بويىچە ھەق تاپشۇرۇلىدۇ؛

3) 50 مىڭ يۈەندىن ئاشقان، 100 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەن قىسمىغا %3 بويىچە ھەق تاپشۇرۇلىدۇ؛

4) 100مىڭ يۈەندىن ئاشقان، 200 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەن قىسمىغا  %2 بويىچە ھەق تاپشۇرۇلىدۇ؛

5) 200 مىڭ يۈەندىن ئاشقان، 500 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەن قىسمىغا  %1.5بويىچە ھەق تاپشۇرۇلىدۇ؛

6) 500 مىڭ يۈەندىن ئاشقان، 1 مىليون يۈەنگە يەتمىگەن قىسمىغا %1 بويىچە ھەق تاپشۇرۇلىدۇ؛

7) 1 مىليون يۈەندىن ئاشقان قىسمىغا  %0.5 بويىچە ھەق تاپشۇرۇلىدۇ.

5. پاتېنت ھوقۇقى، ئاپتورلۇق ھوقۇقى، تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈشكە دائىر دېلولاردىن بىرىگە 50 يۈەندىن 100 يۈەنگىچە ھەق تاپشۇرۇلىدۇ؛ تالاش-تارتىش نىشانىنىڭ سوممىسى بارلىرىدا مال-مۈلۈك دېلولىرىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بويىچە ھەق تاپشۇرۇلىدۇ.

6. مەمۇرىي دېلولاردا تۆۋەندىكى ئۆلچەم بويىچە ھەق تاپشۇرۇلىدۇ:

1) ئامانلىق ساقلاشقا دائىر مەمۇرىي دېلولاردىن بىرىگە 5 يۈەندىن 30 يۈەنگىچە ھەق تاپشۇرۇلىدۇ؛

2) پاتېنتقا دائىر مەمۇرىي دېلولاردىن بىرىگە 50 يۈەندىن 400 يۈەنگىچە ھەق تاپشۇرۇلىدۇ؛

3) باشقا مەمۇرىي دېلولاردىن بىرىگە 30 يۈەندىن 100 يۈەنگىچە ھەق تاپشۇرۇلىدۇ؛ تالش-تارتىش نىشانىنىڭ سوممىسى بارلىرىدا مال-مۈلۈك دېلولىرىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بويىچە تاپشۇرۇلىدۇ.

7) ئەمگەك ماجىراسىغا دائىر دېلولاردىن بىرىگە 30 يۈەندىن 50 يۈەنگىچە ھەق تاپشۇرۇلىدۇ.

8. ۋەيران بولۇشقا دائىر دېلولاردا ۋەيران بولغان كارخانا مال-مۈلۈكنىڭ ئومۇمىي قىممىتىگە ئاساسەن، مال-مۈلۈك دېلولىرىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بويىچە ھەق تاپشۇرۇلىدۇ.

6-ماددا دەۋاگەر ئىككىدىن ئارتۇق دەۋا تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان، جاۋابكار قارشى دەۋا قىلغان ۋە ئۈچىنچى كىشى شۇ دېلوغا ئالاقىدار دەۋا تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسى بىر يولىلا سوت قىلىشقا توغرا كەلسە، دېلو قوبۇل قىلىش ھەققى ئوخشاش بولمىغان دەۋا تەلىپى بويىچە ئايرىم ھېسابلاپ ئېلىنىدۇ.

7-ماددا مال-مۈلۈك دېلولىرىدىن تەلەپ قىلىنغان مىقدار ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرىدە دېلو قوبۇل قىلىش ھەققى خەلق سوت مەھكىمىسى بېكىتكەن ئەمەلىي تالاش  تارتىش مىقدارى بويىچە ھېسابلاپ ئېلىنىدۇ.

8-ماددا ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلاردىن تۆۋەندىكى ئۆلچەم بويىچە ھەق ھېسابلاپ ئېلىنىدۇ:

1.ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشقا دائىر دېلولاردىن ئىجرا قىلدۇرۇلىدىغان سومما ياكى باھا 10 مىڭ يۈەنگە يەتمەيدىغانلىرىنىڭ بىرىگە 50 يۈەندىن ھەق تاپشۇرۇلىدۇ؛ 10 مىڭ يۈەندىن ئاشقان، 500 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەن قىسمىغا  %0.5بويىچە ھەق تاپشۇرۇلىدۇ؛ 500 مىڭ يۈەندىن ئاشقان قىسمىغا %0.1  بويىچە ھەق تاپشۇرۇلىدۇ.

2. دەۋا ئىشلىرى بويىچە ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىش ئىلتىماس قىلىنغانلىرىدىن ئامان ساقلىنىدىغان مال مۈلۈك سوممىسى ياكى باھاسى 1000 يۈەنگە يەتمەيدىغانلىرىنىڭ بىرىگە 30 يۈەن ھەق تاپشۇرۇلىدۇ؛ 1000 يۈەندىن ئاشقان، 100 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەن قىسمىغا %1 بويىچە ھەق تاپشۇرۇلىدۇ؛ 100 مىڭ يۈەندىن ئاشقان قىسمىغا  %0.1بويىچە ھەق تاپشۇرۇلىدۇ، لېكىن ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 500 يۈەندىن ئاز بولمايدۇ.

9-ماددا ئېنىقلاش ھەققى، باھالاش ھەققى، ئېلان ھەققى ۋە تەرجىمە ھەققى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلاپ تاپشۇرۇلىدۇ.

10-ماددا سوت خاتىرىسى ياكى قانۇن ھۆججەتلىرىنى تەقلىد قىلىۋالغۇچىلاردىن ئۇلارنىڭ ئەمەلىي تەننەرخى بويىچە ھەق ئېلىنىدۇ.

11-ماددا دەۋالاشقۇچىلار تاپشۇرىدىغان باشقا دەۋا ھەقلىرىنى خەلق سوت مەھكىمىسى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ۋە ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن بېكىتىدۇ.

3-باب دەۋا ھەققىنى ئالدىن تاپشۇرۇش

12-ماددا دەۋا قوبۇل قىلىش ھەققىنى دەۋاگەر ئالدىن تاپشۇرىدۇ. جاۋابكار قارشى دەۋا قىلغان بولسا، قارشى دەۋا سوممىسى ياكى باھاسى بويىچە ھېسابلانغان دېلو قوبۇل قىلىش ھەققىنى ئالدىن تاپشۇرىدۇ.

ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش ھەققىنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئالدىن تاپشۇرىدۇ.

دېلو قوبۇل قىلىش ھەققى 5-ماددىدا بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە ئالدىن تاپشۇرۇلىدۇ؛ باشقا دەۋا ھەققىنىڭ ئالدىن تاپشۇرۇلىدىغان سوممىسىنى  خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىدۇ.

13-ماددا دەۋاگەر دەۋا ھەققىنى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دەۋا ھەققىنى ئالدىن تاپشۇرۇش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە ئالدىن تاپشۇرىدۇ؛ قارشى دەۋا قىلىنغان دېلودا قارشى دەۋا قىلغۇچى قارشى دەۋا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا دېلو قوبۇل قىلىش ھەققىنى تاپشۇرىدۇ. ئالدىن تاپشۇرۇشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بارلار ئالدىن تاپشۇرۇش مۆھلىتى ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش ھەققىدە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. دەۋالاشقۇچىلاردىن ئالدىن تاپشۇرۇش مۆھلىتى ئىچىدە دەۋا ھەققىنى تاپشۇرمىغان ھەمدە كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش ھەققىدە ئىلتىماس قىلمىغانلىرى دەۋادىن ئۆزلۈكىدىن كەچكەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

نارازىلىق ئەرزى دېلولىرىنىڭ دەۋا ھەققىنى نارازىلىق ئەرزى قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى قىلغان چاغدا ئالدىن تاپشۇرىدۇ. دەۋالاشقۇچى ئىككىلا تەرەپ نارازىلىق ئەرزى قىلغان بولسا، دەۋا ھەققىنى دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئايرىم  ئايرىم ھالدا ئالدىن تاپشۇرىدۇ. نارازىلىق ئەرزى قىلغۇچى نارازىلىق ئەرزى مۆھلىتى ئىچىدە ئالدىن تاپشۇرۇلىدىغان دەۋا ھەققىنى تاپشۇرمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا دەۋا ھەققىنى ئالدىن تاپشۇرۇشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك. نارازىلىق ئەرزى قىلغۇچىلاردىن خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دەۋا ھەققىنى ئالدىن تاپشۇرۇش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، يەتتە كۈن ئىچىدە دەۋا ھەققىنى ئالدىن تاپشۇرمىغان ھەمدە كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش ھەققىدە ئىلتىماس قىلمىغانلىرى نارازىلىق ئەرزىدىن ئۆزلۈكىدىن كەچكەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلاردىن ئېلىنىدىغان ھەقنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئىلتىماس قىلغان چاغدا ئالدىن تاپشۇرىدۇ.

14-ماددا «ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى (سىناق نۇسخىسى)» نىڭ 32 ، 33  ۋە 34-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئۆتكۈزۈپ ۋە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن دېلولارنى ئەسلىي قوبۇل قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ئالدىن تاپشۇرۇۋالغان دەۋا ھەققى بىلەن قوشۇپ ئۆتكۈزۈۋالىدىغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

15-ماددا ئىقتىسادىي ماجىرا دېلولىرىنى سوت قىلىش جەريانىدا، شۇ دېلونىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسى ئىكەنلىكى سېزىلىپ، پۈتۈن دېلونى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە توغرا كەلسە، ئالدىن تاپشۇرۇلغان دېلو قوبۇل قىلىش ھەققى قايتۇرۇلىدۇ؛ ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن ئىقتىسادىي ماجىرانى داۋاملىق سوت قىلىشقا توغرا كەلسە، ئالدىن تاپشۇرۇلغان دېلو قوبۇل قىلىش ھەققى قايتۇرۇلمايدۇ.

16-ماددا دەۋا توختىتىپ قويۇلغان دېلودا ئالدىن تاپشۇرۇلغان دېلو قوبۇل قىلىش ھەققى قايتۇرۇلمايدۇ. دەۋانى توختىتىپ قويۇش سەۋەبى تۈگىگەندىن كېيىن، دەۋا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن چاغدا دېلو قوبۇل قىلىش ھەققى قايتا ئېلىنمايدۇ.

17-ماددا ئىككىنچى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا سوت قىلىشقا قايتۇرغان دېلودا ئالدىن تاپشۇرۇلغان دېلو قوبۇل قىلىش ھەققى قايتۇرۇلمايدۇ؛ قايتا سوت قىلغاندىن كېيىن، يەنە نارازىلىق ئەرزى قىلغانلاردىن دېلو قوبۇل قىلىش ھەققى قايتا ئېلىنمايدۇ.

18-ماددا دەۋا ئاياغلاشتۇرۇلغان دېلودا ئالدىن تاپشۇرۇۋالغان دېلو قوبۇل قىلىش ھەققى قايتۇرۇلمايدۇ.

4-باب دەۋا ھەققىنىڭ تۆلىنىشى

19-ماددا دېلو قوبۇل قىلىش ھەققىنى دەۋادا يېڭىلگۈچى تۆلەيدۇ. ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ جاۋابكارلىقى بولسا، ھەر ئىككى تەرەپ تۆلەيدۇ.

ئورتاق دەۋالاشقۇچىلار دەۋادا يېڭىلسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇلارنىڭ دەۋا نىشانى بىلەن بولغان مەنپەئەت مۇناسىۋىتىگە قاراپ، تۆلەيدىغان سوممىسىنى بېكىتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى مەخسۇس ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن قىلغان دەۋا ھەرىكىتى چىقىمىنى شۇ دەۋالاشقۇچى ئۆزى تۆلەيدۇ.

باشقا دەۋا ھەققىنىڭ دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ تۆلەيدىغان سوممىىنى خەلق سوت مەھكىمىسى كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىدۇ.

20-ماددا ئىككىنچى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكمىنى ئۆزگەرتكەندە، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئىككىنچى سوتتا تۆلەيدىغان دەۋا ھەققىنى بېكىتكەندىن باشقا، بىرىنچى سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دەۋا ھەققىنى تۆلىتىش توغرىسىدىكى قارارىنىمۇ مۇناسىپ ھالدا ئۆزگەرتىشى لازىم.

ئىككىنچى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرزنى رەت قىلغان دېلونىڭ قوبۇل قىلىش ھەققىنى نارازىلىق ئەرزى قىلغۇچى تۆلەيدۇ، ھەر ئىككىلا تەرەپ نارازىلىق ئەرزى قىلغان بولسا ئىككىلا تەرەپ تۆلەيدۇ.

21-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇرەسسەسى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان دېلونىڭ دەۋا ھەققىنى ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ تۆلەيدۇ؛ كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى بېكىتىپ بېرىدۇ.

ئىككىنچى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرزى قىلىنغان دېلونى سوت قىلغاندا، مۇرەسسەدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان بولسا، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى سوتتىكى بارلىق دەۋا ھەققىنى ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ تۆلەيدۇ؛ كېلىشەلمىسە، ئىككىنچى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى بېكىتىپ بېرىدۇ.

22-ماددا نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلولىرىدىكى دەۋا ھەققىنى كىم تۆلەشنى خەلق سوت مەھكىمىسى بېكىتىپ بېرىدۇ.

23-ماددا دەۋادىن كەچكەن دېلونى قوبۇل قىلىش ھەققىنى دەۋاگەر تۆلەيدۇ، ئۇنىڭدىن يېرىمى كېمەيتىپ ئېلىنىدۇ؛ باشقا دەۋا ھەققى ئەمەلىي چىقىم قىلىنغىنى بويىچە ئېلىنىدۇ.

دەۋا رەت قىلىنغان دېلونى قوبۇل قىلىش ھەققىنى دەۋا قىلغۇچى تۆلەيدۇ.

24-ماددا ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش ھەققى بىلەن ئىجرا قىلىش داۋامىدا ئەمەلىي چىقىم قىلىنغان خىراجەتنى ئىلتىماس قىلىنغۇچى تۆلەيدۇ.

دەۋا ئىشلىرى بويىچە ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىشنى ئىلتىماس قىلىش ھەققى ۋە دېڭىز ئىشلىرى، دېڭىز سودىسىغا ئائىت دېلودىكى كېمە  پاراخوتلارنى تۇتۇپ قېلىشنى ئىلتىماس قىلىش، مال، يېقىلغۇنى قالدۇرۇپ قويۇشنى ئىلتىماس قىلىش ھەققىنى دەۋادا يېڭىلگۈچى تۆلەيدۇ.

كېمە-پاراخوت ئىگىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چەكلەشنى ئىلتىماس قىلىش ھەققىنى ئىلتىماس قىلغۇچى تۆلەيدۇ.

25-ماددا دەۋالاشقۇچىنىڭ ناتوغرا ھەرىكىتىگە كەتكەن خىراجەتنى شۇ دەۋالاشقۇچى ئۆزى تۆلەيدۇ.

26-ماددا ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، يار  يۆلەك بولۇش، بېقىپ تەربىيىلەش ھەققى، نەپىقە پۇلى ۋە ئەمگەك ھەققى تەلەپ قىلىنغان دېلودا دەۋاگەر دېلو قوبۇل قىلىش ھەققىنى ئالدىن تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ؛ ئۇنى دېلو سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن دەۋادا يېڭىلگۈچى تۆلەيدۇ.

27-ماددا دەۋالاشقۇچىلاردىن دەۋا ھەققىنى تاپشۇرۇشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بارلىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش، كېمەيتىپ تاپشۇرۇش ياكى تاپشۇرۇشنى كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ. دەۋا ھەققىنى كېچىكتۈرۈشكە، كېمەيتىپ تاپشۇرۇشقا ۋە كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدىغان  بولمايدىغانلىقىنى خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ.

28-ماددا تۆۋەندىكى دېلولاردا دېلو قوبۇل قىلىش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ:

1. «ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى (سىناق نۇسخىسى)» دا بەلگىلەنگەن ئالاھىدە تەرتىپ بويىچە سوت قىلىنىدىغان دېلو؛

2. سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە ئالدۇرۇپ سوت قىلىنىدىغان، قايتا سوت قىلىنىدىغان دېلو.

29-ماددا دەۋالاشقۇچىلار خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دەۋا ھەققى توغرىسىدىكى قارارى ئۈستىدىلا ئايرىم نارازىلىق ئەرزى بېرىشكە بولمايدۇ.

5-باب دەۋا ھەققىنىڭ تاپشۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇلۇشى

30-ماددا دەۋالاشقۇچىلار خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، سوت مەھكىمىسىگە كېلىپ دەۋا ھەققىنى تاپشۇرىدۇ.

31-ماددا دېلو سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋا ھەققىنىڭ تەپسىلىي تالونىنى ۋە دەۋالاشقۇچىلارنىڭ تۆلەيدىغان سوممىسىنى ئۇلارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھۆكۈمنامە، كېسىمنامە ياكى مۇرەسسەنامىگە دەۋالاشقۇچىلار ئۆز ئالدىغا تۆلەيدىغان دەۋا ھەققىنى ئېنىق يېزىشى كېرەك. دەۋالاشقۇچىلار پۇل تاپشۇرۇش ھۆججىتى، ھۆكۈمنامە، كېسىمنامە ياكى مۇرەسسەنامىگە ئاساسەن خەلق سوت مەھكىمىسىدە دەۋا ھەققى راسچوتى قىلىپ، ئارتۇقىنى ئېلىۋېلىشى، كېمىنى تاپشۇرۇشى لازىم.

32-ماددا دەۋالاشقۇچىلاردىن خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دەۋا ھەققىنى ھېسابلاش قارارىغا باشقىچە پىكىردە بولغانلىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا ھەققىنى قايتا ھېسابلاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. دەۋا ھەققىنى ئىلتىماس قىلىشتا ھەقىقەتەن خاتالىق بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم ئارقىلىق تۈزىتىشى كېرەك.

33-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھەق ئېلىشقا ئائىت قاتتىق تۈزۈم ئورنىتىشى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى؛ ھەق ئېلىشقا قانۇندا بەلگىلەنگەن، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ھۆججەت ئىشلىتىلىشى لازىم.

34-ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەۋا ھەققىنى باشقۇرۇشتا دۆلەتنىڭ مالىيە تۈزۈمىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، مالىيە، ئىقتىسادىي تەپتىش تارماقلىرىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى لازىم.

6-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

35-ماددا چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوقلار، چەت ئەل كارخانىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغاندا مۇشۇ چارە تەتبىقلىنىدۇ. لېكىن، چەت ئەلنىڭ سوت مەھكىمىلىرى دۆلىتىمىزنىڭ پۇقرالىرى، كارخانىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ دەۋا ھەققىنى تۆلىشىگە قارىتا ئۆز دۆلىتى پۇقرالىرى، كارخانىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنىكىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئوخشاش پرىنسىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

36-ماددا بۇ چارە 1989-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ، ئەسلىدىكى «ھەق تەلەپ دەۋا ھەققى ئېلىش چارىسى (سىناق نۇسخىسى)» شۇ كۈنى ئەمەلدىن قالىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#