باكون

باكون كىشىلەر تەرىپىدىن ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن دەۋرىنىڭ پېشۋاسى دەپ قارىلىدۇ. ئۇ پەن-تېخنىكا دۇنيانىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىنى تۇنجى بولۇپ ھېس قىلغان پەيلاسوپ. ئۇ پراكتىكا پەنلىرى تەتقىقاتىنى قىزغىن قوللايتتى.باكون 1561-يىلى لوندوندا تۇغۇلدى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى باكون
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگىلىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1561-يىلى
كەسپى پەيلاسوپ ،يازغۇچى
خەنزۇچە ئىسمى 弗朗西斯·培根
يۇرتى لوندون
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1626-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

باكونباكون كىشىلەر تەرىپىدىن ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن دەۋرىنىڭ پېشۋاسى دەپ قارىلىدۇ. ئۇ پەن-تېخنىكا دۇنيانىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىنى تۇنجى بولۇپ ھېس قىلغان پەيلاسوپ. ئۇ پراكتىكا پەنلىرى تەتقىقاتىنى قىزغىن قوللايتتى.

باكون 1561-يىلى لوندوندا تۇغۇلدى. ئۇ ئەنگلىيە كورۇلىۋاسى ئېلىزابېت دەۋرىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارنىڭ چوڭ ئوغلى ئىدى. 12 ياش ۋاقتىدا كېمبرىد ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىردى. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ يەردىن ئايرىلغانلىقتىن ئالىي مەكتەپ دىپلومىغا ئېرىشەلمىدى. ئۇ 16 ياش ۋاقتىدا خىزمەتكە قاتناشتى. ئۇ ئەنگىلىيىنىڭ فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن بىللە پارىژغا بېرىپ، ئەلچىخانىدا بىر مەزگىل ئىشلىدى. 18 ياشقا كىرگەندە ئاتىسى ئۆلۈپ كەتتى. ئاتىسىدىن ئۇنىڭغا ھېچقانچە پۇل قالمىغانىدى. باكون قانۇن ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولدى، 21 يېشىدىن باشلاپ ئادۋۇكاتلىق بىلەن شۇغۇللاندى. 

باكون 23 يېشىدا ئەنگىلىيە تۆۋەن پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلاندى. كورۇلىۋا ئېلىزابېت پارلامېنتقا باجنى كۆپەيتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا باكون بۇ لايىھىنى ماقۇللاشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇ ۋەجىدىن كورۇلىۋا باكوننى يامان كۆرۈپ قالىدۇ.

باكون ئىشىكسىنىڭ دوستى ھەم مەسلىھەتچىسى ئىدى. ئىشكس نەپسانىيەتچى ئاقسۆڭەك ئىدى. ئۇ باكونغا ھېسداشلىق قىلاتتى، ئۇ كورۇلىۋا ئېلىزابېتقا قارشى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىماقچى بولغاندا، باكون ئۇنىڭغا كورۇلىۋاغا سادىق بولۇش كېرەكلىكى ھەققىدە نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ پەرۋا قىلمايدۇ. سىياسىي ئۆزگىرىش مەغلۇبىيەت بولىدۇ. باكون ئىشكسنى سوراق قىلىش ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش دېلوسىدا مەلۇم رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن ھەر قايسى قاتلامدىكى خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ.

باكون1603-يىلى كورۇلىۋا ئېلزابېت ۋاپات بولغاندا باكون يېڭى كورۇل جامېس Ⅰ گە مەسىلىھەتچى بولىدۇ. جامېس Ⅰ باكوننىڭ ۋەز-نەسىھەتلىرىگە ئانچە قۇلاق سېلىپ كەتمىسىمۇ لېكىن ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى. شۇڭا جامېس Ⅰ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللەردە ماكون تېز يۇقىرى ئۆرلەپ بىردىنلا يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشىدۇ. 1617-يىلى ئۇ مۆھۈردارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. 1618-يىلى باش سودىيە بولىدۇ. 1620-يىلى ئۇنىڭغا ۋىكتونلۇق مەرتىۋىسى بېرىلىدۇ.

ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت كېلىدۇ. باكون پارا ئالغان دەپ ئەيىبلىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە پارىخورلۇق ئەينى زاماندا كۆزگە سىڭىپ قالغان ئادەت بولۇپ، ھەرگىزمۇ يېڭىلىق ھېسابلانمايتتى. ئەمما باكوننىڭ پارلامېنتتىكى رەقىبلىرى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇنى ئەمەلدارلار سورۇنىدىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ. باكون پارا ئالغانلىقىنى يوشۇرماي ئىقرار قىلىدۇ، ئۇ لوندون مۇنارى تۈرمىسىگە قامىلىپ، نۇرغۇن جەرىمانە تۆلەيدۇ، ئەمەلدار بولۇشتىن ئۆمۈرۋايەت مەنئى قىلىنىدۇ.

لېكىن كورۇل ئۇنى قويۇپ بېرىپ، ئۇنىڭغا قويۇلغان جەرىمانىنى بىكار قىلىدۇ، باكون پەقەتلا سىياسىي ھاياتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. باكون پارلامېنتنىڭ قارارىغا مۇنداق باھا بەرگەنىدى: «مەن ئەنگىلىيىنىڭ 50 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئادىل سوتچىسى، پارلامېنتنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن چىقارغان ھۆكۈمى پارلامېنت 200 يىلدىن بۇيان چىقارغان ئەڭ ئادىل ھۆكۈمدۇر. » 

باكون ئۆزىنىڭ بىر نەچچە ئەسىرى بىلەن شان-شەرەپ قازاندى. ئۇنىڭ تۇنجى ئەسىرى «مۇھاكىمە ئەسەرلىرى توپلىمى» 1597-يىلى ئېلان قىلىنغان. بۇ ئەسەر تەنقىدىي ئۇسلۇبتا يېزىلغان بولۇپ، يارقىنلىقى بىلەن كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. باكون كىتابتا مۇنداق يازغان: «ياشلارنى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشقا مۇۋاپىق دېگەندىن كۆرە، يېڭىلىق يارىتىشقا مۇۋاپىق دېگەن تۈزۈك؛ ئۇلارنى نەسىھەت بېرىشكە مۇۋاپىق دېگەندىن كۆرە، كونكرېت ۋەزىپە ئۆتەشكە مۇۋاپىق دېگەن تۈزۈك؛ ئۇلارنى مۇقىم خىزمەتكە مۇۋاپىق دېگەندىن كۆرە، يېڭى تۈرلەرنى بەرپا قىلىشقا مۇۋاپىق دېگەن تۈزۈك؛ ئوتتۇرا ياشلىقلارغا كەلسەك، ئۇلار بىرەر ئىشقا دۇچ كەلگەندە ھامان قارشى تۇرۇش پوزىتسىيىسىنى تۇتىدۇ، ھەمىشە كېڭىشىدۇ، كۆپىنچە تەۋەككۈلچىلىك قىلمايدۇ. بىز ئەڭ ياخشىسى ھەر ئىككىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىشمىز لازىم، چۈنكى ھەر قاندا بىر تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئىككىنچى بىر تەرەپنىڭ كەمچىلىكىنى تولدۇرالايدۇ. »

نىكاھ ھەققىدە باكون مۇنداق دېگەنىدى: «خوتۇنى ۋە پەرزەنتلىرى بارلار ئۆزىنى تەقدىرگە تاپشۇرغانلار ھېسابلىنىدۇ. » 

باكوننىڭ ئەڭ ئۇلۇغ پەلسەپە ئەسەرلىرىدىن بىرى «ئۇلۇغ گۈللىنىش» دۇر. بۇ ئەسەر ئالتە قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، تاماملانغان قىسىملىرى: مۇقەددىمە، «يېڭى قورال» (بىر خىل يېڭىچە لوگىكىلىق ئۇسۇل توغرىسىدىكى بايان) ، «تەبىئەت تارىخى ۋە تەجرىبە تارىخى ھەققىدە بايان» (تەبىئەت تارىخىنى تەتقىق قىلىش ھەققىدىكى قىسقىچە بايان) ھەمدە «ئىلىم-پەننى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە» (ئىنسانىيەت بىلىملىرىنىڭ ساھەلىرى ۋە ئوبيېكتى ئۈستىدە تەھلىك يۈرگۈزگەن ئاساستا پەننىي تۈرلەرگە بۆلۈش) لاردىن ئىبارەت. «ئۇلۇغ گۈللىنىش» نىڭ مەزمۇنلىرىدىن بولغان بۆلۈملىرىدىن يەنە ئۈچ پارچە قىسقا مۇلاھىزە، بەزى پارچىلار ۋە «ئورمان ئىچىدىكى ئورمان» دەپ نام قويۇلغان ھادىسىلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان كۈزۈتۈشلەر ھەققىدىكى توپلاملار بار. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئاپتورنىڭ بەزى كۆز قاراشلىرىنى ھەمدە ئوخشاش بولمىغان ئۇسلۇبتىكى ئىلمىي ۋە پەلسەپىۋى تەپەككۇرلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر گۇرۇپپا خاتىرىمۇ بار.

باكون 1605-يىلدىن باشلاپ يېزىقچىلىق كىرىشكەن. لېكىن ئۇنىڭ تاماملانمىغان ئەسىرى «ئىلىم-پەننى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە» ئارىستوتېل دەۋىرىدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئەسەر دەپ قارىلىدۇ.

باكوننىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەسىرى «يېڭى ئاتلانتىك ئوكيان ئارىلى» دىن ئىبارەت. بۇ كىتابتا ئۇ ئاتلانتىك ئوكيانغا جايلاشقان بىر غايىۋى ئارال دۆلىتى ھەققىدە توختالغان ۋە ئۆزىنىڭ پەلسەپەۋى پرىنسىپلىرىنىڭ ئۇ يەردە سىياسىي ۋاستە ھەمدە دۆلەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەمەلگە ئاشقانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ كىتاب بىزگە توماس مور(1477-1535) نىڭ ئەسىرى «ئوتوپىيە» نى ئەسلىتىدۇ، لېكىن باكوننىڭ ئىدىيىسى مورنىڭكى بىلەن ئوخشاش ئەمەس. باكون ئۆزىنىڭ بۇ ئارال دۆلىتىنىڭ بەختى ۋە مەنپەئىتىنى ئىلىم-پەن تەتقىقاتىغا تاينىدۇ دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇ پۈتكۈل ياۋرۇپاغا پەقەت ئىلىم-پەن تەتقىقاتلار ياۋرۇپالىقلارنى غايىۋى ئارال دۆلىتىدىكى ئاھالىلەر بەھرىمەن بولۇۋاتقان گۈللىنىش ۋە بەختتىن بەھرىمەن قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#