ئاق گۈللۈك ماگنولىيە

ئاق گۈللۈك ماگنولىيە

 ئاق ماگنولىيە گۈللەر ئارىسىدا ئوچۇق ئاق گۈللۈك سورتلارنىڭ بىرى. جۇڭگونىڭ داڭلىق گۈل - گىياھى، شىمالدا باش ئەتىيازدا قارىشى ئېلىنىشى مۇھىم بولغان گۈللۈك دەرىخى، شاڭخەينىڭ شەھەر گۈلى، 2500 يىللىق ئۆستۈرۈش تارىخىغا ئىگە. ھازىرمۇ باغ- ھويلىلاردا مەشھۇر مەنزىرە دەرىخى بولۇپ كىلىنىۋاتىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى ئاق گۈللۈك ماگنولىيە
لاتىنچە ئىلمىي نامى Michelia alba DC
تارقالغان رايون جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھويلا -ئاراملار
خەنزۇچە نامى 白玉兰
باشقىچە نامى يۈلەن ، كۆزىتىش كۆكلەمگۈلى ، ئاق ماگنولىيە گۈلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاق گۈللۈك ماگنولىيەتەبىئەت دۇنياسىدا كۆپ ساندىكى ئۆسۈملۈكلەر ئالدى بىلەن يوپۇرماق چىقىرىپ بولۇپ ئاندىن ئېچىلىدۇ. لېكىن يەنە بەزىبىر ئۆسۈملۈكلەر ئالدى بىلەن ئېچىلغاندىن كىيىن يوپۇرماق چىقىرىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ تىپىكى ئاق گۈللۈك ماگنولىيە ھېسابلىنىدۇ.

ئاق گۈللۈك ماگنولىيە شاڭخەينىڭ شەھەر گۈلى. ھەر يىلى باش باھاردا ھاۋا بىر ئاز ئىللىشقا باشلىسىمۇ نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەر يەنىلا ئويغانمايدۇ، لېكىن شاڭخەي كوچىلىرىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى ئاق گۈللۈك ماگنولىيىلەرنىڭ يالىڭاچ شاخلىرىنىڭ ئۇچىدا ئاپئاق گۈللەر ئېچىلىپ كېتىدۇ. بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ شاخلىرىدا يوپۇرماق بىخلىرى چىقىپ ئارقىدىنلا يوپۇرماقلىرى ئاستا-ئاستا چوڭىيىشقا باشلايدۇ.

ئاق گۈللۈك ماگنولىيە  ماگنولىيە ئائىلىسى يۇپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. دەرەخ ئېگىزلىكى ئادەتتە 2 مىتىردىن 5 مېتىرغىچە ياكى ئېگىز بولغاندا 15 مېتىر كۈنلۈكسىمان دەرەخ تاجى. گۈللۈك ئاق، چوڭ تىپتىكى، خۇش پۇراق، ئىنچىكە يوپۇرماقلىرى ئوچۇق، چېچەكلەش مەزگىلى10 كۈن ئەتراپىدا. كۆكرەك ئىگىزلىكىنىڭ ئايلانمىسى 30 سانتىمېتىر؛ قوۋزىقى كۈل رەڭ؛ شاخ - يوپۇرماقلىرى ئىنتاين خۇشپۇراق؛ يۇمران شاخ ۋە بىخلىرى قويۇق سارغۇچ ئاق رەڭلىك مىكرو جانلىق تەرپىدىن چۈشۈرۋېتىلىدۇ. يوپۇرماقلىرى نېپىز، ئۇزۇن سوقىچاق ياكى توتۈنىسىمان يىڭنىسىمان ئېللىپىس شەكلىدە. ئۇزۇنلىقى 10 مىللىمىتىردىن 27 مىللىمىتىرغىچە، تۈۋى شىنا شەكىللىك، ئۈستىدە تۈكى يوق، شالاڭ ئۆسكەن ئۇششاق يۇمشاق تۈكلۈك.

ئاق گۈللۈك ماگنولىيەئاق گۈللۈك ماگنولىيىنىڭ ئالدى بىلەن ئېچىلىپ بولۇپ ئاندىن بوپۇرماق چىقىرىشى ئاساسەن ئېچىلىش بىلەن يوپۇرماق چىقىرىشتا زۆرۈر بولغان مۇھىت تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئوخشاشماسلىقىدىن بولىدۇ. بىر قانچە تال ئاق گۈللۈك ماگنولىيە شېخىنى سۇندۇرۇپ كېلىپ كۆزىتىدىغان بولساق، ئۇنىڭ گۈل بىخى بىلەن يوپۇرماق بىخى ۋە شاخ بىخلىرىنىڭ ئايرىم ئۆسىدىغانلىقىنى، گۈل بىخىنىڭ چوڭ بولۇپ، شاخلارنىڭ ئۇچىدا بولىدىغانلىقىنى بايقايمىز، ئۇنى قىش كۈنلىردىمۇ شاخلىرىدا كۆرگىلى بولىدۇ. ئاق گۈللۈك ماگنولىيە قىش پەسلى ئۇيقۇ ھالىتىدە تۇرىدۇ، لېكىن ئەتىياز كىرگەندە ھاۋا بىر ئاز ئىللىشقا باشلايدۇ. گۈل بىخىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مۇھىت تېمپېراتۇرىسى يوپۇرماق بىخىنىڭ بىخ سۈرۈشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تېمپېراتۇرىدىن تۆۋەن بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئاق گۈللۈك ماگنولىيىنىڭ ئاۋۋال گۈلى ئېچىلىدۇ.

ئاق گۈللۈك ماگنولىيەئەمەلىيەتتە ئالدى بىلەن گۈل ئېچىلىپ ئارقىدىن يوپۇرماق چىقىرىدىغان ئۆسۈملۈكلەر ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، يەسىمەن گۈلى، چىللىگۈل قاتارلىقلار. قىش كېتىپ ھاۋا ئەمدىلا ئىللىشقا باشلىغاندا يەسىمەن گۈلىنىڭ تومپىيىپ چىققان سېرىق ۋە يۇمران گۈللىرى خۇددى كىشىلەرگە ئەتىيازنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى دوكلات قىلىۋاتقاندەك تەسىرات بەرگەچكە، يەنە ئۇ «ئەتىياز كەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلىش گۈلى» دەپ ئاتالغان. قەھرىتان قىش كۈنلىرىدە ھەممە مەۋجۇداتلار. خازان بولغان ۋاقىتتا، پەقەت چىللىگۈللا قار-مۇزلار ئىچىدە مەغرۇر ئېچىلىپ، تاغ-دالىلارغا خۇش پۇراق چاچىدۇ.

 دورىلىق قىممىتى  

ئاق گۈللۈك ماگنولىيە يىلتىزى : سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسى يۇقۇملىنىش، سۈيدۈك راۋان بولماسلىق، غەلۋىرەك ئىششىقى بولۇپ قېلىش قاتارلىق كىسەللەرگە شىپا بولىدۇ.

 يوپۇرمىقى : ئىسسىقنى قايتۇرۇپ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش؛ يۆتەل توختىتىش؛ ئاساسىي سۈيدۈك يولى سىستېمىسى يۇقۇمىلىنىش؛ سۈيدۈك راۋان بولماسلىق؛ كانايچە ياللۇغى قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ. 

گۈلى : ھۆللۈكنى يوقىتىش؛ نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش؛ يۆتەل توختىتىش؛ باش قورساق كۆپۈش؛ ئاپتاپ ئۆتۈش؛ يۆتەل توختىتىش؛ مەزى بېزى ياللۇغى؛ بالياتقۇ ياللۇغى قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ.

ئىستېتىك قىممىتى  

ئاق گۈللۈك ماگنولىيە باغ - ئورمان مەنزىرە رايۇنى ئولتۇراق رايونى، مەكتەپ، كەسپىي ئورۇنلار، زاۋۇت، تاغ باغرىدا، ھويلا، يول، ئۆي - ئىمارەتلەر ئالدىدا دائىم ئۇچراتقىلى بۇلىدۇ. نۇرى ئاق بولغان، ناھايىتى يۇقىرى مەنزىرە قىممىتىگە ئىگە؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر خىل خۇش پۇراقلىقلار كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدۇ. 

 ئاق گۈللۈك ماگنولىيە چېچەكلىگەندىن كېيىن يوپۇرماقلىق، گۈلى ئاپئاق، گۈزەل ھەم خۇش پۇراق كىلىدۇ. باش ئەتىيازدا چېچەكلەيدىغان چاغدا خۇددى بۇلۇت دېڭىزىدەك ھەيۋەتلىك مەنزىرە ھاسىل قىلدۇ. بولۇپمۇ گىگانت تاش تاغ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ياۋا ئاق گۈللۈك ماگنولىيە بازىسى. ھەر يىلى دېھقانلار كالىندارىدا 2-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاق گۈللۈك ماگنولىيە بايرىمى، ساياھەتچىلەر مەنزىرە بايرىمى. [0]

 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#