ھەيز تۇتۇلۇش

ھەيز تۇتۇلۇش

نورمال ھەيز دەۋرلىكى تىكلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ھەر خىل سەۋەبتىن ئۇدا ئۈچ ئايغىچە ھەيز كەلمەسلىك بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. ھامىلىدارلىق دەۋرى، بالا ئېمىتىش دەۋرى ۋە ھەيز كېسىلىشتىن كېيىنكى ھەيز تۇتۇلۇش فىزىئولوگىيىلىك ھەيز تۇتۇلۇش بولىدۇ. بالاغەتكە يەتكەندە دەسلەپكى ھەيز كەلگەندىن كېيىن ياكى بىر نەچچە قېتىم ھەيز كەلگەندىن كېيىن بىر نەچچە ئاي ھەتتا 1~2 يىل ھەيز كەلمەي قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. بۇنى ئادەتتە بىر تەرەپ قىلمىسىمۇ بولىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى ھەيز تۇتۇلۇش
تەۋە بۆلۈم ئاياللار بۆلۈم
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ
خەنزۇچە نامى 继发性闭经
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قان خىلىتىنىڭ كېمىيىپ كېتىشى

ھەيز تۇتۇلۇش قان خىلىتى كېمىيىپ كەتكەندە، قان خىلىتىنىڭ بەدەندىكى بارلىق ئەزا-توقۇلمىلارنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىشى يېتەرلىك بولمايدۇ. شۇڭا مېڭە ۋە جىنسىي ئەزالارنىڭمۇ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشى ھەمدە روھنىڭ ھاسىل بولۇشى قىسمەن توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. نەتىجىدە مېڭىنىڭ سەزگۈ ھەرىكەت ئەسەبلىرى ۋە باشقۇرۇش، تەڭشەش ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمىتى ئاجىزلاپ (بۇزۇلۇپ) ، جىنسىي ئەزالار پائالىيىتىنىڭ تەڭشىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. جىنسىي ئەزالارنىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولمىغاچقا تۇخۇمدان ۋە بالىياتقۇنىڭ خىزمىتى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلايدۇ ھەمدە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ھەيز ھاسىل قىلىدىغان قەۋىتىنىڭ نورمال ئۆسۈشى ۋە ئىستىفراغ قىلىش پائالىيىتى تورمۇزلىنىدۇ. نەتىجىدە قان ئازلىقتىن بولغان ھەيز تۇتۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرى

كۆيگەن سەۋدا خىلىتى جىنسىي ئەزالارنىڭ قان تومۇر، توقۇلما ئارىلىق بوشلۇقلىرىدا چۆكمىگە چۈشۈپ ماددا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ ھەمدە قۇرۇق سوغۇق كەيپىيات ئارقىلىق جىنسىي ئەزالار جۈملىدىن تۇخۇمدان بىلەن بالىياتقۇنىڭ نورمال ھۆللۈكىنى قۇرۇتۇپ، خىزمەت پائالىيىتىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، ھەيز تۇتۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 قان خىلىتىنىڭ قويۇلۇپ قېلىشى

قويۇق قان خىلىتى تۇخۇمدان ۋە بالىياتقۇغا تەسىر قىلغاندا، نورمال قان ئايلىنىشنى ئاستىلىتىپ، مەلۇم دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ ھەمدە ئوزۇقلاندۇرۇش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەرلىك ئورۇندىكى ماددا ئالمىشىش قالايمىقانلىشىپ، توقۇلما ھۈجەيرىلەر يېتەرلىك مىقداردا قان ۋە باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئېرىشەلمەي بالىياتقۇ، تۇخۇمداننىڭ نورمال پائالىيىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. نەتىجىدە قويۇق قان خىلىتىدىن بولغان ھەيز تۇتۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئىككىلەمچى جىنسىي غەيرىيلىكلەر

بالىياتقۇ ۋە تۇخۇمداننى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

 جىنسىي ئەزا كېسەللىكلىرى 

ھەيز تۇتۇلۇش 1. جىنسىي ئەزادىكى كېسەللىكلەر يەنى تۇخۇمدان ئۆسمىسى، تۇخۇمدان راكى، تۇغۇت چەكلەش دورىلىرىنىڭ تەسىرى، جىنسىي ئەزا ياللۇغى، جىنسىي ئەزالار سىلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

2. جىنسىي ئەزالار زەخىملىنىش سەۋەبىدىن يەنى كۆپ قىردۇرۇش، رادىئاكتىپ نۇرلارنىڭ تەسىرىدىن زەخىملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

 باشقا كېسەللىكلەر تەسىرلىرى 

 دىئابېت، سېمىزلىك، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، قان تومۇرلار توسۇلۇش، بۆرەك ئۈستى بېزى، قالقانسىمانبەز ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى قاتارلىقلارنىڭ كېسەللىنىش سەۋەبىدىن ھېپۇپىز بېزىنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، ئاخىرىدا ھەيز كەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 پاسسىپ روھىي ئامىللار تەسىرى

ھەيز تۇتۇلۇش يەنى بەك قورقۇپ كېتىش، جىددىيلىشىش، مۇھىت ئالمىشىش، ھېرىپ-چارچاش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھەيز تۇتۇلۇش بولىدۇ. قان خىلىتى كېمىيىپ كېتىشتىن كېلىپ چىققان بولسا بەدىنى ئورۇق، چىرايى نۇرسىز، ماغدۇرسىز بولۇش، نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كېلىدۇ. كۆيگەن سەۋدا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا بەدەن تېرىلىرى قارامتۇل، نۇرسىز بولۇش، يۈزىگە داغ چۈشۈش، خىيال ۋە غەم-ئەندىشە كۆپ بولۇش قوشۇلۇپ كېلىدۇ. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى بىلەن ھەيز تۇتۇلۇش قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

كېسەللىك تارىخى ۋە تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. ھەيز دەۋرلىكى تىكلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇدا ئۈچ ئايغىچە ھەيز كەلمەيدۇ، بۇ ئالامەتكە ئاساسەن دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ. باشقا ئەزا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن بولغان بولسا، مۇناسىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ.

1. خىلىتلارنىڭ غەيرىيي تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ خىل غەيرىيي تەبىئىي خىلىتقا قارىتا تەڭشەش ۋە تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. ئومۇمىي بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ۋە باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، ئەسلىدىكى كېسەللىككە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

3.بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، ھەيزنى راۋان قىلىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، قان ئايلىنىشنى راۋان قىلىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

4. رەئىس ئەزالار ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

ھەيز تۇتۇلۇشقان خىلىتى كېمىيىپ كېتىشتىن كېلىپ چىققان بولسا قان خىلىتىنى كۆپەيتىش، قان تولۇقلاش مەقسىتىدە ئانار شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن، ئەنجۈر شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن؛ مەجۈنى خۇبسىل ھەدىد كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ئۈزۈم شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن؛ ئامىلە نۇشىدارى لۆئلۈۋى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ئەرقى مائۇللەھمى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، 30 مىللىلىتىردىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ھەيزنى راۋان قىلغۇچى دورىلاردىن زۇپا، پەتەر ئاساليۇن، ئاپتاپپەرەس، زاراڭزا، ئۇبھەل قاتارلىقلارنى قوشۇپ قائىدە بويىچە مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن ياكى ئۈستقۇددۇس شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن ياكى بادرەنجى بۇيا شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60 ~ 30 مىللىلىتىردىن 15 ~ 10 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچ نۇسخىسىغا خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ قائىدە بويىچە مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن ياكى مەتبۇخى ئەفتىمۇن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن ياكى ھەببى سەبرى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، 5 ~ 3 دانىدىن 5 ~ 3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، كۆيگەن سەۋدا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ. قان خىلىتى قويۇلۇپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان بولسا قان خىلىتىنى سۇيۇلدۇرۇش، تەڭشەش مەقسىتىدە سافىن تومۇردىن قان ئېلىنىدۇ ياكى پاچاققا ھىجامەت قويۇلىدۇ ھەمدە كاسىنە ئۇرۇقى، تەمرى ھىندى، ئەينۇلا، قارىئۆرۈك، شاتۇت، چىلان، بىھى قاتارلىقلاردىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، قائىدە بويىچە مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن 80 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ. چىلان شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن؛ بىھى شەربىتى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 40 مىللىلىتىردىن؛ ئالقات شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى كاسىنە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى گۈل كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ. توسالغۇلارنى ئېچىپ، ھەيزنى راۋان قىلىش مەقسىتىدە مەجۈنى خىيارشەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ داۋائىل كۇركۇم ھەر كۈنى ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 7 ~ 5 گرامدىن؛ سىركەنجىۋىل كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن، ھەببى مەنتىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 5 ~ 3 دانىدىن، ئايارەج پەيقىرا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 7 ~ 5 دانىدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. زاراڭزا چېچىكى، قارا شېكەر 30 گرامدىن، خىيار شەنبەر، سەۋزە ئۇرۇقى، سىيادان ھەر بىرىدىن 20 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ. ھەيزنى راۋان قىلىش مەقسىتىدە خىيار شەنبەر 50 گرام، تۇربۇت 15 گرام، ئۇبھەل 10 گرام، سوزاپ ئۇرۇقى 20 گرام، سانا 15 گرام، زاراڭزا گۈلى 15 گرام، زاراڭزا ئۇرۇقى 20 گرام، كەرەفشە ئۇرۇقى 15 گرام، سېرىق ئوت ئۇرۇقى 10 گرام، قىزىل لوۋىيا 20 گرام، بەدىيان 20 گرام، جۇۋىنا 15 گرام، كاسىنە ئۇرۇقى 10 گرام، قىزىلگۈل 10 گرام، بادام يېغى 15 مىللىلىتىر، قەنت 200 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە قاينىتىپ، شەربەت تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ. بالىياتقۇدىكى توسالغۇلارنى ئېچىش مەقسىتىدە دارچىن، سۇمبۇل، ھەببى بىلسان، ئۇدبىلسان، سەلىخە، جوزبۇۋا، لىچىندانە، قۇستە قاتارلىقلاردىن باراۋەر مىقداردا ئېلىپ، قايناتما تەييارلاپ، قايناتمىغا يۇڭنى چىلاپ، يۇڭ كىندىك، دوۋسۇن ساھەسىگە تېڭىلىدۇ. سوزاپ 30 گرام، ئۇبھەل 24 گرام، ھەببۇلئاس، تاغ پىننىسى ھەر بىرىدىن 12 گرام، ئۇرۇقىدىن ئاجرىتىلغان ئۈزۈم 60 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، كالا سۈتىدە يۇغۇرۇپ، پەزرىجە قىلىنىدۇ. جىنسىي ئەزالارنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، ھەيزنى راۋان قىلىش مەقسىتىدە سۇزاپ، بابۇنە، مەزرەنجۇش، پۇدىنە، ئىكلىلمىلىك، يالپۇز، ئۇبھەل، سېرىقچېچەك، ئەفسەنتىن قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گرام ئېلىپ، قاينىتىلما تەييارلاپ، قائىدە بويىچە كۈندە بىر قېتىم ئابىزەن قىلىنىدۇ. رەئىس ئەزالار ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، بالىياتقۇ ۋە تۇخۇمداننىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە داۋائىمىشكى كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىم 5 ~ 3 گرام، مۇپەررىھ قەلىب كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن بۇرۇن، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن، ئامىلە نۇشدارى لۆئلۇۋى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ئىترىفىل كەبىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، پىننە گۈلقەنتى كۈندە بىر قېتىم، تاماق ۋاقتىدا 20 ~ 10 گرامدىن، كېۋەز چېچىكى گۈلقەنتى ھەر كۈنى ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

1. تەستە سىڭىدىغان، يەللىك، غەلىز يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ. مەسىلەن: يېڭى كۆكتات، مېۋە-چىۋىلەر، توخۇ گۆشى، توخۇ شورپىسى، ئالما مۇرابباسى، ھېلىلە مۇرابباسى قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ.

3. ھەيز مەزگىلىدىكى ۋە ھەيزنىڭ ئالدى-كەينىدە ئېغىر ئەقلىي ۋە جىسمانىي ئەمگەكلەردىن، پاسسىپ روھىي غىدىقلاردىن يىراق بولۇشى كېرەك.

4. ئەمگەك ۋە دەم ئېلىشنى ياخشى بىرلەشتۈرۈش، جىنسىي ئەزالاردىكى باشقا كېسەللىكلەر بايقالسا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش، روھىي جەھەتتىن جۇشقۇن بولۇش، كۆڭۈل ئازادىلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۈمىدۋار ياشاشقا ئادەتلىنىش، غەم-ھەسرەت، قايغۇ-ئەلەملىرىنى چىقىرىپ تاشلاش كېرەك.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1309

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1309

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#