شىنجاڭ ئارزۇ سودا چەكلىك شىركىتى

شىنجاڭ ئارزۇ سودا چەكلىك شىركىتى

 شىنجاڭ ئارزۇ سودا چەكلىك شىركىتى،  1997 - يىلى تۇنجى بولۇپ كۆپ خىل ئىقتىدارلىق، ئۇيغۇرچە سىستېمىلىق VCD ئاپپاراتىنى مۇۋاپپەقىيەتلىك لايىھىلەپ ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالدى.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئارزۇ سودا چەكلىك شىركىتى
قۇرغۇچىسى ئەمەتجان ئەپەندىم
خەنزۇچە ئاتىلىشى 新疆阿尔祖商贸有限公司

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 شىنجاڭ ئارزۇ سودا چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە ئائىلە ئېلىكتىر بۇيۇملىرىنى ياساش- سېتىش ساھەسىدە يوقلۇقتىن بارلىققا كىلىپ، بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن 1997 - يىلى تۇنجى بولۇپ كۆپ خىل ئىقتىدارلىق، ئۇيغۇرچە سىستېمىلىق VCD ئاپپاراتىنى مۇۋاپپەقىيەتلىك لايىھىلەپ ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالدى. بۇ مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى، كۆپ خىل ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى، ئۇيغۇرچە ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەر يېزىقىدا چۈشەندۈرۈلىشى بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقى بىلەن كەڭ خەلق ئاممىسىنى بولۇپمۇ، تىل مەسىلىسىدە قىينىلىۋاتقان خەلقىمىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. شىنجاڭ ئارزۇ سودا چەكلىك شىركىتى پارتىيەنىڭ ئىسلاھاتنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ تىرىشىپ، يېڭىلىق يارىتىۋاتقان ھازىرقى زامانغا، دەۋرگە يۈزلەنگەن ئىلغار پەن تېخنىكىغا تايانغان، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە شىركەت بولۇپ قالدى.

  شىنجاڭ ئارزۇ سودا چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇپ ھازىرغا قەدەر شىركەتتىكىلەرنىڭ داۋاملىق ئىزدىنىپ تىرىشىش نەتىجىسىدە تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە بازارغا سېلىش جەھەتلەردە ئۆزىگە خاس چىقىش يولى تېپىپ، ناھايىتى تېزلا كۆلەم، دائىرە جەھەتتە كىشىنى خوشال قىلىدىغان تەرەققىيات ۋە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. 2004 - يىلى شىركەت يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئارزۇ ماركىلىق كۆپ ئىقتىدارلىق HDVD ئاپاراتىنى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالدى. 2010 - يىلى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن توك سەرپىياتى تۆۋەن، ئىلغار تېخنىكا قوللىنىلغان، ئىشلىتىش ئۆمرى ئۇزۇن، تاشقى كۆرۈنىشى كۆركەم، مۇھىت ئاسرايدىغان، سىغىمى چوڭ، شاۋقۇنسىز ئارزۇ ماركىلىق توڭلاتقۇنى ئىشلەپ بازارغا سالدى. ئۇنىڭدىن باشقا توك، سۇ تىجەيدىغان، ئىچكى ئورالمىسىغا ساپ مىس ئىشلىتىلگەن، كىر چىقىرىش ئۈنۈمى يۇقىرى، شاۋقۇنسىز ئاپتۇماتىك ۋە يېرىم ئاپتۇماتىك ئارزۇ ماركىلىق كىرئالغۇنى تۈركۈملەپ بازارغا سالدى يەنە ئارزۇ ماركىسىدىكى سۇيۇق كىرىستاللىق، ئاندىرويد، سىمسىز تور (wi-fi)،  كومپيۇتېر سېستىمىسى بىرلەشتۈرۈلگەن، ئەڭ نېپىز، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تېلىۋىزور، بۇستارتقۇ، گاز  ئوچاق، توك قازان، توك چەينەك، دوخوپكا، يۇقىرى بېسىملىق توك قازىنى، مىكرو كومپيۇتېرلىق ئېلىكتىر ماگنىتلىق توك ئوچاق،  مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق، بولكا پىشۇرۇش، خېمىر يۇغۇرۇش ماشىنىسى، توك مونچا قاتارلىق بىر يۈرۈش ئاشخانا بۇيۇملىرىنى بازارغا سالدى.

 شىنجاڭ ئارزۇ سودا چەكلىك شىركىتى ئارزۇ ماركىلق ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى 30خىلدىن ، تىپى ۋە نۇسخىسى جەھەتتە 200 خىلدىن ئېشىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللاپ سېتىۋېلىشقا قۇلايلىق شارائىت يارىتىپ بەردى. بۇ مەھسۇلاتلار سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى، ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرىلىقى، باھاسىنىڭ مۇۋاپىقلىقى، ئىشلىتىلىشكە قولايلىقلىقى بىلەن تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇپ - شىمالىدا شەھەرلەردىن ناھىيىلەرگىچە، بازارلاردىن يېزا قىشلاقلارغىچە تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ 100دىن ئارتۇق ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىسى بار بولغان كۆلەملەشكەن، سېستىملاشقان سودا تورىنى شەكىللەندۈردى. ئارزۇ شىركىتى يۇقارقىدەك ئەمەلىي نەتىجىلەرگە ئېرىشكەندىن سىرت كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھەقىقى ئىشەنچىسىگە، سۈپەت تېخنىكا - نازارەتچىلىكىنىڭ تەستىقلىشىغا، شۇنداقلا دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەردىن ۋاڭ لېچۇەن، ئىسمايىل ئەھمەد، ئابلەت ئابدۇرىشىت، ئىسمايىل تىلىۋالدى، نۇربەكرى، ئەركىن ئىمىرباقى، مىجىت ناسىر قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى.

ئەمەتجان ئەپەندىم

شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ئەمەتجان ئەپەندىم 2004 -يىلدىن 2014 - يىلغىچە تەجرىبە توپلاش ۋە بازار ئېچىش ئۈچۈن شىياڭگاڭ، ئاۋمىن، سىنگاپور، مالايسىيا، تايلاند، دۈبەي، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، بەھرەيىن، پاكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستان تۈركىيە، ئامېرىكا ۋە ئامېرىكىنىڭ 20 گە يېقىن شىتاتلىرى، كانادا، مىكسىكا، ياپۇنىيە، پىرانسىيە، گىرمانىيە، شىۋىتسارىيە، ئاۋىستىرىيە، ليۇكسۇنبورگ، شىۋىتسىيە، ئىتالىيە، ئاۋىستىرالىيە، نۇرۋىگىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىن بولۇپ 40 دۆلەت ۋە رايونلارغا بېرىپ، شۇ يەردىكى شىركەت، سودىگەرلەر بىلەن سودا ئالاقىسى ۋە مۇناسىۋەت ئورنىتىپ نەزەر دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى، شىركەت ۋە ئارزۇ ماركىسى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ يول ئاچتى. ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئىقتىساد سودا يەرمەنكىلىرىگە قاتناشتى. ھازىرقى كۈندە ئارزۇ ماركىلىق ئېلىكتىرون بۇيۇملىرى خەلقىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان، كۆڭۈلدىكىدەك ياردەمچىسىگە ئايلاندى.

 شىنجاڭ ئارزۇ سودا چەكلىك شىركىتى ئۆتكەنكى 18 يىللىق مۇساپىسىدە خەلقنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى تۈرتكىسىدە بۈگۈنكىدەك مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولغان شىركەتلەر قاتارىغا كىردى.

شىنجاڭ ئارزۇ سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ شۇئارى

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنجاڭ ئارزۇ سودا چەكلىك شىركىتى 

http://arzu.com.cn

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#