ماۋسولۇسنىڭ قەبرىسى

ماۋسولۇسنىڭ قەبرىسى

بۇ تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىللىك قەبرە 50 مېتىرچە ئىگىزلىكتە بولۇپ ، ئىگىزلىكى 20 قەۋەتلىك بىناغا يىقىنلىشىدۇ ، كەڭ كۆلەملىك قۇرۇلۇشتىن باشقا ، قەبرە ئىچىدىكى ھەيكەلمۇ ئوخشاشلا كىشىنى ھەيرەتكە قالدۇرىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ماۋسولۇس ئىنگىلىز تىلىدا « قەبرە » ( mausoleum ) دېگەن سۆزنىڭ مەنبەسى . ئۇنىڭ ھوقۇقىنىڭ سىموۋلى بولغان بۇ قەبرە ئۇ ئۆلگىچىمۇ پۈتمىگەن، كېيىن ئۇنىڭ خانىشى بۇ كاتتا قۇرۇلۇشنى ئۇنىڭ ئۈچۈن تاماملىغان، بۇ قەبرە پۈتىشى بىلەنلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولغان ۋە « دۇنيادىكى يەتتە چوڭ ئاجايىپ مەنزىرە » نىڭ قاتارىغا كىرگۇزۇلگەن ، ھەتتا بەزىلەر ئۇنى مىسىردىكى خوف پىرامىداسى بىلەن بىر قاتارغا قويىدۇ . 

بۇ تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىللىك قەبرە 50 مېتىرچە ئىگىزلىكتە بولۇپ ، ئىگىزلىكى 20 قەۋەتلىك بىناغا يىقىنلىشىدۇ ، كەڭ كۆلەملىك قۇرۇلۇشتىن باشقا ، قەبرە ئىچىدىكى ھەيكەلمۇ ئوخشاشلا كىشىنى ھەيرەتكە قالدۇرىدۇ. بولۇپمۇ ئۈچ ئورۇندىكى قاپارتما نەپىس بېزىكى ھەممىدىن قالتىس. 

بىرىنچى ئورۇندا تەسۋىرلەنگىنى ئات ھارۋىسى؛

ئىككىنچى ئورۇندا تەسۋىرلەنگىنى ئايال جەڭچى ئامازۇن (كىچىك ئاسىيالىق ئايال جەڭچىنى كۆرسىتىدۇ) نىڭ گىرېتسىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان كۆرۈنىشىدۇر؛

ئۈچىنچى ئورۇندىكىسى لاپىتلارنىڭ يېرىمى ئادەمگە، يېرىمى ئاتقا ئوخشايدىغان غەلىتە مەخلۇق (سېنتاۋۇر) بىلەن ئىلىشىۋاتقان كۆرۈنۈشى.

بۇ قەبرە پۈتۈپ 1500 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، بىر نەپەر باش روھانىينىڭ « پادىشاھ ماۋسولوسنىڭ قەبرىسىنى ئىلگىرىمۇ، ھازىرمۇ بىر ھەقىقىي كۆرۈنۈشتىن ئىبارەت» دەپ يازغىنى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.

ئەمما ماۋسولۇسنىڭ ئەرۋاھى ماكانلاشقا ن يەر مىلادىيە 15-ئەسىرنىڭ ئالدىدىكى بىر قىتىملىق قاتتىق يەر تەۋرەشتە ۋەيران بولغان. 1402 - يىلى قەبرە جايلاشقان يەر خالىكارناسسۇ ، باشقىلار تەرىپىدىن ئىستىلاھ قىلىنغان ، ئۆزلىرىنىڭ قەلئەلىرىنى قۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى قىلچە ئىككىلىنىپ ئولتۇرماستىنلا قەبرىنى تاش قىزىش مەيدانى قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ماۋسولۇسنىڭ قەبرسى ئۈزۈل كىسىل ۋەيران قىلىۋىتىلگەن، تەلىيى ئوڭدىن كىلىپ بالا - قازادىن قۇتۇلۇپ قالغان ئاز مىقداردىكى قاپارتما نەقىش پارچىلىرى ئەنگىلىيە ئارخېئولوگلىرى تەرىپىدىن ئىلىپ كېتىلىپ بۈيۈك بىرىتانىيە مۇزىيىدا ساقلاپ قويۇلغان. 

خالىكارناسسۇ شەھىرىنىڭ ئىلگىرىكى ئاۋاتلىقى ئاللىقاچان يوقالغان كىشلەر ھەتتا ئۇ گۈزەل پادىشاھ قەبرىسى جايلاشقان يەرنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ، گەرچە شەھەر ئىچىدىكى مەركىزى مەيداننىڭ خارابىسى يەنىلا ساقلىنىپ تۇرىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما ئاخىرىقى ھېسابتا كىشىلەر بۇ يەرنى ئۇنتۇپ كەتكەن.[0] 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    100%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#