تاجىگۈل دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. تاجىگۈل ()
  2. تاجىگۈل (ئۆسۈملۈك، گۈل )

تاجىگۈل

تاجىگۈل

تاجىگۈل  بولسا  «تاجىگۈل ئۇرۇقى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ . 

ئۇيغۇرچە نامى تاجىگۈل
ئىنگلىزچە Gockscomb Flower
چىقىش ئورنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە يەرلىرىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.
خەنزۇچە نامى 鸡冠花
تونۇش ئورفۇددىك(ئە)
ۋاقتى 8 – 10 – ئايلار ئارىلىقى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تاجىگۈلتاجىگۈل بولسا قامچىگۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك تاجىگۈلنىڭ گۈل تىزمىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، رەڭگى قىزىل، پۇراقسىز، تەمسىز. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى«تاجىگۈل»، ئۇرۇقى «تاجىگۈل ئۇرۇقى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ .ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە يەرلىرىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

ئاساسلىقى قان توختىتىش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، ھەيز توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەكىس تەسىرى

سوغۇقجان كىشىلەردە باش ئاغرىقنى پەيدا قىلىدۇ.

تاجىگۈل قايناتمىسى جىنسىي يول مويلۇق تامچە قۇرتىغا نىسبەتەن ئۆلتۈرۈش تەسىرىنى بېرىدۇ.

كامپىرىفترىن (Kam Pferitrin)، پىنتول (Pintol) ۋە كۆپ مىقداردىكى كالىي نىترات بار.

ئىشلىتىلىشى

تولغاق، ھەيز كۆپ كېلىش، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، سۈيدۈك ۋە مەنىي تۇتالماسلىق، قان تۈكۈرۈش، بوۋاسىر قاناش، بەل ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

تاجىگۈل1. تاجىگۈل، ئەنجىباھار، ئاقسەندەل قاتارلىقلاردىن 10 گرام، قىزىلگۈل چېچىكىدىن 7 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە قاينىتىپ ئىچسە، ھەيزنى توختىتىدۇ. 2. تاجىگۈل 7 گرام، سېمىزئوت ئۇرۇقىدىن، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىدىن 5 گرامدىن ئېلىپ، قاينىتىپ ئىچسە، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ.

مىقدارى

 5 ~ 10 گرام 

ساقلاش

8 – 10 – ئايلار ئارىلىقىدا گۈل تىزمىسى چوڭايغان ھەمدە بىر قىسىم مېۋىسى پىشقان چاغدا ئۈزۈپ ئېلىپ قۇرۇتۇلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

ھەسەل.

ئورۇنباسارى

ئەڭلىكئوت.

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

شەربىتى ئەنجىباھار.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#