چېن جيەنبىڭ

چېن جيەنبىڭ

جۇڭگونىڭ ئاتاقلىق كىنو چولپىنى-چېن جىيەنبىڭ 1970-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى دا تۇغۇلغان. جۇڭگونىڭ داڭلىق كىنو ئارتسى، جۇڭگو تېلېۋىزىيە سەنئەتكارلار بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئىتى، خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى چېن جيەنبىڭ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى شىنجاڭ ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونى
يۇلتۇز تۈركۈمى سەرەتان يۇلتۇز تۈركۈمى
بەدەن ئېغىرلىقى 74 كىلوگىرام
خەنزۇچە ئاتىلىشى 陈建斌
مىللىتى خۇيزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1970-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى
بوي ئېگىزلىكى 178 سانتىمېتىر
قان تىپى A تىپلىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چېن جيەنبىڭ1994-يىلى، مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتى ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتىنى تولۇق كۇرس ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەن. 1998-يىلى، مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتى ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىنى پۈتكۈزگەن، شۇ يىلى مەكتەپتە قېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 

چېن جيەنبىڭ1998-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستۇتىنى پۈتتۈرگەن، ئاكتىيور ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرگەن.

2002-يىلى مەملىكەتلىك درامما ئىنستىتۇتىغا كىرگەن.

1993-يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىر ساھەسىگە كىرگەن.

2003-يىلى داڭلىق ئارتىس شۈ فەن بىلەن بىرلىشىپ «10يىللىق نىكاھ» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرغا قاتنىشىپ، 24-نۆۋەتلىك تېلېۋىزىيە-تىياتىر باھالاش مۇراسىمىدا «پەرىزات مۇكاپاتى»نىڭ مۇنەۋۋەر ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ھەمدە 5-نۆۋەتلىك «ئالتۇن بۈركۈت» سەنئەتكارلارنى باھالاش مۇراسىمىدا «ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئەر ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

  2006-يىلى «چىياۋ ئائىلىسىنىڭ قەسىرى» ناملىق تېلېۋىزىيە-تىياتىرغا قاتنىشىپ، ئۈزلۈكسىز جۇڭگو تېلېۋىزىيە «ئالتۇن بۈركۈت» مۇكاپاتىنىڭ كۆرۈرمەنلىرى ئەڭ كۆپ، ئالقىشقا ئېرىشكەن ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

  2010-يىلى مەملىكىتىمىزنىڭ كىلاسسىك ئەسىرى بولغان «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» نىڭ يېڭى ئىشلەنگىنىدە، «ساۋساۋ» ئوبرازىنى يارىتىپ، كورىيە سېئۇل تېلېۋىزىيە-تىياتىر باھالاش مۇراسىمىدا ئەڭ ياخشى ئەر باش ئارتىس بولۇپ باھالانغان.

چېن جيەنبىڭنىكاھ ئىشلىرىغا سەپ سالساق، 2005-يىلى «چىياۋ ئائىلىسىنىڭ قەسىرى» ناملىق تېلېۋىزىيە-تىياتىرنى ئىشلەۋاتقاندا داڭلىق ئارتىس جىياڭ چىن چىن بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ، 2006-يىلى توي قىلغان. 2007-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدا ئوغۇل تۇغقان.

چېن جيەنبىڭ«10يىللىق نىكاھ»

«چىياۋ ئائىلىسىنىڭ قەسىرى»

«ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»

«جۇڭگوچە مۇناسىۋەت» 

«جاۋ كۇاڭيىن» 

«ئاتىلىق سالاھىيەت» 

«قېرىنداش ئاكىلار»

«ئايالغا ياردەملەشكەن قىز»

«سىز مېنىڭ لايىقىم» 

«ئارقا ئوردىدىكى پىياۋيىن» 

«مىسلى كۆرۈلمىگەن» 

«جوڭگونىڭ 1921-يىلى»  

چېن جيەنبىڭ2008-يىلى 10-ئايدا، جياڭ چىن چىن بىلەن بىللە «جۇڭگو غەيرەت قىل ! جۇڭگو يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خاتىرە پوچتا ماركىسى — جياڭ چىن چىن ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ لايىھەلىگەن»، مەقسەت جاھان ئەھلىگە شەپقەت چاقىرىقى چىقىرىش.

2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى، جياڭ ۋېنلى بىلەن جاڭ ۋېن، گې يوۋ، جۇشۈن، تاڭ ۋېي، پۇسۈنشىن قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇھىتىنى قوغداش ئۈچۈن خەلقئارا فوندى جەمئىيىتى ( International ) «تەبىئەتنىڭ گىپى» دېگەن جامائەت پاراۋانلىقى كىنوسىدا «يەر»گە يانداش ئاۋاز بەرگەن. 

جۇڭگو كىنو ئالتۇن خوراز مۇكاپاتى 

چېن جيەنبىڭ2015-يىلى 30-نۆۋەتلىك جۇڭگو كىنو ئالتۇن خوراز مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ نادىر تۇنجى رېژېسسورلۇق ئەسىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2015-يىلى 30-نۆۋەتلىك جۇڭگو كىنو ئالتۇن خوراز مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2015-يىلى 30-نۆۋەتلىك جۇڭگو كىنو ئالتۇن خوراز مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى سىنارىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى

2014-يىلى 51-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2014-يىلى51 -نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ۋەقەلىك فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2014-يىلى 51-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى يېڭى رېژىسسور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2014-يىلى 51-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2014-يىلى 51-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى سىنارىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

ئاسىيا كىنو مۇكاپاتى

2015-يىلى 9-نۆۋەتلىك ئاسىيا كىنو مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

خەنزۇ تاراتقۇ مۇكاپاتى

2016ـ يىلى 16-نۆۋەتلىك خەنزۇ تاراتقۇ مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2016ـ يىلى 16-نۆۋەتلىك خەنزۇ تىلى يېڭى تاراتقۇ مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2015-يىلى 15-نۆۋەتلىك خەنزۇ تاراتقۇ مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2013-يىلى 13-نۆۋەتلىك خەنزۇ تاراتقۇ مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتى

2006-يىلى 23-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتىنىڭ تاماشىبىنلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2004-يىلى 22-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتىنىڭ تاماشىبىنلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 

جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرى فېيتيەن مۇكاپاتى

2009-يىلى 27-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرى فېيتيەن مۇكاپاتىنى تارقىتىش تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2004-يىلى-24 نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرى فېيتيەن مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 

باشقا كىنو مۇكاپاتى

2016-يىلى 3-ئايدا «ياشلار كىنو قوللانمىسى» 2015 ـ يىللىق يېڭى رېژىسسور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2016-يىلى 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو كىنو رېژىسسورى جەمئىيىتى يىللىق ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2016-يىلى 1-ئايدا 6-نۆۋەتلىك ئالتۇن خالتىلىق ئېيىق خەلقئارا كىنو فېستىۋالى ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2012-يىلى 10-ئايدا 4-نۆۋەتلىك ئەنگلىيە مىڭ خەلقئارا كىنو فېستىۋالى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    100%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#