چىبىدىكى ئوت قويۇش

چىبىدىكى ئوت قويۇش

چىبىدىكى ئوت قويۇش دەل مەشھۇر چىبى جېڭىدۇر.

نامى چىبىدىكى ئوت قويۇش
باشقا ئاتىلىشى چىبى جېڭى
ئورنى چىبى، ۋۇلىن
ۋاقتى جيەنئەن سەلتەنىتىنىڭ 13 - يىلى ( 208 - يىلى )
خەنزۇچە نامى 火烧赤壁
باش قوماندان ساۋ ساۋ ; جۇ يۈ ، ليۇ بېي
ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار سۈن ، ليۇ بىرلەشمە قوشۇنى؛ ساۋ ساۋ قوشۇنى
ھەربىي كۈچ بىرلەشمە 50 مىڭ ، ساۋ ساۋ قوشۇنى 200 مىڭ
نەتىجىسى سۈن ، ليۇ بىرلەشمە قوشۇنى غەلىبە قىلدى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چىبىدىكى ئوت قويۇشچىبىدىكى ئوت قويۇش دەل مەشھۇر چىبى جېڭىدۇر. بۇ قېتىمقى جەڭدە، ئومۇمىي ئادەم سانى ساۋ ساۋ قوشۇنىنىڭ بەشتىن بىرىگە يەتمەيدىغان سۇن-ليۇ (سۇن چۈەن-ليۇ بېي) بىرلەشمە قوشۇنى ئەپچىل چارە-تەدبىر ئىشلىتىپ ساۋ ساۋ قوشۇنىنى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىپ، ئاخىر ئۈچ پادىشاھلىقنىڭ تىركىشىپ تۇرۇش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى.

چىبىدىكى ئوت قويۇشگۇەندۇ ئۇرۇشىدىن كېيىن، ساۋ ساۋ شىمالنى ئاساسىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلتۈردى. شەرقىي خەن سۇلالىسى جيەنئەننىڭ 13-يىلى (مىلادىيە 208-يىلى) ساۋ ساۋ نۇرغۇن كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، جەنۇبتىكى تەپرىقىچى كۈچلەرنى بىر يولىلا يوقىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرمەكچى بولدى. بۇ چاغدا، جىڭجۇ (ھازىرقى خۇنەن، خۇبېي ۋە خېنەننىڭ غەربىي جەنۇبىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى ئىگىلەپ ياتقان ليۇ بياۋ ئۆلگەن، ئۇنىڭ ئوغلى ليۇ سۇڭ ساۋ ساۋغا تەسلىم بولغان، ئەسلىدە ليۇ بياۋغا بېقىنغان ليۇ بېي مەغلۇپ بولۇپ فەنكۇ (ھازىرقى خۇبېي ئۆلكىسىدىكى ئېچېڭنىڭ غەربىدە) چېكىنگەنىدى. جياڭدۇڭ (چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى جياڭنەن ئەتراپلىرى) نى ئىگىلەپ ياتقان سۇن چۈەن كۈچلۈك ساۋ ساۋ قوشۇنىغا دۇچ كەلگەندىن كېيىن، ليۇ بېي بىلەن بىرلىشىپ ساۋ ساۋغا تاقابىل تۇرۇش قارارىغا كەلدى. ليۇبېي ھەربىي مۇشاۋىر جۇگې لياڭنى سۇن چۈەن بىلەن بىرلىكتە ساۋ ساۋغا تاقابىل تۇرۇش پىلانى تۈزۈشكە جياڭدۇڭغا ئەۋەتتى. سۇن چۈەن جۇ يۈينى باش لەشكىرىي تۇتۇقلۇققا تەيىنلەپ، ئۇنى خىللانغان 30 مىڭ لەشكەرنى باشلاپ ليۇ بېينىڭ 10 مىڭدىن ئارتۇق لەشكىرى بىلەن بىرلىشىپ، چىبى ئەتراپلىرىدا (ھازىرقى خۇبېي ئۆلكىسى جيايۈينىڭ شەرقىي شىمالىدا) ساۋ ساۋ قوشۇنلىرىغا قارشى تۇرۇشقا ئەۋەتىپ، ھەل قىلغۇچ جەڭ سېپىنى ئاچتى.

چىبىدىكى ئوت قويۇش ساۋ ساۋ قوشۇنىدا 200 نەچچە مىڭ لەشكەر بار بولۇپ، لەشكەرلەرنىڭ كۆپچىلىكى شىماللىق بولغاچقا جەنۇبقا كەلگەندىن كېيىن ھاۋا كىلىماتىغا ماسلىشالماي، قوشۇندا يۇقۇملۇق كېسەل تارقالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىماللىق لەشكەرلەر دەريا دولقۇنىنىڭ چايقىشىغا كۆنەلمەي، كېمىدە بېشى قېيىپ قۇسۇپ، سۇدا جەڭ قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ساۋ ساۋ جەڭ كېمىلىرىنى بىر-بىرىگە زەنجىرلەپ چېتىپ، ئۈستىگە تاختاي ياتقۇزۇپ «چاتما كېمە» قىلىشقا پەرمان چۈشۈردى. جۇ يۈينىڭ قول ئاستىدىكى سەركەردە خۇاڭ گەي چاتما كېمىنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقىنى بايقاپ، ئوت ھۇجۇمى چارىسى بىلەن دۈشمەننى مەغلۇپ قىلىش تەكلىپىنى بەردى. خۇاڭ گەي ساۋ ساۋغا مەكتۇپ يېزىپ، يالغاندىن جۇ يۈينىڭ خورلۇقىغا ئۇچرىغاچقا، قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ تەسلىم بولماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ساۋ ساۋ بۇنىڭغا ئىشىنىپ، تەسلىمنى قوبۇل قىلىدىغان ۋاقىت ۋە مەخپىي بەلگىنى بېكىتتى، تەسلىمنى قوبۇل قىلىدىغان كۈنى خۇاڭ گەي كېمىلەرگە مايغا چىلانغان قۇرۇق ئوتۇنلارنى لىق قاچىلاپ، ئەتراپىغا تۇغلارنى قاداپ نىقابلاپ، ساۋ ساۋ قوشۇنلىرىنىڭ سۇ لەشكەرلىرى بارگاھىغا ئىككى چاقىرىم كېلىدىغان سۇ يۈزىگە كەلگەندە قۇرۇق ئوتۇنلارغا ئوت ياقتى. ئەينى چاغدا كۈچلۈك شەرقىي جەنۇب شامىلى چىقىۋاتقاچقا، ئوت شامالدا تېخىمۇ ئۇلغىيىپ، ساۋ ساۋ قوشۇنلىرىنىڭ كېمىلىرىگە تۇتاشتى. ساۋ ساۋ قوشۇنلىرىنىڭ جەڭ كېىملىرى تۆمۈر زەنجىرلەر بىلەن مەھكەم چېتىۋېتىلگەچكە، ئاسانلىقچە ئاجراتقىلى بولمىدى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە سۇ يۈزى ئوت دېڭىزىغا ئايلىنىپ، دەريانىڭ قارشى قىرغىقىدىكى تاش قەلئەمۇ قىپقىزىل يورۇپ كەتتى. كۈچلۈك ئوت قىرغاقتىكى ساۋ ساۋ قوشۇنلىرى بارگاھىغا تۇتىشىپ كەتكەچكە، ساۋ ساۋ قوشۇنلىرى ئالمان-تالمان قېچىشقا باشلىدى. دەل شۇ چاغدا سۇن-ليۇ بىرلەشمە قوشۇنى پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى، ساۋ ساۋ قوشۇنىدىكى نۇرغۇن لەشكەر ئۆلدى ۋە يارىلاندى. ساۋ ساۋ ئاز ساندىكى قېپقالغان لەشكەرلىرىنى باشلاپ خۇارۇڭ چىغىر يولى بىلەن قېچىپ كەتتى.

ئۆلۈم يىتىم ئەھۋالى 

ساۋ ساۋ « يېرىمىدىن كۆپرەكى تالاپەتكە ئۇچرىغان » ، كۆپىنچە جىڭجۇ تەسلىم بولغان ئەسكەرلەر

چىبىدىكى ئوت قويۇشچىبى ئۇرۇشىدا ساۋ ساۋ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەن ئىقتىدارىنى يۇقىتىپ قويدى، ئەمما سۇن، ليۇ ئىككى تەرەپ بولسا، شۇ غەلىبە قىلغان يەردىن باشلاپ تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، ھەر قايسىسى ئۆزلىرىنىڭ تەسىركۈچى بىلەن، ليۇ بېي سۇن چۇەن دېيىشكەن جىجىڭ ئايمىقى تەرەپكە ئەمەلىي كۈچى تېز زورايدى شۇنىڭ بىلەن يىجۇ كۆزلەپ، سۇن چۇەن قايتا شەخسەن ئۆزى زور قوشۇننى باشلاپ ھۇجۇم خېفېي، قانچە قېتىملىق جەڭدە پايدىسى بولمىدى، پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى. ساۋ ساۋ شىمالنى قايتۇرۋالغاندىن كېيىن، ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىشقا بەش يىل كەتتى، گۇەنجۇڭ تىنچىتىلغاندىن كېيىن ئاندىن كەڭ كۆلەمدە سۇن چۇەن جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ جاھان ئۇرۇشىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۈچكە يېرىلغان مودىل، ئۈچ پادىشاھلىق تىركىشىپ تۇرۇش ئاساسىنى سالدى.  [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#