جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامى قانۇنى

دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامى قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامى قانۇنى (2015–يىل 12–ئاينىڭ 27–كۈنى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18–يىغىنىدا ماقۇللانغان). 2016–يىل 1–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامى قانۇنى
تارقاتقان ئاپپارات 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国国家勋章和国家荣誉称号法
ئېلان قىلغان ھۆججەت نومۇرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 38-نومۇرلۇق
يولغا قۇيۇلغانى ۋاقىت 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامى قانۇنىجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى 38- نومۇرلۇق ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامى قانۇنى›› 2015-يىل 12-ئاينىڭ 27-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 - يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىنغان، 2016-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

1-ماددا بۇ قانۇن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىدا گەۋدىلىك تۆھپە ياراتقان مۇنەۋۋەر زاتلارنى تەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاش، مىللىي روھ ۋە دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، مەملىكىتىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك زامانىۋى دۆلەت قۇرۇش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

2-ماددا دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي شەرىپى ھېسابلىنىدۇ.دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىنى تەسىس قىلىش ۋە بېرىشتە، مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا دۆلەت ‹‹جۇمھۇرىيەت ئوردېنى›› تەسىس قىلىدۇ، ئۇنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىدا ۋە دۆلەتنى قوغداشتا زور تۆھپە ياراتقان، ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن مەشھۇر زاتلارغا بېرىدۇ.دۆلەت ‹‹دوستلۇق ئوردېنى›› تەسىس قىلىدۇ، ئۇنى دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ۋە چەت ئەللەر بىلەن بولغان ئالاقە - ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشتا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان چەت ئەللىكلەرگە بېرىدۇ.

4-ماددا دۆلەت دۆلەت شەرەپ نامى تەسىس قىلىدۇ، ئۇنى ئىقتىساد، جەمئىيەت، دۆلەت مۇداپىئەسى، دىپلوماتىيە، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق ھەرساھە، ھەر كەسىپلەردە زور تۆھپە ياراتقان، ئالىي شەرەپكە ئېرىشكەن مەشھۇر زاتلارغا بېرىدۇ.دۆلەت شەرەپ نامىدا ‹‹خەلق›› دېگەن سۆز ئىشلىتىلسىمۇ، باشقا نام ئىشلىتىلسىمۇ بولىدۇ. دۆلەت شەرەپ نامىنىڭ كونكرېت نامىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شەرەپ نام بېرىشنى قارار قىلىدىغان چاغدا بېكىتىدۇ.

5-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دۆلەت ئوردېنى، دۆلەت شەرەپ نامى بېرىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ.گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دۆلەت ئوردېنى، دۆلەت شەرەپ نامى بېرىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ.

6-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىي دائىمىي كومىتېتى دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامى بېرىشنى قارار قىلىدۇ.

7-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە دۆلەت ئوردېنى، دۆلەت شەرەپ نام مېدالى بېرىدۇ ۋە گۇۋاھنامە بېرىدۇ.

8-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى دۆلەت ئىشلىرى پائالىيىتىدە چەت ئەللىك سىياسىي ئەربابلار، خەلقئارا دوستلارغا ‹‹دوستلۇق ئوردېنى›› نى بىۋاسىتە بەرسە بولىدۇ.

9-ماددا دۆلەت دۆلەت بايرىمى كۈنىدە ياكى باشقا مۇھىم بايرام، خاتىرىلەش كۈنلىرىدە دۆلەت ئوردېنى، دۆلەت شەرەپ نامى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، دۆلەت ئوردېنى، دۆلەت شەرەپ نامى بېرىش مۇراسىمىنى باشقا ۋاقىتلاردا ئۆتكۈزسىمۇ بولىدۇ.

10-ماددا دۆلەت دۆلەت تۆھپە خاتىرىسى تەسىس قىلىدۇ، ئۇنىڭغا دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ تۆھپىسى خاتىرىلىنىدۇ.

11-ماددا دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەر دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشى، دۆلەت تەبرىك مۇراسىمى ۋە باشقا مۇھىم پائالىيەتلەرگە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىش قاتارلىق يۈكسەك ئىززەت - ھۆرمەتتىن ۋە دۆلەت بەلگىلىگەن تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك.

12-ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئالاھىدە تۆھپىسى ۋە كۆرۈنەرلىك ئىش-ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ.

13-ماددا دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەر ئۇنىڭدىن ئۆمۈرۋايەت بەھرىمەن بولىدۇ، لېكىن مۇشۇ قانۇندا بىكار قىلىش بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

14-ماددا دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەر دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامى مېدالىنى بەلگىلىمە بويىچە تاقىشى، ئوردېن، مېدال ۋە گۇۋاھنامىنى ئوبدان ساقلىشى كېرەك.

15-ماددا دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەردىن ۋاپات بولغانلىرىنىڭ ئوردېنى، مېدالى ۋە گۇۋاھنامىلىرىنى ئۇنىڭ ۋارىسى ياكى بېكىتكەن ئادىمى ساقلايدۇ؛ ۋارىسى ياكى بېكىتكەن ئادىمى يوق بولسا، دۆلەت ساقلىسىمۇ بولىدۇ.دۆلەت ئوردېنى، دۆلەت شەرەپ نامى مېدالى ۋە گۇۋاھنامىنى سېتىشقا، ئىجارە بېرىشكە ياكى باشقا تىجارەتلىك پائالىيەت ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

16-ماددا ھايات چېغىدا گەۋدىلىك تۆھپە يارىتىپ، مۇشۇ قانۇندىكى دۆلەت ئوردېنى، دۆلەت شەرەپ نامى بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەن زاتلاردىن مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ۋاپات بولغانلىرىغا دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىنى بېرىشكە بولىدۇ.

17-ماددا دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەر دۆلەت بەرگەن شەرەپنى قەدىرلىشى ۋە ساقلىشى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا نەمۇنىلىك بىلەن ئەمەل قىلىشى، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىشى، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىنىڭ ئىززەتھۆرمىتىنى ئاڭلىق ھالدا قوغدىشى كېرەك.

18-ماددا دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەردىن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قانۇن بويىچە جازا ھۆكۈم قىلىنغانلىرى ياكى قانۇن، ئىنتىزامغا خىلاپ ئېغىر جىنايى قىلمىش سادىر قىلغان تۇرۇقلۇق دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىدىن داۋاملىق بەھرىمەن بولغان، دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي شەرەپ نامىغا ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزگەنلىرىنىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

19-ماددا دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا مۇناسىۋەتلىك كونكرېت ئىشلارنى دۆلەتنىڭ تۆھپە-شەرەپ بېرىش، تەقدىرلەشكە ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتى بېجىرىدۇ.

20-ماددا گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئۆزىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە تۆھپە-شەرەپ بېرىش، مۇكاپاتلاش-تەقدىرلەش خىزمىتىنى ئىشلىسە بولىدۇ.[0]

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامى قانۇنى

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#