ۋاشىنگتون دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. ۋاشىنگتون (شەخىس )
  2. ۋاشىنگتون (ۋاشىنگتون شەھىرى)
شەخىس

ۋاشىنگتون

ۋاشىنگتون

گېئورگى. ۋاشىنگتون 1732-يىلى ئامېرىكا ۋىرگىنىيە شىتاتىنىڭ ۋېستىمولاند دېگەن يېرىدە توغۇلدى. ئۇ بىر ھاللىق قورۇق ئىگىسىنىڭ ئوغلى بولۇپ، 20 يېشىدا كاتتا بىر قورۇققا ۋارىسلىق قىلدى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ۋاشىنگتون
باشقا نامى George Washington
تۇغۇلغان ۋاقتى 1732-يىلى
كەسپى سىياسىيون ،ھەربىي ئالىم ،زۇڭتۇڭ
خەنزۇچە ئىسمى 乔治·华盛顿
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1799-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋاشىنگتونگېئورگى. ۋاشىنگتون 1732-يىلى ئامېرىكا ۋىرگىنىيە شىتاتىنىڭ ۋېستىمولاند دېگەن يېرىدە توغۇلدى. ئۇ بىر ھاللىق قورۇق ئىگىسىنىڭ ئوغلى بولۇپ، 20 يېشىدا كاتتا بىر قورۇققا ۋارىسلىق قىلدى.

1753-1758-يىللىرى ۋاشىنگتون ھەربىي سەپتە ئىشلەيدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ فرانسىيە-ھىندىستان ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، ھەربىي ئىشلار جەھەتتە تەجرىبىگە ئىگە بولىدۇ ھەمدە قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھۈرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. 

1758-يىلى، ۋاشىنگتون ھەربىيلىكتىن يېنىپ، ۋىرگىنىيەگە قايتىپ كېلىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىككى بالىسى بار بىر تۇل خوتۇن بىلەن توي قىلىدۇ. ئۇ توي قىلغاندىن كېيىنكى 15 يىل ئىچىدە، قورۇق ئىشلىرىنى ناھايىتى نەتىجىلىك باشقۇرۇپ كەلدى. 1774-يىلى ۋاشىنگتون ۋېرگىنىيە پارلامېنتىغا ۋەكىل قىلىپ كۆرسىتىلىپ، بىرىنچى نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنىغا قاتناشتى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئامېرىكا يېرىم مۇستەملىكىسىدىكى ئەڭ باي ئادەمنىڭ بىرى ئىدى. 1775-يىلى 6-ئايدا، چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنى ئۇنى بىردەك چوڭ قۇرۇقلۇق قوشۇنىنىڭ باش قوماندانلىقىغا سايلىدى. ۋاشىنگتون بۇ ۋەزىپىنى ئۆتەشكە مۇناسىپ ئىدى. چۈنكى ئۇ ھەربىي ئىشلاردا تەجرىبىسى بار، بايلىقى ئېشىپ-تېشىپ تۇرىدىغان، ئابرۇيلۇق ئادەم ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ناھايىتى قاۋۇل ئىدى. بويىنىڭ ئېگىزلىكى 2.6 فوت كېلەتتى ھەمدە تاش يۈرەك، ئىرادىلىك، كەسكىن ئادەم ئىدى، باشقۇرۇش ئىقتىدارى يۇقىرى ئىدى. ئۇرۇش مەزگىللىرىدە، ۋاشىنگتون باشتىن-ئاخىر ھەربىي ۋەزىپىنى ھەقسىز ئۆتىگەنىدى، خىزمەت قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى. 

ۋاشىنگتون ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى 1775-يىل 6-ئايدىن 1797-يىلى 3-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، يەنى چوڭ قۇرۇقلۇق باش قوماندانى بولغان مەزگىلدىن زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىن چۈشكەنگە قەدەر بولغان ئارىلىقتا ئەمەلگە ئاشۇرغانىدى. ئۇ 1799-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچ سائەت ئوندا، كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ۋىرگىنىيەدە ئۆيىدە ۋاپات بولدى. 

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ياراتقۇچىلىرىنىڭ بىرى، پۈتۈن ھاياتىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان شەخس، ۋاشىنگتوننىڭ ئابرۇيى مۇنداق ئۈچ جەھەتتە تىكلەنگەن؛

بىرىنچىدىن، ئۇ ئامېرىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر ھەربىي گېنېرال. دەرۋەقە، ۋاشىنگتون ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ۋە قەيسەرلەردەك ھەربىي تالانتقا ئىگە شەخس ئەمەس، ئۇنىڭ غەلىبىسى قارىماققا ئۇنىڭ بىلەن تۇتاشقان ئەنگلىيە قوشۇنى قوماندانىنىڭ قابىلىيىتىنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن بولغاندەك قىلىدۇ. شۇنى ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز كېرەككى، ئامېرىكا قوشۇنىنىڭ نۇرغۇنلىغان قوماندانلىرى مەغلۇپ بولغاندا، ۋاشىنگتون گەرچە ئاز-تولا كەتتۈرۈپ قويغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ يېڭىباشتىن پىلان تۈزۈپ، ئۈزلۈكسىز جەڭ قىلىپ، ئاخىرى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنىدى. 

ئىككىنچىدىن، ۋاشىنگتون ئاساسىي قانۇننىڭ قەتئىي قوللىغۇچىسى ئىدى. مۇبادا ۋاشىنگتوننىڭ رولى بولمىغان بولسا، ھەرقانداق بىر قانۇننىڭ ھەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدە ئۈنۈمگە ئېرىشىشى مۇمكىن بولمىغان بولاتتى، چۈنكى، يېڭى ئاساسىي قانۇنغا قارشى كۈچ ھىلىھەم مەۋجۇت. 

ئۈچىنچىدىن، گېئورگى. ۋاشىنگتون گەپ-سۆزى ۋەزىنلىك، مەرتىۋىسى ئۈستۈن، ئالىي پەزىلەتلىك ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ بولۇشى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ تەلىيى دېيىشكە بولىدۇ. بىز جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ۋە ئافرىقىدىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئەللەرنىڭ تارىخىدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، يېڭى بىر دۆلەت گەرچە بۇ دۆلەت ئىشىنى دېموكراتىيە ئارقىلىق قانۇن تۇرغۇزۇشتىن باشلىغان بولسىمۇ، ئاسانلا ھەربىي دىكتاتۇرا يۈرگۈزۈش يولىغا كىرىپ قالاتتى. لېكىن ۋاشىنگتون قەتئىي غەيرەتكە كېلىپ، ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ ياش دۆلەتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ۋە مۇنقەرز بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. ۋاشىنگتوننىڭ ئۆمۈرۋايەت ھۆكۈمرانلىق قىلىش نىيىتى يوق ئىدى. ئۇنىڭ كورۇل ۋە ئىستىبدات بولغۇسى يوق ئىدى، شۇڭلاشقا ئۇ ئاساسىي قانۇن بويىچە سايلام قىلىش تۈزۈمىنى بەرپا قىلدى. بۇ تۈزۈم ھازىرغىچە ئەمەل قىلىنىپ كېلىنمەكتە. مانا بۇ تىنچلىق بىلەن ھوقۇق ئالماشتۇرۇشتۇر.

گېئورگى. ۋاشىنگتون ئامېرىكا مۇستەقىللىك ھەرىكىتى ئۈچۈن رەھبەرلىكنى ئىجرا قىلغۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تەركىبلەرنى كىرگۈزدى؛ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، مەيلى ئۇرۇش مەزگىلى ياكى تىنچلىق مەزگىللىرىدە بولسۇن، ھەرقانداق بىر ئىجادىي ھەرىكەت بۇنىڭدىن ئايرىلالمىدى. ۋاشىنگتون ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ۋە ناپولېئونلاردىن تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇشقا ھەقلىق، چۈنكى ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى كېيىنكى ئىككىيلەننڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت دەۋر سۈردى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#