خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچىلىرى تەشكىلاتى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ خەلقئارادا جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرىگە ئورتاق تاقابىل تۇرىدىغان ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولۇپ، 1923-يىلى ۋېنادا قۇرۇلغان.
خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچىلىرى تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىدە، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئەۋەتكەن ساقچىلار بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. 1993-يىلى بۇ تەشكىلاتقا جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان 184 دۆلەت ۋە رايون ئەزا بولدى. ئۇنىڭدا ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى، ئىجرائىيە كومىتېتى، كاتىبات باشقارمىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەربىر دۆلەتتە دۆلەتلىك مەركىزىي ئىدارە تەسىس قىلغان. باش شتابى پارىژدا.
خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچىلىرى تەشكىلاتىبۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق پائالىيىتى: جىنايەتكە ئالاقىدار ماتېرىيال ۋە ئاخباراتلارنى توپلاش ۋە ئالماشتۇرۇش، قارشى تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىش، خەلقئارا ھەمكارلىققا زۆرۈر بولغان جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، مۇھىم جىنايەتچىلەرنى قوغلاپ تۇتۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈش، مۇھىم جىنايەت يىپ ئۇچىنى ئۇقتۇرۇش، كېلىشىم تۈزۈشكەن دۆلەتتىن قاچقان جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىقلار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.