چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدا پىچاق، پالتا ئۆتمەيدىغان بىر خىل دەرەخ بار، ئۇنىڭ ماتېرىيالى قاتتىق بولغانلىقتىن، ھەرىلىمەك، رەندىلىمەك تەس، پالتا بىلەن چاپقاندا، ئۇنىڭدىن ئوت يالقۇنلايدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئۇنى تۆمۈر دەرەخ دەپ ئاتايدۇ. تۆمۈر دەرەخنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى شۇنچىلىككى، ھەر كۋادرات مېتىرىنىڭ ئېغىرلىقى 656-698 كىلوگرامغا يېتىدۇ. ياغاچ ماتېرىيالىنىڭ تېشى سېرىق ياكى ئاق، ئوتتۇرىسى قوڭۇر ياكى توق سۆسۈن بولۇپ، ئىچى ئېچىلىپ قالسا، خۇددى تۆمۈردەك قارىداپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۇ «ئوتتۇرىسى قارا ياغاچ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ دەرەخ دۇنيا بويىچە ئەڭ قاتتىق دەرەخ ھېسابلىنىدۇ. 

تۆمۈر دەرەخ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەردىن بولۇپ، ئەسلى ھىندىستان، بىرما، تايلاند، ۋېيتنامغا ئوخشاش مۆتىدىل ئىسسىق بەلباغ رايونىدا ئۆسىدۇ. ئېلىمىزدىكى تەيۋەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، فۇجيەن، يۈننەنلەردىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ ئۇنىڭ كېسەللىككە ۋە زىيانداش ھاشاراتلارغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسان چىرىمايدۇ، تېز ئۆسىدۇ، ئىنتايىن ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدۇ، شۇڭا ئۇ ئەلا سۈپەتلىك ھۈنەر-سەنئەت ماتېرىيالى بولۇپ، ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆي جاھازلىرى ياسىلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#