قارلىغاچ

قۇشقاچسىمانلار ئەترىتىدىكى قارلىغاچ ئائىلىسى 74 خىل قۇشلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىدۇر، ئاز ساندىكىلىرى مارتىن قارلىغىچى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قارلىغاچ قۇشقاچسىمانلار ئەترىتىدىكى قارلىغاچ ئائىلىسى 74 خىل قۇشلارنىڭ ئاتىلىشى، باھار كېلىپ، تەبىئەت گۈل-چېچەككە پۈركەنگەندە، جەنۇبتىن ئۇچۇپ كەلگەن قارلىغاچلار ئالدىراش ھالدا ئۇۋا ياساشقا كىرىشىپ كېتىدۇ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق باھار مەنزىرىسىگە يېڭى ھۆسىن قوشىدۇ. قارلىغاچ ئىچىدە ئۆي قارلىغىچى كۆپرەك ئۇچرايدۇ. ئۆي قارلىغىچى بىر خىل پەسىل قۇشى بولۇپ، باھاردا كېلىپ، كۈزدە كېتىپ ئالدىراش يۈرىدۇ. قارلىغاچ ناھايىتى كەڭ تارقالغان بولۇپ، كۈز پەسلىدە ئۇلار شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوكيانىيىنىڭ شىمالىدىكى بىر قىسىم جايلارغا بېرىپ قىشنى ئۆتكۈزىدۇ. باھاردا يەنە توپ-توپ بولۇپ ئېلىمىزگە قايتىپ كېلىدۇ.
قارلىغاچنىڭ بىر جۈپ تار قانىتى بار بولۇپ، ئاچا قۇيرۇق كېلىدۇ، قۇيرۇقى خۇددى قايچىغا ئوخشىشىدۇ. قارلىغاچنىڭ جۇغى ئۇنىڭ تېز ئۇچۇشىغا ناھايىتى ماس كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئېغىزى ياپىلاق ھەم كەڭ بولۇپ ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىنى ھاسىل قىلغان. ئېغىزىنى ئاچقاندا تۆت چاسا ھالەتكە كېلىدۇ. قارلىغاچنىڭ ئېغىزى ناھايىتى چوڭ ئېچلىدىغان بولغاچقا، ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ ئالدىغا كەلگەن ھەر خىل ھاشاراتلارنى ئوڭايلا تۇتۇۋالالايدۇ. قارلىغاچلارمۇ نۇرغۇن ۋاقىتىنى بوشلۇقتا زىيانداش ھاشاراتلەرنى تۇتۇشقا سەرپ قىلىدۇ، ئەڭ جانلىق بولغان قۇشقاچسىمانلار تۈردىكىلەرنىڭ بىرى، ئاساسلىقى پاشا، چىۋىن قاتارلىق ھاشاراتلارنى ئاساسلىق ئوزۇقى قىلىدۇ، نامى ھەممىگە مەشھۇر بولغان پايدىلىق قۇشلاردۇر. ئۇ دەرىخ كاۋىكى ياكى دەرەخ كۆنەكلىردىكى، ياكى قۇم قىرغاقلىرىدىكى تۇرۇپ قالغان ياغاچ، ياكى شەھەر-يېزىلاردىكى لاي ۋىسكوپلاستىكلىق كارىدور، ئۆگۈزلۈك، سەر قەلەم قاتارلىق دەرەخلەرنىڭ چوقچىيىپ چىقىپ تۇرغان قىسمىغا ئۇۋا ياسايدۇ. ھەر قېتىم ئۈچتىن يەتتىگىچىلىك ئەتراپىدا تۇخۇملايدۇ. قارلىغاچ ھەقىقەتەن ھاشارات تۇتۇش ماھىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكلىرى ئىچىدە پاشا، چىۋىن، قارىغۇ چېرىپاشكا، ماي قوڭغۇزى، يوپۇرماق پىتى قاتارلىق دېھقانچلىق زىرائەتلىرىگە زىيانلىق زىرائەتلىرىگە زىيانلىق ھاشاراتلار بار. قارلىغاچنىڭ ھاشارات تۇتۇش جەھەتتىكى نەتىجسى ئىنتايىن گەۋدىلىك.
يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا، كۆپىنچە ھاللاردا زىيانداش ھاشاراتلارنى دېھقانچىلىق دورىسى ئارقىلىق يوقتىشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى ئۇسۇل قوللىنىلىپ كەلگەن. لېكىن بۇنداق قىلغاندا مۇھىت بۇلغىندۇ، ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، ھەر قايىسى دۆلەتلەر زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقىتىشتا بىئولوگىيىلىك ئۇسۇلنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. قارلىغاچ زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ دۈشمىنى، ئىنسانلارنىڭ دوستى. شۇڭا، بىز قارلىغاچلارنى ياخشى قوغداپ، ئۇلارنى ئىنسانلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. ستاتسىتىكا قىلىنىشىچە، بىر جۈپ قارلىغاچ بىلەن ئۇلارنىڭ بالىلىرى يېرىم يىل ئىچىدىلا 500 مىڭدىن 1 مىليونغىچە زىيانداش ھاشاراتنى تۇتىدىكەن. بۇ سان ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.