تەرە قوغۇن
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تەرە قوغۇن ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ مەكىت ناھىيەسىدە ئۆستۈرۈلىدۇ . بۇ خىل سورتنىڭ ئۆسۈشى ئاجىز ، ئاساسىي پىلەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 266 سانتىمېتىر ، توملۇقى 16 سانتىمېتىر ، شاخلىنىشى ئاجىز ، پۈتكۈل ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلى 80 - 87 كۈن ئەتراپىدا ، پىشقاندىكى يەككە ئېغىرلىقى 3.6 كىلوگرام كېلىدۇ ، بۇ خىل سورت ساقلاشقا چىداملىق ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى ئاجىز .
مېۋىسى
تەرە قوغۇننىڭ شەكلى ئېللىپىسسىمان ، دىئامېتىرى 15 * 23.4 سانتىمېتىر ، مېۋىسى پىشقاندا مېۋە ساپىقى تەبىئىي ئۈزۈلىدۇ ، شاپاق رەڭگى بوز ، ئۈستىدە 10 تال يېشىل رەڭلىك تىلىم ئىزى ۋە يېشىل داغ شەكىللەندۇرگەن ، شاپىقىنىڭ قېلىنلىقى 0.58 سانتىمېتىر ، ئېتىنىڭ قېلىنلىقى 2.9 سانتىمېتر ، رەڭگى كاۋا چېچىكى رەڭ ، تالاسى كۆپ ، ئىسپىرىت تەملىك ، قەنت مىقدارى %11.2 -8.2 ئەتراپىدا.
ئۇرۇقى
ئۇرۇقى سۇس سېرىق رەڭدە ، ئۇزۇنچاق ئېللىپىس شەكىللىك ، ئۇزۇنلۇقى 1.38 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 0.54 سانتىمېتىر، مىڭ دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 61.8 گرام كېلىدۇ .[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.