ۋىتامىن B2
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ۋىتامىن B2 <رىبوفلاۋىن> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن بولۇپ، ئاپېلىسىن رەڭلىك كرىستاللىنىدۇ، سۇدىكى ئېرتمىسىدە سېرىق يالتىراق نۇرلۇق بولىدۇ. ئۇ رىبىتول بىلەن 6، 7 - دى مېتىل ئىزوئاللوكسازىننىڭ كوندېنساتسىيىلەنگەن بىرىكمىسى بولۇپ، ئۇنىڭ فوسفات كىسلاتالىق تۇغۇندىسى مۇھىم ئوكسىدازىلارنىڭ ياردەمچى رادىكالى بولىدۇ. ئىزوئاللوكسازىن ھالقىسىنىڭ بىرىنچى ۋە تۆتىنچى ئورۇنلىرىدىكى ئازوت ئاتومى جانلىق قوش ياغ بىلەن بىرىككەنلىكتىن، قايتما ھالدا ھىدروگېن قوشۇۋالىدۇ. ھىدروگېنسىزلىنىدۇ.
ئادەملەردە ۋىتامىن B2 يېتىشمىگەندە جاۋىغاي ياللۇغى، ئۇرۇقدان ياللۇغى بولىدۇ ۋە مۈڭگۈز پەردىدە قان تومۇرلار كۆپىيىپ خۇنۇكلىشىپ يارىلىنىدۇ، كۆز كۆيۈپ ئاغرىيدۇ ھەم كۆز ئېقى پەردىسىگە قان تولۇش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. ئۆي قۇشلىرىدا ۋىتامىن B2 يېتىشمىسە، تۇخۇم سېلىش ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
مېدىتسىنادا رىبوفلاۋىنلىق ياسالمىلار ۋىتامىن B2 يېتىشمەسلىك كېسىلىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ۋىتامىن B2 بۇغداي ئۈندۈرمىسى، سېرىق پۇرچاق، جىگەر، بۆرەك، يۈرەك، سۈت، ئېچىتقۇلارنىڭ تەركىبىدە كۆپرەك مىقداردا بولىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.