مېگاپتېرا كىتى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئەركەك مېگاپتىرا كىتىنىڭ ئۇزۇنلىقى 12.9 مېتىر، چىشى مېگاپتىرا كىتىنىڭ ئۇزۇنلىقى 13.7 مېتىر، 18 مېتىرلىق مېگاپتىرا كىتى بايقالغان. ئېغىرلىغى 25-30 توننا، دۈمبە پالاقچىسى بىر قەدەر كىچىك دۈمبىسى قارا بۇلۇپ داغ سىزىقچىلىرى بار، پالەقچە پۇتى بەك ئۇزۇن بۇلۇپ پۈتۈن بەدىىنىڭ 3 تىن بىرقىسمىنى ئىگەللەيدۇ. قاسراقلىقلار ۋە كىچىك بېلىقلار تۈرى ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئولجىسى.
چىشى مېگاپتىرا كىتى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم قورساق كۆتىرىدۇ. قورساق كۆتۈرۈش ۋاقتى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا بىرنى تۇغىدۇ. مېگاپتىرا كىتىمۇ باشقا سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارغا ئوخشاشلا سۈتى ئارقىلىق بالىلرىنى بېقىپ چوڭ قىلىدۇ. بالا كىتلەر ھەر ئايدا 40-50 مىڭ گىرام ئېغىرلايدۇ. ئادەتتە ئۇلار 60-70 يىل ياشىيالايدۇ.
گەرچە قوغدىلدىغان ھايۋانلار تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ لېكىن ئۇلار يەنىلا خاتىرجەم ياشاشقا ئامالسىز قېلىۋاتىدۇ، ساياھەتچىلەر تاشلىغان زور مىقداردىكى سۇلياۋ خالتىلار ئۇلارنىڭ ئىككىنجى تامىقى بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ، مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ئۇلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار. 2007-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى ياپونىيەنىڭ كىت ئوۋلاشنى قەتئىي مەنئىي قىلىشىنى ئوتتۇرغا قويدى، بۇ ياپونىيەنىڭ 40 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىمىلىق كىت ئوۋلاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى بۇلۇپ خەلقىئارانىڭ بىردەك ئالقىشىغا ئېرىشتى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.