ئەڭ چوڭ ئادەمگىياھ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇلارنىڭ ئىچىدە مېيخۇا ئادەمگىياھسى(THELENO—TAANANAS) ئەڭ چوڭ. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 60-70 سانتىمېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن ئون سانتىمېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن ئون سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى تەخمىنەن سەككىز سانتىمېتىر كېلىدۇ، ئەڭ چوڭىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 90-120 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ، شۇڭا ئۇ «ئادەمگىياھلارنىڭ پادىشاھى» دەپ ئاتىلىدۇ.
سىرتقى كۈرىنىشى
مېيخۇا ئادەمگىياھسى ئۇزۇن كانايسىمان بولۇپ، ئارقىسىدىكى گۆشلۈك تىكىنى ناھايىتى زور بولىدۇ، ھەر 3-11 گۆشلۈك تىكەننىڭ ئۇلى تۇتاشقان بولۇپ، مېيخۇا گۈلىنىڭ بەرگىسىگە ئوخشاپراق كېتىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى «مېيخۇا ئادەمگىياھسى» دەپ ئاتايدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا، تاشقى كۆرۈنۈشى ئاناناسقا ئوخشاپراق كەتكەنلىكى ئۈچۈن، «ئاناناس ئادەمگىياھسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئشلىتىش قىممىتى
مېيخۇا ئادەمگىياھسى ناھايىتى چوڭ بولۇپلا قالماي، بەلكى گۆشى ئالاھىدە قېلىن ۋە يۇمشاق، ئۇ ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي دېڭىزىدىن چىقىدىغان يېيىشكە بولىدىغان ئادەمگىياھلار ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى، شۇنىڭدەك جەنۇبىي ئوكياننىڭ ھەرقايسى قايلىرىدىن چىقىدىغان يېيىشكە بولىدىغان ئادەمگىياھلار ئىچىدىمۇ ئەڭ ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، مېيخۇا ئادەمگىياھسى، خۇاڭخەي، بوخەي دېڭىزلىرىدىن چىقىدىغان تىكەنلىك ئادەمگىياھلارغا ئوخشاش، ناھايىتى يۇقىرى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، سىل بولۇپ قان تۈكۈرۈش، قايتا ئىشلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان قان ئازلىق، بالىلارنىڭ ياخشى ھەزىم قىلالماسلىقى. تۇتقاقلىق، ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسىغا ئوخشاش كېسەللىكلەرنى داۋالايدىغان دورا ياسىغىلى بولىدۇ، چەتئەللەردىكى تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، مېيخۇا ئادەمگىياھسىنىڭ تەركىبىدە ئادەمگىياھ توكسىنى بولۇپ، ئۇنىڭ تازىلانمىغان ئېرىتمىسى بەزى ساركوما ۋە راكنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلىيەلەيدىكەن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.