يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشى

يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشى

مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 6-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاسىيانىڭ ئىران ئېگىزلىكىدە بىر يېڭى دۆلەت − پېرسىيە بارلىققا كەلگەن. پېرسىيە دۆلىتىنىڭ پادىشاھى ئۆز زېمىنىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش غەرىزىدە يۇنانغا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان، بۇ ئۇرۇش تارىختا يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشى دەپ ئاتالغان.

نامى يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشى
نەتىجىسى گرېتسىيە ئەڭ ئاخىرى غەلىبە قىلغان
ئىنگلىزچە نامى Greco-Persian Wars
ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار يۇنان شەھەر دۆلەتلىرى، پېرسىيە ئىمپېرىيىسى
خەنزۇچە نامى 希波战争

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۇنانپېرسىيە ئۇرۇشىمىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 6-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاسىيانىڭ ئىران ئېگىزلىكىدە بىر يېڭى دۆلەت − پېرسىيە بارلىققا كەلگەن. ئۇ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ غەربىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە مىسىرنى بويسۇندۇرغان. ئۇ بويسۇندۇرغان مىللەتلەر ئىچىدە بەزىلىرى كىچىك ئاسىيادىكى غەربىي دېڭىز بويىدا ئولتۇراقلاشقان گرېكلار بولۇپ، ئۇلار پېرسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا نارازى بولغاچقا، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە يۇنان (گرېتسىيە) زېمىنىدىكى ئافېنا قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن، شۇنىڭ بىلەن يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشى باشلانغان. لېكىن قوزغىلاڭ ئانچە ئۇزاق داۋام قىلماي تۇرۇپلا، پېرسىيە تەرىپىدىن باستۇرۇۋېتىلگەن، پېرسىيە دۆلىتىنىڭ پادىشاھى ئۆز زېمىنىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش غەرىزىدە يۇنانغا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان، بۇ ئۇرۇش تارىختا يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشى دەپ ئاتالغان.

مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 499-يىلىدىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 449-يىلىغىچە؛ مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 492-يىلىدىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 449-يىلىغىچە؛ مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 500-يىلىدىن  مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 449-يىلىغىچە.

گرېتىسىيە قۇرۇقلۇقى، تراتسى، ئېگېي دېڭىزىدىكى بىرقانچە ئارال، كىچىك ئاسىيا، سىپرۇس ۋە مىسىر.

پېرسىيە ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ غەربىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە مىسىرنى بويسۇندۇرغان. ئۇ بويسۇندۇرغان مىللەتلەر ئىچىدە بەزىلىرى كىچىك ئاسىيادىكى غەربىي دېڭىز بويىدا ئولتۇراقلاشقان گرېكلار بولۇپ، ئۇلار پېرسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا نارازى بولغاچقا، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە يۇنان (گرېتسىيە) زېمىنىدىكى ئافېنا قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن، شۇنىڭ بىلەن يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشى باشلانغان. 

يۇنانپېرسىيە ئۇرۇشىمىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 492-يىلىدىكى بىرىنچى قېتىملىق تاجاۋۇزدا پېرسىيە دېڭىز ئارمىيىسى بوران-چاپقۇنغا ئۇچراپ، كۆپ قىسمى بېلىققا يەم بولغانلىقتىن مەغلۇپ بولغان. ئۇزاق ئۆتمەي پېرسىيە دۆلىتىنىڭ پادىشاھى دارىئۇس يېڭىدىن يىراققا سەپەر قىلماقچى بولغان ھەمدە ئەلچىسىنى گرېتسىيىدىكى (يۇناندىكى) دۆلەتلەرگە ئەۋەتىپ، ئۇلاردىن «تۇپراق ۋە سۇ» ئالماقچى بولغان، بۇ گرېتسىيىدىن (يۇناندىن) تەسلىم بولۇشنى تەلەپ قىلىش ئىدى. بىرمۇنچە شەھەرلەر بۇ بېسىم دەستىدىن ئۇلارغا «تۇپراق ۋە سۇ» تەقدىم قىلغان. لېكىن قەتئىي تۈردە قارشى ئۇرۇش قىلىشتا چىڭ تۇرغان ئافېنا بىلەن سپارتا تەسلىم بولۇشقا نەسىھەت قىلغۇچىلارنى چوڭقۇر جىلغا ۋە قۇدۇقلارغا تاشلىۋېتىپ، ئۇلارنى «تۇپراق ۋە سۇنى ئۆزى ئېلىۋالسۇن» دېگەن.

يۇنانپېرسىيە ئۇرۇشىدارىئۇسنىڭ ئارمىيىسى ئافېنا شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مارافون تۈزلەڭلىكىدە قۇرۇقلۇققا چىققان. بۇ خەۋەر ئافېناغا يېتىپ كەلگەندە، ھۆكۈمەت دەرھال 10 مىڭ كىشىلىك پىيادە ئەسكەرنى ئۇلارنى توسۇپ قېلىشقا ئەۋەتكەن. لەشكەر باشلاپ ماڭغان گېنېرال جەڭ ئەترىتىنىڭ شەكلىنى ئەپچىللىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ ئاساسىي كۈچنى ئىككى قاناتقا قويۇپ، ئاساسىي بولمىغان كۈچنى ئوتتۇرىغا ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن پېرسىيە ئارمىيىسى ئافېنا ئارمىيىسىنىڭ قوشۇنىنى ئوتتۇرىدىن بۆسۈپ ئۆتكەن، لېكىن ئىككى قانات تەرىپىدىن تارمار قىلىنىپ قورشاۋدا قالغان. ئالدى-كەينى تەرەپتىن دۈشمەننىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ئەھۋالدا، پېرسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەسكەر سانى كۆپ بولسىمۇ، قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئامالسىز قېلىپ، نائىلاج شەرمەندىلەرچە قېچىپ كەتكەن. 

يۇنانپېرسىيە ئۇرۇشىئالدى-كەينى تەرەپتىن دۈشمەننىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ئەھۋالدا، پېرسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەسكەر سانى كۆپ بولسىمۇ، قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئامالسىز قېلىپ، نائىلاج شەرمەندىلەرچە قېچىپ كەتكەن. تارىختىكى داڭلىق مارافون ئۇرۇشى دېگەن ئەنە شۇ.

يۇنانپېرسىيە ئۇرۇشىمارافون ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى بىلەن يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشى ئاخىرلاشمىغان. پېرسىيە كېيىنچە يەنە تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاپ، 1 مىليون كىشىلىك پىيادە قوشۇن ۋە 1000 پاراخوتلۇق ھەربىي قوشۇننى باشلاپ كەلگەن. كۈچلۈك دۈشمەن ئالدىدا يۇنان (گرېك) دۆلەتلىرى بىرلىشىپ دۈشمەنگە ئورتاق نەپرەت ياغدۇرۇپ، ئاخىر دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىنى بىتچىت قىلىپ مۇستەقىللىقىنى قوغداپ قالغان. 

مارافونچە ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشنىڭ ئارىلىقى نېمە ئۈچۈن 42  كىلومېتىر 195  مېتىر قىلىپ بەلگىلەنگەن؟ ئەسلىدە بۇ يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

يۇنانپېرسىيە ئۇرۇشىغەلىبە خۇشاللىقىغا چۆمگەن ئافېنا ئارمىيىسى خەۋەرچى فىلىپدىسنى شەھەردىكى كىشىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەن. بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنى تېزدىن ئورۇنداش ئۈچۈن خەۋەرچى فىلىپدىس دەم ئالماستىن نەچچە ئون كىلومېتىر يەرگە يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئافېنادىكى كىشىلەر توپلانغان مەيدانغا يېتىپ بارغاندا، «بىز ئەلەمدىن قۇتۇلدۇق! » دېگەن بىرلا ئېغىز گەپنى قىلىپ نەپىسى توختاپ ئۆلۈپ قالغان. بۇ ئىشنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، 1896-يىلى ئافېنادا ئۆتكۈزۈلگەن بىر نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا يېڭى بىر مۇسابىقە تۈرى، يەنى مارافونچە ئوزۇنغا يۈگۈرۈش تۈرى تەسىس قىلىنغان. بۇ مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش ئورنى مارافون جەڭ مەيدانى، ئاخىرقى نۇقتىسى ئافېنا بولغان، كېيىنچە بۇ ئارىلىقنىڭ 42 كىلومېتىر 195 مېتىر كېلىدىغانلىقى ئۆلچەپ بېكىتىلگەن.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#