ئاۋسترىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشى

ئاۋسترىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشى

ئاۋسترىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشى 18-ئەسىردە ئاۋسترىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى مەسىلىسى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان ياۋرۇپا ئۇرۇشى.

نامى ئاۋسترىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشى
باش قوماندان 路易十五,腓特烈二世,弗朗茨一世
ئۇرۇشقا قاتناشقۇچىلار فرانسىيە، پرۇسسىيە، ئىسپانىيە، ئاۋسترىيە، ئەنگلىيە
ۋاقتى 1970-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى __ 1748-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 奥地利王位继承战争
باشقا ئاتىلىشى ئاۋسترىيە تەخت ۋارىسلىقى ئۇرۇشى
ئورنى ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا ۋە ھىندىستان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاۋسترىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشى1740-يىلى ئاۋسترىيە پادىشاھى چارلىز Ⅱ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، تەخت ۋارىسى يوق بولۇپ قالغان. 1713- يىلىدىكى «دۆلەت يارلىقى» دا ھابوسبۇرگ سۇلالىسىنىڭ زېمىننى پارچىلاشقا بولمايدۇ، چارلىز Ⅵ چوڭ قىزى مارىيە تېرېزا ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ھالبۇكى، فرانسىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن پرۇسىيە، باۋارىيە، ساكسونىيە ۋە ئىسپانىيەلەر مارىيەنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقىغا باشقىچە پىكىردە ئىدى. فرانسىيە ئاۋسترىيەگە قاراشلىق گوللاندىيەنى ئىشغال قىلىپ، ئۆزى يۆلەپ تۇرغۇزغان باۋارىيە نامزاتىنى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ پادىشاھى قىلىش غەرىزىدە ئىدى؛ ئىسپانىيەنىڭ ئىتالىيە تېررىتورىيەسىدىكى ئاۋسترىيەگە تەۋە زېمىنىغا كۆزى چۈشكەنىدى. پرۇسسىيە بولسا ئوتتۇرا ياۋرۇپادا زېمىنغا ئېرىشىش تەمەسىدە ئىدى. ئەنگلىيە فرانسىيەنىڭ سودا جەھەتتىكى كۈچلۈك رەقىبى ئاۋسترىيەنى قوللايتتى. پرۇسسىيەنىڭ قۇدرەت تېپىشى بولسا رۇسىيەنى بىئارام قىلاتتى. دېمەك، ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت، بولۇپمۇ ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت تۈپەيلىدىن ئۇرۇش مۇقەررەرلىشىپ قالغانىدى.

ئاۋسترىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشى1740-يىلى 12-ئايدا فردرىخ Ⅱ ھابوسبۇرگ سۇلالىسىنىڭ زېمىنىنى بۆلۈۋېلىش ئۈچۈن 25 مىڭ كىشىلىك پرۇسسىيە قوشۇنىنى باشلاپ، ئالدى بىلەن ئاۋسترىيەگە تەۋە سىتسىلىيىگە بېسىپ كىردى-دە، ئۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىۋەتتى. كېيىنكى يىلى پرۇسسىيە، باۋارىيە، ساكسونىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە، نېئاپول، ساردىنىيە، شىۋىتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئاۋسترىيەگە قارشى ئىتتىپاق تۈزگەن. ئەنگلىيە، گوللاندىيە ۋە رۇسىيە بولسا ئاۋىستىرىيىنى قوللىدى. بۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان پۈتۈن ياۋرۇپا مىقياسىدىكى ئۇرۇش پارتىلىدى. ئۇرۇش بېلگىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيەنىڭ شىمالىي قىسىمى قاتارلىق رايونلارغىچە زور دەرىجىدە كىڭەيگەن. ھەمدە ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيەنىڭ چەت ئەللەردىكى مۇستەملىكلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. ئاۋسترىيە كۈچى ئاجىز كېلىپ قالغاچقا، پرۇسسىيەگە قارشى ئۇرۇشتا يېڭىلىپ، پرۇسسىيە بىلەن ئۆز ئالدىغا بېرلىن تىنچلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولۇپ، پۈتكۈل سىتسىلىيىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك پرۇسسىيەگە بۆلۈپ بېرىش بەدىلىگە پرۇسىيەنىڭ مارىيەنىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.

شۇنىڭدىن كېيىن، ئاۋسترىيەنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋېنگرىيەنىڭ كۈچلۈك تۈردە قوللىشى ئارقىسىدا زور دەرىجىدە ئېشىپ، باۋارىيە قوشۇنلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ قىلغان. 1744-يىلى بۇرۇن قولدىن كەتكەن زېمىنلىرىنى قايتۇرۇۋېلىپ، ميۇنخېننى ئىشغال قىلغان. ئاۋسترىيە يەنە ۋورموس شەرتنامىسى ئارقىلىق، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، ساردىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى  كۈچەيتىپ، تىنگېندە فرانسىيە قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان، ئىتالىيەدە يەنە ئىسپانىيە قوشۇنلىرىنى تارمار قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئوڭشىۋالغان. پرۇسسىيە، ئاۋسترىيەنىڭ سىتسىلىيىچە قايتۇرۇۋېلىشىنى ئەندىشە قىلىپ قالغان، 1744-يىلى ئاۋسترىيەگە قارشى يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش قىلىپ، ساكسونىيەنىڭ پايتەختى درېزدۇننى ئىشغال قىلغان. شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا پرۇسسىيە ئاۋسترىيە بىلەن درېزون تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالاپ، پرۇسىيەنىڭ سىتسىلىيۇگە ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى مۇقىملاشتۇرغان. پرۇسسىيەمۇ مارىيەنىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان. پرۇسسىيە پادىشاھى مارىيەنىڭ ئېرى لوررىن كېنەزى فرانتز ستىفاننىڭ مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيەسىگە پادىشاھ بولۇشىنى قوللىغان. بىر مەھەل ئۈزۈلۈپ قالغان پادىشاھلىق تەختى قايتىدىن ھابوسبۇرگ سۇلالىسىگە مەنسۈپ بولغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە يىل ئىچىدە فرانسىيە ئارمىيەسى ئاۋسترىيەگە قاراشلىق گوللاندىيەدە ئاۋسترىيە-ئەنگلىيە بىرلەشمە ئارمىيەسى ئۈستىدىن كۆپ قېتىم غەلىبە قىلغان. بىراق، ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى ۋە ئوتتۇرا قىسىمىدىكى دېڭىز ئۇرۇشلىرىدا ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغان. 1748-يىلى 1-ئايدا رۇسىيە قوشۇنى پرۇسسىيەگە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، فرانسىيە تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلۇشقا مەجبۇر بولغان. شۇ يىلى 10-ئايدا ھەر قايسى جەڭ مەيدانلىرىدا جەڭگە قاتناشقان دۆلەتلەر ئاسسېن تىنچلىق شەرتنامىسىگە ئىمزا قويغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشمۇ ئاخىرلاشقان.

ئاۋسترىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشىئاسسىن تىنچلىق شەرتنامىسىنىڭ تۈزۈلىشى نەتىجىسىدە، گەرچە مارىيەنىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى  ئېتىراپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئاۋسترىيە بىر مۇنچە زېمىنىدىن ئايرىلىپ قالغان. سىتلىسىلىيەنى پرۇسسىيە ئىگىلىۋالغاندىن باشقا، ئاۋسترىيە ئىتالىيە تېررىتورىيىسىدىكى ئۆزىگە قاراشلىق بىر قىسىم زېمىنىنىمۇ ئىسپانىيە بىلەن ساردىنىيەگە بۆلۈپ بەگەن. پرۇسسىيە ئەمدى ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك بىر دۆلەت بولۇشقا باشلىغان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئوكيان قامۇس تورى

http://baike.baidu.com/view/115210.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#