مىزاج بۇزۇلۇش خارەكتېرلىك كېسەللىك

مىزاج بۇزۇلۇش خارەكتىرلىك كىسەللىك

ئۇيغۇر تېبابىتىدە كېسەللىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى، بەلگىلىرى ۋە كېسەل بولغان ئورۇننىڭ كېسەللىك ئەھۋالى، كېسەللىك جەريانىغا قاراپ، كېسەللىكلەر يەككە كېسەللىك ۋە مۇرەككەپ كېسەللىك دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۇنىدۇ. يەككە كېسەللىكلەر يەنە مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلىكلەر، شەكىل بۇزۇلاش خاراكتېرلىك كېسەللىكلىكلەر، پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلىكلەر دەپ ئۈچ تۈرگە بۇلىنىدۇ .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇيغۇر تېبابىتىدە كېسەللىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى، بەلگىلىرى ۋە كېسەل بولغان ئورۇننىڭ كېسەللىك ئەھۋالى، كېسەللىك جەريانىغا قاراپ، كېسەللىكلەر يەككە كېسەللىك ۋە مۇرەككەپ كېسەللىك دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۇنىدۇ. يەككە كېسەللىكلەر يەنە مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلىكلەر، شەكىل بۇزۇلاش خاراكتېرلىك كېسەللىكلىكلەر، پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلىكلەر دەپ ئۈچ تۈرگە بۇلىنىدۇ 

بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ داۋالاش ئۇنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. چۈنكى ، ئۇيغۇر تېبابىتى كىشىلەرنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش، كېسەلللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئۈچۈن ئىنسانلانىڭ تەبىئى مىزاجى، جىسمانىي، روھى ھالىتى ۋە ئۆرۈپ - ئادىتىنى نەزەردە تۇتۇپ كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلغان ئاساسىي ئامىلنى تونۇش ۋە ئۇنى تەڭشەش، بەدەندىن ھەيدەپ چىقىرىش ئارقىلىق كېسەللىكلەرنى يىلتىزىدىن داۋالاش ئۈچۈن، بەدەندىكى قۇۋۋەتلەرنىڭ يىغىندىسى بولغان «تەبىئەت كۈچى»نى كۈچلەندۈرۈپ ، كېسەللىكلەنىڭ قايتىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇ جەرياندا بىمارلارغا خۇشخۇي مۇئامىلە قىلىپ ئۇلارنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ ۋە دىئاگنوز قويۇپ، تەرتىپكە سېلىش، پەرھىز تۇتۇش زىينلىق يېمەك – ئىچمەكلەردىن چەكلەش ئارقىلىق، ئۆز تۇپرىقىمىزدىن چىقىدىغان، ئەكىس تەسىرى يوق، داۋالاش ئۈنۈمى يوقىرى بولغان ھەرخىل تەبىئى ئۈسۈملۈكلەرنىڭ گۈل - چېچەكلىرى ۋە ھەرخىل مېۋىلەردىن چىقىرىلغان شىرنە - شەربەتلەر، قاينىتىلما دورىلارنى مۇۋاپىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياسالما شەكىلگە كەلتۇرۈپ ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا ھازىر دۇنيادىكى تەرەققىي قىلغان ئەللەردە كىشىلەر كېسەل بولۇپ قالسا، تەسىرى ئاستا بولسىمۇ، ئەكس تەسىرى ناھايىتى ئاز بولغان ياكى ئەكس تەسىرى يوق ئەنئەنىۋى دورىلار بىلەن كېسەل داۋالاش تەشەبۇس قىلىنماقتا. شۇڭا ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى ئەكس تەسىرى تۋۋەن، داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى بولۇشى بىلەن ئىشلىتىلىش دائىرىسى كۈنسايىن كېڭىيىپ بارماقتا. مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر - ھەرخىل ئىچكى - تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئادەم بەدىنىدىكى مەلۇم بىر ئەزا ياكى ئومۇمىي بەدەننىڭ ئاناتومىيىلىك ئۆزگىرىىشىدە ھىچقانداق ئۆزگىرىش بولماستىن پەقەت فزىئولوگىيىلىك پائالىيىتىدە ئۆزگىرىش بولۇپ ئورگانىزىمنىڭ نورمال پائالىيىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشىدىن كېلىپ چىققان كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر خىلىتسىز مىزاج بوزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ۋە خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر دەپ ئككى تۈرلۈك بولىدۇ . تۆۋەندە ئۇلارنىڭ داۋالاش پىرىنسىپلىرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ.

خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك - ھەرخىل ئىچكى - تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئىسسىق، سوغۇق، ھۆل ، قۇرۇق ، ھۆل ئىسسىق ، قۇرۇق ئىسسىق ، قۇرۇق سوغۇق ، ھۆل سوغۇق كەيپىياتلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە تەسىر قىلىش بىلەن بەدەندە ياكى بەدەندىكى ئايرىم بىر ئەزانىڭ ئاناتومىيىلىك تۈزۈلۈشىدە ھىچقانداق ئۆزگىرىش بولماستىن فزىئولوگىيىلىك خىزمىتىدە ئۆزگىرىش بولۇش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئالدى بىلەن كېسەللىك سەۋەبنى ئېنىقلاپ سەۋەبنى يوقىتىش ، ئاندىن شۇ سەۋەبلەرگە قارىتا قارىمۇقارشى تەبىئەتتىكى دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ، مىزاج تەڭشەش ئۇسۇلى بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. تۆۋەندە خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر تۈرلىرىنىڭ داۋالاش پىرىنسىپلىرىنى ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىقتىن مىزاج بۇزۈلۇشىدىن بولغان كېسەللىكلەرنى داۋالاش پرىنسىپى

خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىقتىن مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك دېگىنىمىز – ھەرخىل سەۋبلەر تۈپەيلىدىن خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنىڭ ئىچكى - تاشقى جەھەتتىن تەسىر قىلىشى بىلەن بەدەننىڭ ياكى ئايرىم بىر ئەزانىڭ ئاناتومبيىلىك تۈزۈلىشىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولماي فزىئولوگىيىلىك خىزمىتىدە ئۆزگىرىش بولۇش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان كېسەللىكلەر بولۇپ، بۇلاردا خىلىتلار تەڭپۇڭلۇق ھالىتىىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ. پەقەت مەلۇم نۇرمالسىز كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن ئەزالار مىزاجىدا بۇزۇلۇش بولىدۇ.

1. بىمارنى سوغۇق ، ھاۋالىق جايغا ئايرىپ سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۇندۇرۇش، ۋاننا قىلدۇرۇش، ئاق سەندەل ياكى سېرىق سۆگەت يىلتىزنى سۈرۈپ ئۇۋۇلاش ، سوغۇق سۇ بىلەن كلىزما قىلىش، ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك دورا ۋە ياغلار بىلەن سىرتىدىن ياغلاىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىلىدۇ.

2. سوۋۇتقۇچى دورا ۋە يېمەك - ئىچمەكلەرنى بېرىش، ھۆل قاپاق بىلەن سۇيۇق- سەلەڭ ، تېز سىڭىدىغان قوقاق ياندۇرغۇچى لەتىپ تاماقلارنى تەييارلاپ بېرىش، يېشىل ماش سۈيى ، ئۆرۈك، ئەينۇلا ، تەمرى ھىندى سۇلىرى ، نېلۇپەر، بىنەپشە ، خەشخاش ، كاسىنە ، ئاق سەندەل ، قىزىل سەندەل، بىدىمىشكى، پەمىدۇر قاتارلىق ھۇل سوغۇق تەبىئەتلىك دورىلارنىڭ ئەرەقلىرى ياكى شىرنىسىنى ئىچكۈزۈش، سىركەنجىۋىل ، بۇزۇرى شەربىتى قاتارلىقلارنى بېرىش. ئۇندىن باشقا ئۇخلىتىپ داۋالاش ئۇسۇلى، روھى كەيپىياتنى نورمالللاشتۇرۇش ۋە ئارام ئالدۇرۇپ داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ .:

خىلىتسىز ھۆل ئىسسىقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللكلەرنى داۋالاش پرىنسىپى

بۇ ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خىلىتسىز ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنىڭ بەدەنگە ئىچكى - تاشقى جەھەتتىن تەسىر قىلىشى تۈپەيلىدىن بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ ئاناتومىيىلىك تۈزۈلىشىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولماستىن ، فزىئولوگىيىلىك خىزمىتىدە ئۆزگىرىش بولۇش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان كېسەللىكى بولۇپ، داۋالاش تۇۋەندىكىچە :

1. ھارارەت پەسەيتكۈچى ۋە ئۇسسۇلۇق پەسەيتكۈچى ، قورۇق سوغۇق تەبىئەتتىكى دورىلار بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، سېمىز ئوت ئۇرۇقى ، ئاقسەندەل ، قىزىلسەندەل ، لىمون، قېتىق قۇرتى قاتارلىقلارغا ئوخشاش.

2. ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ، سىڭىشلىك قوقاق ياندۇرغۇچى لەتىپ غىزالار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ . تەستە سىڭىدىغان ئىسسىق تەبىئەتلىك ئوزۇقلۇقلاردىن پەرھىز قىلىنىلىدۇ .

3. مۇۋاپىق چېنىقىشقا ۋە جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىشقا بۇيرۇلىدۇ .

4. ئۇيقۇ ۋە ئويغاقلىقنى تەرتىپكە سېلىپ داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ئاز ئۇخلاش ، ئويغاق تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ .

5. بەدەندە ھۆللۈكنى كۆپەيتىۋىتىدىغان ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك مېۋە - چېۋىلەردىن پەرھىز قىلىندۇرلىدۇ.

6. مۇۋاپىق دورىلار بىلەن تەرلىتىش ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ .

 خىلىتسىز ھۆل سوغۇقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خارا كتېرلىك كېسەللكلەرنى داۋالاش پرىنسىپى

بۇ ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خىلىتسىز ھۆل سوغۇق كەيپىياتنىڭ ئىچكى – تاشقى جەھەتتىن بەدەنگە تەسىر قىلىشى تۈپەيلىدىن بەدەننىڭ ياكى ئايرىم بىر ئەزانىڭ ئاناتومىيىلىك تۈزۈلىشىدە ئۆزگىرىش بولماي ، فزىئولوگىيىلىك خىزمىتىدە ئۆزگىرىش بولۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكلەردۇر. ئۇلارنىڭ داۋالاش پرىنسىپى تۆۋەندىكىچە:

1. ھەرىكەت قىلدۇرۇپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق بەدەندىكى ئارتۇقچە ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش ۋە قاننى قىزىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ .

2. كۆپ ئۇخلاشتش چەكلەش ئۇيقۇ ئاز، ئويغاقلىق كۆپ بولۇش كېرەك .

3. ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى ، تېز ھەزىم بولىدىغان ئىسسىق تەبىئەتلىك قۇۋۋەتلەندۈرگۈچى لەتىپ غىزالار بىلەن ئوزۇقلاندۇرىلىدۇ . تەستە سىڭىدىغان سوغۇق تەبىئەتلىك يېھەك - ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.

4. ئۇندىن باشقا كۇمغا كۆمۈپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ، ھورداش ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ، ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىلىدۇ

5. ئىسسىق تەبىئەتلىك دورا دەرمەكلەر بىلەن چايلىق تەييارلاپ بېرىش . قاننى قىزىتقۇچى ، ئارتۇق ھۆللۇكنى قۇرۇتقۇچى دورىلار ئىچىدىن ئىستېمال قىلدۇرلىدۇ ، سىرتىدىن ئىسسىق تەبىئەتلىك ياغلار بىلەن ياغلاش ، ھەرخىل ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلار بىلەن ئۇۋۇلاش، مەسىلەن، ئسىسىق تەبىئەتلىك دورىلاردىن ماددەتۇلھايات ، بەرشىشا ، جاۋارىش مىشىكى قاتارلىق بىرىلىدۇ.

 خىلىتسىز قۇرۇق سوغۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش پىرنسىپى

بۇ ھەرخىل سەۋەبلەردىن خىلىتسىز قۇرۇق سوغۇق كەيپىياتنىڭ ئىچكى - تاشقى جەھەتتىن بەدەنگە تەسىر قىلىشى تۈپەيلىدىن بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ ئاناتومىيىلىك تۈزۈلىشىدە ئۆزگىرىش بولماستىن فزىئولوگىيىلىك خىزمىتىدە ئۆزگىرىش بولىدىغان كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ داۋالاش پرىنسىپى تۆۋەندىكىچە :

1. روھى جەھەتتە بارلىق غەم ئەندىشىنى تۈگىتىش خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن چارە قىلىنىدۇ.

2. يەڭگىل ھەرىكەت قىلدۇرۇش ئارقىلىق قاننى قىزىتىشقا چارە قىلىنىدۇ .

3. مۇۋاپىق ئۇخلىتىش ئارقىلىق بەدەندىكى ھۆللۈكنىڭ خوراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىنىدۇ.

4. ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك تېز ھەزىم بولىدىغان قۇۋۋەتلەندۈرگۈچى لەتىپ غىزالار بىلەر ئۇزۇقلاندۇرۇلىدۇ . تەستە سىڭىدىغان قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك ئوزۇقلۇقلاردىن پەرھىز قىلدۇرلىدۇ .

5. دورىلاردىن ھۆل ئسىسىق تەبىئەتلىك، بەدەنگە ھۆللۈق يەتكۈزىدىغان ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدىغان ئويقۇنى ياخشىلىغۇچى دورىلارنى ئىچى - سىرتىدش ئىستېمال قىلدۇرۇش لازىم . ￿

ئادەم بەدىنىدىكى سەپرا ، قان ، بەلغەم، سەۋدادىن ئىبارەت تۆت خىلىت بەدەننىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى جەريانىدا ئۈزلۈكسىز سەرپ قىلىنىش بىلەن بىرگە يەنە يېڭىدىن ئىشلىنىپ ، تولۇقلىنىپ ئۆز تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ سان، سۈپەت جەھەتتە تەڭپۇڭ بولۇشى تەن ساغلاملىقنىڭ مۇھىم شەرتى ھېسابلىنىدۇ . ئەكسىچە بولغاندا بەدەندە ھەرخىل كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ ، شۇڭا خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللەرنى داۋالاشتا تۆت خىلىتنىڭ كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولىدىغان غەيرىي تەبىئىي ھالەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كېسەل پەيدا قىلىش ئەھۋاللىرىنى توغرا چۈشىنىۋالغاندا كېسەللەرگە توغرا دىئاگنوز قويغىلى ھەم توغرا داۋالاش تەدبىرىنى قوللىنىپ كۆڭۇلدىكىدەك داۋالاش ئۇنۈمىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكېتلىك كېسەللەرنى داۋالاشتا ، ئالدى بىلەن كېسەللىككە سەۋەبچى بولغان خىلىتنى ئىنىقلاپ چىقىپ، شۇ خىلىتنىڭ مۇنزىچى بىرىلىدۇ . خىلىتىنىڭ پىشقانلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن كېيىن بىرىلگەن مۇنزىچ تەركىبىگە شۇ خىل خىلىتنىڭ مۇسھىللىرىنى قوشۇپ بىرىپ نورمالسىز خىلىت بەدەندىن تازىلىنىدۇ ، ئاخرىدا كېسەلگە قارىتا ئاساسلىق داۋالىغۇچى دورا ، ئەزا ياكى ئومۇمىي بەدەننى كۈچلاندۇرغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ . مۇنزىچ - ماددىنى پىشۇرغۇچى ، ماددىنىڭ قىيامىنى تەڭشىگۈچى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، مۇنزىج خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەردە بەدەنگە قارىتا ئىستىفراغ قىلىشتىن ئىلگىرى ماددىنىڭ قىيامىنى تەڭشەش بەدەنگە سۇيۇقلۇق تولدۇرۇش ، ئاخىرقى ھېسابتا بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچى تەبىئەتنى كۈچەيتىپ ، كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولغان قان خىلىتىدىن باشقا ، غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنىڭ «تەبىئەت » تەرەپتىن ھەيدەپ چىقىرىلىشقا شارائىت ھازىرلايدىغان مەتبۇخ ياسالما تۈرىدىكى دورا بولۇپ ، مۇنزىچلار ھەر كىشىنىڭ مىزاجى ، كېسەللىك خاراكتېرى ، كېسەللىك ماھىيىتى قاتارلىقلارغا ئاساسەن تەييارلاپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە :

1. مۇنزىچلار مېڭە ، يۈرەك ، جىگەر قاتارلق رەئىس ئەزالار خىزمىتىنى ياخشىلاش ئارقىلق بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۇچى «تەبىئەت»نى كۈچەيتىدۇ.

2. مۇنزىچلار غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنىڭ سان جەھەتتىكى نورمالسىزلىقىنى (كەم -زىيادىلىكىنى) تەڭشەش ئارقىلىق غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى يۇمشىتىپ چىقىرىش سالاھىيىتىڭە ئىگە قىلىش نەتىجىسىدە «تەبىئەت » كۈچىنى كۈچەيتىدۇ ￿

3. مۇنزىچلار سۇيۇقلۇق تولدۇرۇپ، غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنىڭ قويۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇش ئارقىلىق ، بۇزۇق ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىش سالاھىيىتىگە ئىگە قىلىپ ، «تەبىئەت» كۈچىنى كۈچەيتىدۇ .

4. مۇنزىچلار بەدەننىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ،ھۆجەيرە توقۇلمىلىرنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ ، بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاپ ، ئوزۇقلاندۇرغۇچى قۇۋۋەتلەرنى كۈچلەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بەدەنگە شۈمۈرۈلۈشى ياخشى بولۇپ، ئۇزۇقلۇقلار بەدەننىڭ تېگىشلىكى ئېھتىياجلىق جايلىرىغا ۋاقتى - ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بەدەننىڭ «تەبىئەت» كۈچىنى كۈچەيتىدۇ.

5. مۇنزىچلارنىڭ مەلۇم تازىلاش رولى بولغانلىقى ئۈچۈن بەدەندىكى ئۇفۇنەتلەنگەن، چىرىگەن ، بۇزۇلغان ماددىلارنى تازىلاپ ، بەدەن سىرتىغا چىقىرىش ئارقىلىق توقۇلمىلارنى بۇزۇشتىن توسۇپ ، شۇ ئارقىلىق كېيىن بولىدىغان ھەرخىل كېسەلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

6. مۇنزىچلار بەدەنگە سۇيۇقلۇق تولدۇرۇش ئارقىلىق ، ھۈجەيرىلەرنىڭ يۆنىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى نورماللاشتۇرۇش ، غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى ئاسان چىقىپ كېتىش سالاھىيىتىگە ئىگە قىلىش قاتارلىق رولغا ئىگە.

غەيرى تەبىئى سەپرا خىلىترنى بولغان كېسەللىكلەرنى داۋالاش پىرىنسىپى 

غەيرى تەبىئى سەپرا خىلىترنى بولغان كېسەللىكلەرنى داۋالاش پىرىنسىپى ئالدى بىلەن غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنى پەيدا قىلغان سەۋەبنى ئېنىقلاپ شىۇ سەۋەبكە قارىتا مۇنزىج بېرىپ ماددا پىشقاندىن كېيىن مۇسھىل بېرىپ ، ئاندىن ئاساسىي داۋالىغۇچى دورا بېرىلىدۇ ، ئاخىرىدا قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنى بېرىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

سەپرا خىلىتى مىقدارنىڭ ئارتىپ كېتىشتىن بولغان كېسەللىكلەرگە ھەمدە زەڭگەر سەپرا خىلىتىدىن بولغان كېسەللەكلەرگە خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇزىچى بېرىلىدۇ . خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچى تەركىبى : گۈلبىنەپشە . نېلۇپەر، قىزىلگۈل ، شاھتەررە 15 گرامدىن كاسىنە يىلتىزى، تەرەنجىبىل 60 گرامدىن ، چىلان ، ئەينۇلا 30 گرامدىن ، كاسىنە ئۇرۇقى 15 گرام ، دورىلارنى 1500 مىللىتىر قايناق سوغا 4-6 سائەت چىلاپ قاينىتىپ 750مىللىلىتىر مەتبۇخ تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتم ، ھەر قېتىمدا 50-100 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بىرىلىدۇ . 3-5 كۈنگىچە بىمارنىڭ تومۇر ھەرىكىتى ، تىل گىزى ، ئېغىز تەمى ، سۈيدۈك مىقدارى ۋە رەڭگى ، ئۇيقۇ ، ئۇسسۇزلۇق قاتارلىق جەھەتلىردىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئاساسەن سەپرا خىلىتىنىلارنىڭ پىشقان ياش پىشمىغانلىقى كۈزەتەدۇ. ماددا پىششىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن سەپرا مۇسھىل بىرىلىدۇ. 

سەپرا خىلىتىنىڭ پىشقانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى

تومۇر ھەرىكىتى : مىزاجدىكى ئۆزگىرىشلەر تومۇر ھەركىتىگە بەلگىلىك تەسىركۆرسىتىدۇ . شۇڭا تومۇر سوقۇشتىن سەپرا ماددىسىنىڭ پىشقانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ . مۇنزىچ بېرىشتىن بۇرۇن بىمارنىڭ تومۇر ھەرىكىتى ئىنچىكە ، تېز سوققان بولسا ماددا پىشقاندىن كېيىن ئاز - تولا توم ، ئاستا تەرەپكە مايىل سوقىدۇ .

تىل گېزى : تىل گېزىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن سەپرا خىلىتىنىڭ پىشقانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ . كىشىلەرنىڭ تىلىنىڭ يۈ زىدە بىر قەۋەت تەكشى تارقالغان ئاقۇش گەز بولىدۇ . ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سەپرا خىلىتى غەيرىي تەبىئى ئۆزگىرىپ كېسەل قوزغالغاندا بىمارنىڭ ئېغىزى قۇرۇپ ، تىلدا سۇس سېرىق ياكى قېلىن گەز شەكىللەنگەن بولىدۇ . بىمارغا مۇناسىپ ھالدىكى سەپرانىڭ مۇنزىچىنى بېرىپ ماددا پىشقاندىن كېيىن ، ئېغىز قۇرۇشى تەدرىجىي يوقاپ ، تىلدىكى گەزنىڭ رەڭگى گۆش رەڭگە مايسل ئۆزگىرىپ نورماللىشىدۇ .

ئېغىز تەمى : ئېغىز تەمىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن سەپرا ماددىسىنىڭ پىشقانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ . ئېغىز تەمىدىكى ئۆزگىرىشلەر بىمار ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرغاندا بىر قەدەر روشەن ئىپاد ىلىنىدۇ . مۇنزىچ بېرىشتىن ئىلگىرى ئەتىگەندە ئېغىز تەمى ئاچچىق بولسا ، مۇنزىج بېرىپ ماددا پىشقاندىن كېيىن ، ئېغىز تەمىدىكى ئاچچىقلىق يوقىلىپ نورماللىشىشقا باشلايدۇ. دەسلەپتە ئېغىز تەمى تېتىقسىز ياكى چۈچۈمەل بولغان بولسا مۇنزىچ بېرىپ ماددا پىشقاندىن كېيىن بىرئاز تەمسىزلىنىدۇ . دەسلەپتە ئېغىز پۇراش بولسا ، مۇنزىج بېرىپ ماددا پىشقاندىن كېيىن بۇ خىل پۇراق يوقايدۇ .

ئۇسسۇزلۇق : ئۇسسۇزلۇقنىڭ پەسىيىشىدىن غەيرى تەبىئىي سەپرا خىلىتلىرىنىڭ پىشقانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ . سەپرا خىلىتىنىڭ غەرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولغان كېسەللىكلەر بىلە ن ئاغرىغان بىمارلانىڭ ھەممىسىدە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئۇسىىۇزلاق بولىدۇ . مۇنزىچ بېرىپ ماددا پىشقاندىن كېيىن ، ئۇسسۇزلۇق ئازىيىدۇ ياكى يوقايدۇ .

سۈيدۈكنىڭ مىقدارى ۋە رەڭگى : سۈيدۈكنىڭ مىقدارى ۋە رەڭگىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن غەيرى تەبىئىي سەپرا خىلىتلىرىنىڭ پىشقانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ . خاس سەپرا خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن بولغان كېسەللىكلەردە بىمارنىڭ سۈيدۈكىنىڭ مىقدارى نىسبەتەن ئاز، رەڭگى سېرىق ۋە سۈزۈك بولىدۇ . مۇنزىچ بېرىپ ماددا پىشقاندىن كېيىن سۈيدۈكنىڭ مىقدارى كۆپىيىپ، رەڭگى تۇرۇنجى ( جۈيزە ) رەڭگىگە كىرىدۇ . سەپرا خىلىتىغا بەلغەم خىلىتىنىڭ قوشۇلۇشى سەۋەبىدىن ھاسىل بولغان غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتلىرى پەيدا قىلغان كېسەللىكلەردە بىمارنىڭ سۈيدۈكى سۇس سېرىق رەڭدە ، ئاز مىقداردا دۇغ ھالەتتە كېلىدۇ . ماددا پىشقاندىن كېيىن سۈيدۈك رەڭگى تەدرىجىي ئاقىرىپ سۈزۈلۈپ قىيامى نورماللىشىدۇ . سەپرا خىلىتى تەركىبىگە سەۋدا خىلىتىنىڭ قوشۇلۇشى سەۋەبىدىن ھاسىل بولغان غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى ۋە كۆيگەن سەپرا خىلىتى پەيدا قىلغان كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغان بىبارنىڭ سۈيدۈكى كەندىر يېغى رەڭگىدە بولۇپ، نىسبەتەن قويۇق بولىدۇ . مۇنزىچ بېرىپ ماددا پىشىشقا باشلىغاندا گۆشنى يوغان سۇنىڭ رەڭگىدە كېلىپ ، ماددا پىشىپ بولغاندا تەدرىجىي ئاقىرىپ سېرىققا مايىل ئاق رەڭدە سۈزۈك كېلىدۇ .

تېرە ۋە تېرە رەڭگى: تېرە ۋە تېرە رەڭگىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ سەپرا خىلىتىنىڭ پىشقانلىقىغا باھا بەرگىلى بولىدۇ . سەپرا خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن بولغان كېسەللىكلەردە تېرە يىرىكلىشىپ ، ئەۋرىشىملىكى تۆۋەنلەيدۇ. تېرە توقۇلمىلىرىدا سەپرا رەڭگى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئەكس ئېتىپ ، تېرە مەلۇم دەرىجىدە سارغۇچ ياكى سۇس سېرىق رەڭدە كۆرۈنىدۇ . مۇنزىج بېرىپ ماددا پىشقاندىن كېيىن ، تېرە نىسبەتەن يۇمشاپ ئەۋرىشىملىكى ئەسلىگە كېلىدۇ . تېرە رەڭگىدىكى سېرىقلىق يوقايدۇ .

ئۇيقۇ ۋە ئويغاقلىق : ئۇيقۇ ۋە ئويغاقلىقىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن ماددا پىشقانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ . سەپرا خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولغان كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغان بىمارلارنىڭ ئۇيقۇسى ئازلاپ مىزاجى چۇس، تېرىككەك بولۇپ قالىدۇ . مۇنزىج بېرىپ ماددا پىشقاندىت كېيىن ئۇيقۇسى كۆپىيىپ، مىزاجىدىكى چۇسلۇق ۋە تېرىككەكلىك يوقايدۇ . يۇقىرىقىلار سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچ تەسىرىدە پىشقاتلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئالامەتلەر بولۇپ ، ماددا پىشقاندا ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈلۈشى ناتايىن . پەقەت ئۇلاردىن ئەڭ ئاساسلىق ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئىپادىلەر ياكى كۆپ ساندىكى ئىپادىلەر كۆرۈلسە ، ماددا پىشىپتۇ دەپ قاراپ مۇناسىپ ھالدىكى مۇسھىلنى بېرىش ئارقىلىق غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتلىرىنى بەدەندىن تولۇق تەنقىيە قىلىپ، سەپرا خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشلىرى پەيدا قىلغان خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش تۈرىدىكى كېسەللىكلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن داۋالاپ ساقايتىش لازىم . بۇنىڭ ئۆچۈن خاس خىلىتلارنىڭ مۇسىھىلى بېرىلىدۇ . خاس سەپرا خىلىتىنىڭ سان جەھەتتە كۆپىيىپ كېتىشى ۋە زەڭگەر سەپرا خىلىتىشىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولغان كېسەللىكلەرگە قارىتا مۇسھىلى سەپرا خالىس بېرىلىدۇ . تەركىبى: نېلۇپەر، قىزىلگۈل ، شىاھتەررە ھەر بىرى 10 گرامدىن ، سېرىق ھېلىلە پوستى، كاسىنە ئۇرۇقى ھەر بىرى 15 گرامدىن ، كاسىنە يىلتىزى ، تەرەنجىبىن ، ئەفتىمۇن ( سېرىقئوت ) ھەر بىرى 30 گرامدىن ، تەمرى ھىندى ، خىيارشەنبەر، ئەينۇلا ھەر بىرى 45 گرامدىن ، بادام يېغى 10 گرام . قاتارلىقلارنى مۇنزىچى سەپرا خالىسقا قائىدە بويىچە قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ كۈندە ئىككى قېتىمml 50-100 غىچە بەرگەندە ئۈچەي بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ ، مۇنزىج تەسىرىدە پىشىپ لايىقلاشقان غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنى بەدەن سىرتىغا سۈرۈپ چىقىرىش ، زەھەر قايتۇرۇش، ئۈچەينىڭ چىقىرىپ تاشلاش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش ، يەل تارقىتىش قاتارلىق تەسىرلىرىنى بىرىدۇ. بۇ مەتبۇخ خاس سەپرا خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشلىرى پەيدا قىلغان خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللەردە پىشقان ماددىسىنى سۈرۈپ چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ . مۇنزىچ ، مۇسھىل بېرىش باسقۇچى تۈگەپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئاساسلىق داۋالىغۇچى دورىلار يەنى ھەرقايسى ئەزا كېسەللىكلىرىگە خاس داۋالىغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ . ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەپ ، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىن مۇۋاپىق ئوزۇقلادررۇش ۋە پەرھىز بۇيرۇپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ

سەپرا خىلىتى ۋە تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتىدىن بولغان كېسەللەرگە قارىتا مۇنزىچ سەپرا بەلغىمى بېرىلىدۇ . مۇنزىچ سەپرا بەلغىمى ￿تەركىبى : گۈلبىنەپشە ، نېلۇپەر، قىزىلگۈ ل ، شاھتەررە ، پىرسىياۋشان ، بەدىيان، كاسىنە ئۇرۇقى 15 گرامدىن ، ئاقلانغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزى ، بىخ كاسىنە ، ئەنجۈر قېقى ، چىلان 30 گرامدىن، تەرەنجىبىن 60 گرام . دورىلارنى ئىككى لىتىر سۇغا 64 سائەت چىلاپ ، قاينىتىپ بىر لىتىر شەربەت ئېلىنىدۇ. كۈندە ئىككى قېتىم 100-60 مىللىلىتىر ئىچىشكە بېرىلىدۇ. بۇ مۇنزىچ 5-9 كۈنگىچە بېرىلىپ ، بەدەندە ماددا پىشقانلىققا خاس ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن سۈرۈپ چىقارغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ . مۇسھىل سەپرا بەلغىمى تەركىبى: گۇلبىنەپشە، نېلۇپەر، كاسىنە ئۇرۇقى 10 گرامدىن، ئاقلانغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، سېرىق ھېلىلە پوستى، كاسىنە يىلتىزىنىڭ ھەر بىرى 15 گرامدىن، چىلان، ئەنجۈر قېقى 30 گرامدىن، تەرەنجىبىن، سانا، ئەينۇلا، تەمرى ھىندى 15 گرامدىن، خىيارشەنبەر 45 گرام، گۈلقەنت 100 گرام ، بادام يېغى 30 مىللىلىتىر. قائىدە بويىچە ئىككى لىتىر سۇغا 46 سائەت چىلاپ ، بىر لىتىر شەربەت ئېلىنىدۇ. بىر كۈندە ئۈچ قېتىم ھەرقېتىمدا 60-40 مىللىلىتىر ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ . مۇنزىج، مۇسھىل باسقۇچى تۈگەپ بەدەن تەنقىيە بولغاندىن كېيىن ئاساسىي داۋالىۋچى دورىلار يەنى ھەرقايسى ئەزالاردىكى كېسەللىكلەرگە خاس دورىلار ئىچى - سىرتىدىن ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەپ بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرغۇچى دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىن مۇۋاپىق ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە پەرھىز بۇيرۇپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ .

كۇدە سۈيى رەڭلىك سەپرا خىلىتى سەپرا خىلىتى ۋە كۆيگەن سەپرا خلىتىدىن بولغان كېسەللىكلەرگە قارىتا مۇنزىچ سەپرا سەۋداۋى بېرىلىدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىن مۇسھىل بېرىپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئاساسلىق داۋالىغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ . مۇنزىچ سەپرا سەۋداۋى تەركىبى: گۇلبىنەپشە، نېلۇپەر، قىزىلگۈل، شىاھتەررە، گاۋزىبان ، بادرەنجى بۇيا ، ئۈستقۇددۇس، پىرىسىياۋشان ، كاسىنە ئۇرۇقى، ئاقلانغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزى 15 گرامدىن ، چىلان ، سەرپىستان، كاسىنە يىلتىزى 30 گرامدىن، تەرەنجىبىن 60 گرام. دورىلارنى قائىدە بويىچە 4 - 6 سائەت قايناق سۇغا چىلاپ قاينىتىپ ، بىرلىتىر شەربەت ئېلىنىدۇ . كۈندە ئىككى قېتىم ھەر قېتىمدا 60- 100 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ . بۇ مۇنزىچ 9 -15 كۈن بېرىلىپ ماددا پىشقانلىقىنىڭ بەلگىلىرى كۆرۈلگەندىن كېيىن، سۈرۈپ چىقارغۇچى مۇسھىلى سەپرا سەۋداۋى ئىشلىتىلىدۇ . مۇسھىلى سەپرا سەۋداۋى تەركىبى : گۇلبىنەپشە ، نېلۇپەر، قىزىلگۈل ، شاھتەررە ، گاۋزىبان ، بادرەنجى بۇيا، ئۈستقۇددۇس، پىرسىياۋشان بەدىيان ، كاسىنە ئۇرۇقى ، ئاقلانغان چۇچۇكبۇيا يىلتىزى 15 گرامدىن ، چىلان، سەرپىستان ، بىخ كاسىنە ، ھېلىلە كابلە پوستى ، تەمرى ھىندى ، ئەينۇلا ، سانا ، ئەفتىمۇن 30 گرامدىن ، خىيارشەنبەر 45 گرام ، بادام يېغى 15 مىللىلىتىر. دورىلارنى قائىدە بويىچە ئىككى لىتىر قايناق سۇغا 6-4 سائەت چىلاپ ،قاينىتىپ بىر لىتىر مەتبۇخ ئېلىنىدۇ . بىر كۈندە ئىككى قېتىم ھەرقېتىمدا 60 - 100 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ . مۇنزىج ، مۇسھىل بېرىپ تەنقىيە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ، ئاساسلىق داۋالىغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ . يەنى ئەزالاردىكى كېسەللىكلەرگە خاس داۋالىغۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ . ئۇندىن كېيىن ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرغۇچى دورىلار ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ . ھەم كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ ۋە پەرھىز بۇيرۇلىدۇ .

غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتتىن بولغان كېسەللىكلەرنى داۋالاش پرىنسىپى

ئۇيغۇر تېبابىتىدە قان خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ھالەتكە ئۇزگىرىشىدىن بولغان كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا قان خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ھالەتكە ئۆزگىرىشكە سەۋەب بولغان ئامىللارغا قارىتا سەۋەبىنى يوقىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ .

1. قان خىلىتىنىڭ مىقدار جەھەتتىن ئازىيىپ كېتىشىدىن بولغان كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا : سەۋەبىنى يوقاتقاندىن كېيىن قان كۆپەيتكۈچى، قان ئىشلەش ئەزالىرىنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتكۈچى، قاننى جانلاندۇرغۇچى تەدبىرلەر ۋە دورىلار ئىشلىتىلىدۇ . ئوزۇقلۇقلاردىن تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى كۆپ بولغان ھەمدە ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان ئوزۇقلۇقلار ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ . ھۆل سوغۇق تەبىئەتتىكى قاننى سوۋۇتقۇچى، تەستە سىڭىدىغان ئوزۇقلۇقلاردىن پەرھىز قىلدۇرلىدۇ . دورىلاردىن : ئانارشىەربىتى ، ئۈزۈمشىەربىتى ، ئاامىلە نۇشدارى ، جاۋارىشئامىلە ، مەجۈنى خۇبسۇل ھەدىد ، قۇشقاچ، كەكلىك ، پاقتەك ، ياش پاقلان گۆشلىرى ۋە بۇ گۆشلەردىن تەييارلانغان زىخ كاۋىپى، سوقما كاۋاپ ، شەربىتى رەيھان، مۇسەللەس، مائۇللەھمى قاتارلىقلار بېرىلىدۇ ، مېۋە - چېۋىلەردىن ئانار، قىزىل ئۇزۈم ، خورما ، ماڭگو ، تاتلىق قوغۇن قاتارلىقلارنىڭ سۇلىرىغا ھەسەل قوشۇپ بىرىلىدۇ ، كۆكتاتلاردىن تەركىبىدە تۆمۇر ماددىسى كۆپ بولغان كۆكتاتلار بىرىلىدۇ .

2. قان خىلىتىنىڭ مىقدارى ئارتىپ كەتكەندىن بولغان كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا : قان خىلىتىنىڭ مىقدارى كۆپ بولۇپ، بەدەندە توشۇپ قېلىش، قان تولۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر پەيدا بولغاچقا، كۆك قان تومۇرنىڭ پۈتۈنلۈكىنى نەشتەر بىلەن بۇزۇش ئارقىلىق مۇۋاپىق مىقداردا قان ئېلىنىدۇ . ئەگەر ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى قان ئېلىش مۇمكىن بولمىسا، قانلىق لوڭقا قويۇلىدۇ .

3. قان خىلىتنىڭ نورمال ھالىتىدىن سۇيۇلۇپ كېتىشىدىن بولغان كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا: قان خىلىتىنىڭ سۇيۇلۇپ كېتىشىدىن بولغان كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا : ئالدى بىلەن كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، بۇرۇن قاناش، چىش مىلىكى قاناش، ھەيز قېنى توختىماسلىق، باش قېيىش ، كۆز قاراڭغۇلىشىش، ھارغىنلىق قاتارلىقلارغا قارىتا قان توختاتقۇچى ۋە قاننى قويۇلدۇرغۇچى، قاننى جانلاندۇرۇپ ، سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىشنى تېزلەتكۈچى، قان خىلىتى تەركىبىدىكى ئارتۇق سۇ تەركىبىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ ، قاننىڭ نورمال يېپىشقاقلىق ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى قابىزلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان قۇرۇق سوغۇق ياكى قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتتىكى دورىلاردىن سۇفۇپى خۇنسىياۋشان ، قۇرسى كەھرىۋا ، قۇرسى تاباشىر، تاباشىر گۈلقەنتى ، ئانار گۈلقەنتى، جاۋارىش ئامىلە ، ماددەتۇلھايات، خېمىرى مەرۋايىت ، ئەنجىباھار شەربىتى قاتارلىق تەڭشىگۈچى دورىلارنى بېرىپ ، قان خىلىتىنىڭ سۇيۇق قىيامىنى نورماللاشتۇرۇلىدۇ، داۋالاشتا قان خىلىتىنىڭ نورمال ھالەتتىن قويۇلۇپ قېلىشىدىن بولغان كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا : قان خىلىتىنى سۇيۇلدۇرۇپ، قان تەركىبىدىكى ئۇيۇلما ماددىلارنى پارچىلىغۇچى، ئېرىتكۈچى، قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىقى ئاشۇرغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ. ئەگەر قان تومۇر توسۇلۇش خاراكتېرلىك جىددىي خەتەرلىك كېسەللىكلەردىن: مېڭە قان تومۇر توسۇلۇشتىن بولغان سەكتە، مېڭە قان تومۇرلىرى يېرىلىشتىن بولغان پالەچلىنىش، يۈرەك تاجسىمان قان تومۇر كېسەللىكلىرى، يۈرەكنى تەمىنلىگۈچى قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇشىدىن بولغان شوك قاتارلىق كېسەللىكلەر كېلىپ چىققان ئەھۋال ئاستىدا ، كېسەللىكنىڭ جىددىي ھالىتىگە قارىتا مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىپ، كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلاشقاندىن كېيىن ، ھۆل سوغۇق تەبىئەتتىكى بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزىدىغان قان خىلىتىنى سۇيۇلدۇرۇپ، قان ئۇيۇلمىلىرىنى ئېرىتىپ، قان خىلىتىنى قىيام جەھەتتىن نورمالاشتۇرۇش رولىغا ئىگە تەڭشىگۈچى دورىلاردىن: ئەرقى كاسىنە، ئەرقى بەدىيان، ئەرقى گۈل، چىلان شەربىتى، غورا شەربىتى غورا شەربىتى ، ئىسكەنجىۋىل بۇزۇرى ، ئىسكەنجىۋىل ساددە ، لىمون شەربىتى، سەندەل شەربىتى قاتارلىق دورىلار بېرىلىدۇ .

4. قان خىلىتىنىڭ ئۇفۇنەتلىنىشىدىن بولغان كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا : قاندىكى ئۇفۇنەتنى تازىلاش ، جاراسىملارنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەش ، ھەر خىل يۇقۇملىنىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەسىرى بولغان دورىلاردىن مەتبۇخ چۆبچىن، مەتبۇخ ھېلىلە، مەتبۇخ شاھتەررە، ئىتىرىفىل چۆبچىن ، ئىتىرىفىل شاھتەررە ، ئەرقى چۆبچىن ، ئەرقى ئۆشبە ، ئەرقى كاسىنە ، ئەرقى شاھتەررە ، ئەرقى شىوخلا قاتارلىق دورىلار بېرىلىدۇ .

5. غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنىڭ قان خىلىتىغا قوشۇلۇشىدىن بولغان كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا : ئالدى بىلەن قان خىلىتىغا قوشۇلغان شۇ خىل خىلىتنىڭ مۇنزىچنى بىلەن قان تازىلىغۇچى دورىلارنى قوشۇپ بېرىپ ماددا پىشقاندىن كېيىن شۇ خىلىتقا قارىتا ئۇنىڭ مۇسھىلنى بېرىپ، كېسەللىك ماددىسىغا قارىتا تازىلاش (تەنقىيە) ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ، ئومۇمىي بەدەن ياكى كېسەل پەيدا بولغان شۇ ئەزانىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى (تەبىئەت)نى كۈچەيتكۈچى دورىلار بىرىلىدۇ . غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىدىن بولغان كېسللەرنى داۋالاش پرىنسىپى : ئالدى بىلەن بەلغەم خىلىتىغا قارىتا مۇنزىچ بېرىش، ماددا پىشقاندىن كېيىن ، مۇسھىل بېرىپ كېسەللىك پەيدا قىلغان ماددىنى بەدەندىن تازىلاش . ئۇنىڭدىن كېيىن ئاساسىي داۋالىغۇچى دورا ۋە كۈچلەندۈرگۈچى دورىلارنى ئىشلىتش لازىم . داۋالاش ئۇسۇللىرى : 1) تەمسىز بەلغەم خىلىتى ۋە تاتلىق بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان كېسەللىكلەرنى داۋلاشتا ماددىنى پىشۇرۇش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچى بېرىلىدۇ . خاس بەلغەم مۇنزىچى. تەركىبى : پىرسىياۋشان ، قىزىلگۈل ، رۇم بەدىيان ، بەدىيان 15 گرامدىن ، ئاقلانغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزى ، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم 20 گرامدىن ، ئەنجۈر مۇنىكى 30 گرام، گۈلقەنت 60 گرام ، بىر لىتىر قايناق سۇغا 4- 6 سائەت چىلاپ قاينىتىپ ، 500 مىللىلىتىر شەربەت ئېلىپ ، كۈنىگە ئىككى قېتم ھەرقېتىمدا 60 -100 ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ . بۇ مۇنزىچنى 7 - 9 كۇن بېرىپ ماددا پىشقاندىن كېيىن بەدەندە شۇ ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار بەلگىلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىلى بىرىلىدۇ . بەلغەم خىلىتىنىڭ پىشقانلىقىنىڭ ئالامىتى مىزاجدىكى ئۆزگىرىشلەر تومۇر ھەرىكىتىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەچكە تومۇر سوقۇشتىن غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنىڭ پىشقانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ . مۇنزىچ بېرىشتىن بۇرۇن بىمارنىڭ تومۇر ھەرىكىتى توم ، ئاستا سوققان بولسا ماددا پىشقاندىن كېيىن ئىنچىكە تېز سالىدۇ . ئېغىز تەمى ۋە تىل گېزى : ئېغىز تەمى ۋە تىل گېزىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنىڭ پىشقانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ . ساغلام كىشىلەر تىلنىڭ يۈزىدە بىر قەۋەت تەكشى تارقالغان ئاقۇش گەز بولىدۇ . ھەر خىل ئىچكى - تاشقى ئامىللار تۈپەيلىدىن بەلغەم خىلىتى غەيرىي تەبىئىيلىشىپ كېسەل قوزغالغاندا ، ئەتىگەندە ئېغىزنىڭ تەمى تېتىقسىز ياكى چۈچۈمەل بولۇپ، تىلدا قېلىن ياكى توپا رەڭ گەز باغلىغان بولىدۇ. مۇنزىچ بېرىپ ماددا پىشقاندىن كېيىن ئېغىز تەمىدىكى تېتىقسىزلىق ياكى چۈچۈمەللىك تەدرىجىي يوقىلىش بىلەن بىرگە تىلدىكى ئاق ياكى توپارەڭ گەز تەدرىجىي سۈزۈلۈپ ساغلام چاغدىكى ھالەتكە يېقىنلىشىدۇ . سۈيدۈكنىڭ مىقدارى ۋە رەڭگى : سۈيدۈكنىڭ رەڭگى ۋە مىقدارىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتلىرىنىڭ پىشقانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ. خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشى تەسىرىدىن بولغان خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇشتا بىمارنىڭ سۈيدۈك رەڭگى ئاق، قىيامى قويۇق ، مىقدارى كۆپ بولىدۇ . بەلغەم خىلىتىغا سۇيۇق قان خىلىتىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسل بولغان تاتلىق بەلغەم خىلىتى پەيدا قىلغان خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇشتا بىمارنىڭ سۈيدۈكى گۆش يۈغان سۇنىڭ رەڭگىدە نىسبەتەن كۆپ كېلىدۇ، بەلغەم خىلىتى تەركىبىگە سەپرا خىلىتىنىڭ قوشۇلۇشى نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتلىرى پەيدا قىلغان خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇشدا بىمارنىڭ سۈيدۈكى سۇس سېرىق رەڭدە ، ئادەتتىكىچە كېلىدۇ . بەلغەم خىلىتى تەركىبىگە سەۋدا خىلىتىنىڭ قوشۇلۇشى نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتلىرى پەيدا قىلغان خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇشتا بىمارنىڭ سۈيدۈكى رەڭگى ئاقۇش ، قىيامى قويۇق ، مىقدارى نىسبەتەن ئاز كېلىدۇ . مۇنزىج بېرىپ ماددا پىشقاندىن كېيىن سۈيدۈكنىڭ رەڭگى ۋە مىقدارى ساغلام ۋاقىتتىكى ھالەتكە يېقىنلىشىدۇ . ئۇيقۇ ۋە ئويغاقلىق : ئۇيقۇ ۋە ئويغاقلىق ۋە مىزاجدىكى ئۆزگىرىلشەردىن غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتلىرىنىڭ پىشقانلىقىنى بىلىگىلى بولىدۇ . خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشلىرى تەسىرىدە كېلىپ چىققان خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇشى بىلەن ئاغرىغان بىمارلاردا ئۇيقۇ كۆپ ، پۇت - قول ئېغىر بولۇش ،ئىش خۇشياقماسلىق ئەھۋاللىرى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولىدۇ. مۇنزىچ بېرىپ ماددا پىشقاندىن كېيىن بىمارنىڭ ئۇيقۇسى تەدرىجىي نورماللىشىپ ، بەدەندىكى ئېغىرلىق ۋە سۇسلۇقلار يوقىلىدۇ . يۇقىرىقىلاردىن ئەڭ ئاساسلىق ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئالامەتلەر ياكى كۆپ ساندىكى ئادەتتىكى ئالامەتلەر كۆرۈلسە ، ماددا پىشىپتۇ دەپ قارىلىپ ، بەلغەم خىلىتىنىڭ خاس مۇھسىلىنى بېرىش ئارقىلىق قان تومۇر ئىچكى بېسىمىنى نسىپىي تۆۋەنلىتىپ ، توقۇلما ئارىلىق بوشلۇقلىرىدىكى مۇنزىچ تەسىرىدە پىشىپ لايىقلاشقان غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتلىرىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىنىدۇ . خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىلى تەركىبى : پىرسىياۋشان ، قىزىلگۈل، رۇمبەدىيان، بەدىيان ھەر بىرى 15 گرامدىن، ئاقلانغان چۇچۈكبۇيا يىلتىزى، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم ھەر بىرى 20 گرامدىن ، ئەنجۈر مۈنىكى 30 گرام ، سانا 30 گرام ، توربۇت 15 گرام ، تەرەنجىبىل 60 گرام ، ئابدىمىلىك يېغى 30 مىللىلىتىر، بادام يېغى 10 مىللىلىتىر. دورىلارنى قائىدە بويىچە قايناق سۇغا 4 - 6 سائەت چىلاپ قاينىتىپ 500 مىللىلىتىر شەربەت ئېلىپ كۈنىگە ئىككى قېتىم ، 60 - 100 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىن مۇنزىچ ، مۇسھىل باسقۇچى تۈگىگەندىن كېيىن ، كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ ئاساسىي داۋالىغۇچى دورىلار ئىچى – سىرتىدىن ئىشلىتىلىدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىن ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەپ بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرغۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ . مەسىلەن، ماددەتۇلھايات، داۋائىمىشكى، جاۋارىش مىشكى قاتارلىق دورلار ئىشلىتىلىدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىن ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ، تېز سىڭىدىغان ئىسسىق تەبىئەتلىك ئوزۇقلۇقلار ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ. تەستە ھەزىم بولىدىغان ۋە سوغۇق تەبىئەتلىك مېۋە - چېۋىلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ .

2) شورلۇق بەلغەم خىلىتى ۋە چۈچۈمەل بەلغەم خىلىتلىرىنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولغان كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ماددىنى پىشۇرۇش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى مۇنزىج بەلغەم سەپراۋى بېرىلىدۇ . مۇنزىچى بەلغەم سەپراۋى تەركىبى: پىرسىياۋشان، قىزىلگۈل، شاھتەررە ، گۈلبىنەپشە ، نېلۇپەر، رۇم بەدىيان، بەدىيان 15 گرامدىن ، كاسىنە ئۇرۇقى ، ئاقلانغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزى ، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم 20 گرامدىن ، ئەنجۈر مۈنىكى، چىلان ، كاسىنەسى 30 گرام، گۇلقەنت 60 گرام. دورىلارنى قائىدە بويىچە ئىككى لىتىر قايناق سۇغا 4 - 6 سائەت چىلاپ قاينىتىپ بىر لىتىر شەربەت ئېلىنىدۇ . كۈندە ئىككى قېتىم 60 -100 مىللىلىتىر ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ . ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار بەلگىلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن ، بەدەندىكى بۇخىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتنى چىقىرىپ تاشلاش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى مۇسھىل بەلغەم سەپراۋى بېرىلىدۇ . مۇسھىلى بەلغەم سەپراۋى تەركىبى: گۇلبىنەپشە، نېلۇپەر، كاسىنە ئۇرۇقى 10 گرامدىن ، ئاقلانغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، سېرىق ھېلىلە پوستى ، كاسىنە يىلتىزىنىڭ ھەر بىرى 15 گرامدىن، چىلان، ئەنجۈر مۈنىكى 30 گرام، تەرەنجىبىن، سانا ، ئەينۇلا ، تەمرى ھىندى 15 گرامدىن ، خىيارشەنبەر 45 گرام، گۈلقەنت 100 گرام، بادام يېغى 10 مىللىلىتىر. قائىدە بويىچە ئىككى لىتىر سۇغا 4 - 6 سائەت چىلاپ ، بىر لىتىر شەربەت ئېلىنىدۇ . كۈندە ئىككى قېتم ، 60 - 100 مىللىلىتىر ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىن مۇنزىچ ، مۇسھىل باسقۇچى تۈگەپ بەدەن تەنقىيە بولۇپ بولغاندىن كېيىن ، ھەرقايسى ئەزا ۋە شۇ ئەزالاردىكى كېسەللىكلەرگە ئاساسەن ياكى ئاغرىق پەسەيتكۈچى ياكى ياللۇغ قايتۇرغۇچى ياكى نەپەس راۋانلاشتۇرغۇچى دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىن ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەپ ، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرغۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىن ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەك - ئىچمەكلەر ئىستېمال قىلىنىدۇ . زىيادە ئىسسىق ياكى زىيادە سوغۇق ئوزۇقلۇقلاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ .

3) موزا تەملىك بەلغەم ۋە گەجسىمان بەلغەم خىلىتىدىن بولغان كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا مۇنزىچ بەلغەم سەۋداۋى بېرىلىدۇ . ماددا پىشقاندىن كېيىن، سۇرۈپ چىقارغۇچى، ئاندىن كبيىن ئاساسىي داۋالىغۇچى ۋە قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ . مۇنزىچى بەلغەم سەۋداۋى تەركىبى: پىرسىياۋشان، قىزىلگۈل، گاۋزىبان، بادرەنجى بۇيا ، ئۈستقۇددۇس، بەدىيان 15 گرامدىن، ئاقلانغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، سەرپىستان، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم 20 گرامدىن، چىلان 30 گرا، تەرەنجىبىن، گۈلقەنت 60 گرامدىن، دورىلارنى ئىككى لىتىر قايناقسۇغا 4 – 6 سائەت چىلاپ قاينىتىپ ، بىر لىتىر شەربەت تەييارلىنىدۇ . كۈندە ئىككى قېتىم ھەر قېتىمدا 60 – 100 مىللىلىتىر ئىچىشكە بېرىلىدۇ . بۇ مۇنزىچنى 15 كۈندىن بىر ئايغىچە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇنراق بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار بەلگىلەر كۆرۈلگەندە تۆۋەندىكى سۈرۈپ چىقارغۇچى دورارا - مۇسھىلى بەلغەم سەۋدائى بېرىلىدۇ . مۇسھىلى بەلغەم سەۋداۋى تەركىبى : پىرسىياۋشان ، قىزىلگۈل، گاۋزىبان ھىندى ، باد رەنجى بۇيا ، ئۈستقۇددۇس ، بەدىيان، شاھتەررە ، ئەفتىمۇن 15 گرامدىن ، ئاقلانغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزى ، سەرپىستان ، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم 20￿ گرامدىن، چىلان ، ھېلىلە كابىلە پوستى 30 گرامدىن ، خىيارشەنبەر 45 گرام ، بادام يېغى 15مىللىلىتىر، تەرەنجىبىن ،گۈلقەنت 60 گرامدىن. دورىلارنى قائىدە بويىچە 4 -6 سائەت چىلاپ، بىر لىتىر شەربەت ئېلىنىدۇ . كۈندە ئىككى قېتىم ، 60 -100 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ، مۇنزىچ ، مۇسھىل بېرىپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ، ئاساسىي داۋالىغۇچى دورىلار شۇ ئەزا ۋە شۇ ئەزادىكى كېسەللىكلەرگە قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ . مەسىلەن، كېسەللىك ئاشقازاندا بولسا كۆپىنچە جاۋارىش دورىلار بېرىلىدۇ. ئاشقازان سوۋۇپ كەتكەن بولسا، ئاشقازاننى قىزىتقۇچى جاۋارىشلار بېرىلىدۇ . باشقا ئەزالاردىكى كېسەللىكلەرگىمۇ شۇ ئەزا كېسەللىكلەرگە ئاساسەن شۇنداقلا كېسەلنىڭ مىزاج ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىن ئومۇمىي بەدەننى شۇنداقلا مەلۇم بىر ئەزانى قۇۋۋەتلىگۈچى كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرغۇچى دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، ماددەتۇلھاياھ ، جاۋارىش مىشكى ، داۋائىمىشكىلار دېگەنگە ئوخشاش ئىسسىق تەبىئەتلىك بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ ۋە تېز ھەزىم بولىدىغان ئىسسىق تەبىئەتلىك ئوزۇقلۇق ۋە يېمەك – ئىچمەكلەر ئسىتېمال قىلدۇرۇلىدۇ . تەستە ھەزىم بولىدىغان ئوزۇقلۇقلاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتتىن بولغان كېسەللىكلەرنى داۋالاش پرىنسىپى

غەيرىي تەبىىئي سەۋدا خىلىتتىن بولغان كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا دەسلەپتە سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچ، مۇسھىلى بېرىلىپ ، ئاندىن ئاساسىي داۋالىغۇچى دورىلار ۋە بەدەننى قۇۋۋۇتلىگۈچى دورىلار بېرىلىدۇ .

 (1) سەۋدا خىلىتىنىڭ تەبىئىي مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن بولغان ۋە سەۋدا خىلىتكە ھەر خىل جاراسىملارنىڭ قوشۇلۇشىدىن بولغان ۋە سەۋدا خىلىتىنىڭ ئۆزى كۆيۈشىدىن ھاسىل بولغان غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتلىرىغا قارىتا تۆۋەندىكى خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچى بېرىلىدۇ . خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچى : تەركىبى : گاۋزىبان، باد رەنجى بۇيا ، ئۈستقۇددۇس ، پىرسىياۋشان ، شاھتەررە ، بەدىيان 15 گرامدىن ، چىلان ، سەرپىستان 30 گرامدىن ، ئاقلانغان چۇچۈكبۇيا يىلتىزى ، سەرپىستان 20 گرامدىن ، چىلان 30 گرام ، تەرەنجىبىن 60 گرام. دورىلارنى 1200 مىللىلىتىر سۇغا 4-6 سائەت چىلاپ قاينىتىپ ، 600 مىللىلىتىر شەربەت تەييارلىنىدۇ . كۈندە ئىككى قېتىم ھەرقېتىمدا ، 60 -100 مىللىلىتىر ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ . بۇ مۇنزىچنى 15 كۈن ئەتراپىدا ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بېرىپ، ئۇيقۇ ، ئىشتىھاسى، تومۇرى ، تېرە رەڭگى ، تىل يۈزى، سۈيدۈك رەڭگى قاتارلىقلاردىكى ئۆزگىرىشكە ئاساسەن بەدەندە ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار بەلگىلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىلى بېرىلىدۇ . خاس سە ۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىلى تەركىبى : گاۋزىبان، باد رەنجى بۇيا ، ئۈستقۇددۇس، پىرسىياۋشان، شاھتەررە، بەدىيان 15 گرامدىن، چىلان، سەرپىستان، ھېلىلە كابىلە پوستى 30 گرامدىن ، ئاقلانغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزى ئەفتىمۇن ، سانا 20 گرامدىن ، خىيارشەنبەر 60 گرام، تەرەنجىبىن 60 گرام، بادام يېغى 15 مىللىلىتىر، دورىلارنى قائىدە بويىچە 1.5 لىتىر سۇغا 4 -6 سائەت چىلاپ قاينىتىپ ، 750 مىللىلىتىر شەربەت ئېلىنىدۇ . بىر كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەرقېتىمدا 60 -100 مىللىلىتىر ئىچىشكە بېرىلىدۇ . مۇنزىچ ، مۇسھىل بېرىپ تەنقىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ، ئاساسىي داۋالىغۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. ئوزۇقلۇقلاردىن مۇۋاپىق پەرھىز قىلىنىدۇ .

(2) بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆيۈشىدىن ھاسىل بولغان غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىغا قارىتا تۆۋەندىكى مۇنزىچ سەۋدا بەلغىمى بېرىلىدۇ . مۇنزىچى سەۋدا بەلغىمى تەركىبى: گاۋزىبان ، بادرەنجى بۇيا ، ئۈستقۇددۇس، شاھتەررە ، پىرسىياۋشان، بەدىيان، ئاقلانغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزى 15 گرامدىن ، بىخ بەدىيان ، سەرپىستان ، ئەنجۈر قېقى ، ئۈزۈم 30 گرامدىن، تەرەنجىبىن ، گۈلقەنت 60 گرامدىن . دورىلارنى 1200 مىللىلىتىر قايناق سۇغا قائىدە بويىچە 4 - 6 سائەت چىلاپ ، قاينىتىپ 600 مىللىلىتىر شەربەت ئېلىنىدۇ . كۈندە ئىككى قېتىم ھەر قېتىمدا 60 -100 مىللىلىتىرغىچە ئىچىشكە بېرىلىدۇ . بۇ مۇنزىچ 15 كۇندىن ئارتۇق بېرىلىپ، بەدەندە ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار بەلگىلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، تۈۋەندىكى مۇسھىلى سەۋدا بەلغىمى بېرىلىدۇ. مۇسھىلى سەۋدا بەلغىمى تەركىبى: گاۋزىبان، بادرەنجى بۇيا ، ئۇستقۇددۇس، شاھتەررە، پىرسىياۋشان ، بەدىيان ، ئاقلانغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزى 15 گرامدىن، بەدىيان يىلتىزى، سەرپىستان، ئەنجۈر مۈنىكى، ئۈزۈم، ھېلىلە كابىلە پوستى، قارا ھېلىلە ، تازىلانغان ئامىلە 30 گرامدىن، ئەفتىمۇن ، سانا 15 گرامدىن ، خىيارشەنبە 60 گرام، بادام يېغى 15 مىللىلىتىر، تەرەنجىبىن، گۈلقەنت 60 گرامدىن. دورىلارنى1200 مىللىلىتىر قايناق سۇغا قائىدە بويىچە 4 - 6 سائەت چىلاپ، قاينىتىپ 600 مىللىلىتىر شەربەت تەييارلىنىدۇ . كۈندە ئىككى قېتىم ھەر قېتىمدا 60 - 100 مىللىلىتىر ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ . مۇنزىچ ، مۇسھىل بېرىپ ، بەدەن تازىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئاساسىي داۋالىغۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ .

(3) سەرا خىلىتىنىڭ كۆيۇشىدىن ھاسىل بولغان غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىغا قارىتا تۆۋەندىكى مۇنزىچى سەۋدا سەپراۋى بېرىلىدۇ . مۇنزىچى سەۋدا سەپراۋى تەركىبى: گاۋزىبان، باد رەنجى بۇيا ، ئۈستقۇددۇس ، بىسىتىپايە ج ھىندى ، پىرسىياۋشان، شاھتەررە، گۇلبىنەپشە، نېلۇپەر، قىزىلگۇل 10 گرامدىن ، ئاقلانغان چۈچۇكبۇيا يىلتىزى ، كاسىنە ئۇرۇقى، بەدىيان 15 گرامدىن ، چىلان ، سەرپىستان، كاسىنە ئۇرۇقى، ئەينۇلا 30 گرامدىن، تەرەنجىبىن 60 گرام. دورىلارنى قائىدە بويىچە ئىككى لىتىر قايناق سۇغا 4 - 6 سائەت چىلاپ قاينىتىپ بىر لىتىر شەربەت ئېلىنىدۇ . كۈنىگە ئىككى قېتىم ھەرقېتىمدا 60 - 100 مىللىلىتىر ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ . بۇ مۇنزىج 15 كۈندىن ئارتۇق بېرىلىپ، بەدەندە ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار بەلگىلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن تۆۋەندىكى مۇسھىل سەۋدا سەپراۋى بېرىلىپ بەدەن تازىلىنىدۇ. مۇسھىلى سەۋدا سەپراۋى تەركىبى: گاۋزىبان ، باد رەنجى بۇيا، ئۈستقۇددۇس، بىتىسپايەج ھىندى، پىرسىياۋشان،گۇلبىنەپشە، نېلۇپەر، قىزىلگۇل 10 گرامدىن ، ئاقلانغان چۇچۇكبۇيا يىلتىزى ، كاسىنە ئۇرۇقى، بەدىيان ، ئەفتىمۇن ، سانا 15 گرامدىن، چىلان ، سەرپىستان ، كاسىنە يىلتىزى ، ئەينۇلا ، ھېلىلە كابىلە پوستى ، ھېلىلە سىياھ، ئاقلانغان ئامىلە 30 گرامدىن ، تەرەنجىبىن ، خىيارشەنبەر 60 گرامدىن، بادام يېغى 15 مىللىلىتىر. دورىلارنى قائىدە بويىچە ئىككى لىتىر قايناق سۇغا 4-6 سائەت چىلاپ قاينىتىپ، بىر لىتىر شەربەت ئېلىنىدۇ . كۈنىگە ئىككى قېتىم ھەرقېتىمدا 60 -100 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ. مۇنزىچ، مۇسھىل بېرىپ ، بەدەن تەنقىيە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئاساسىي داۋالىغۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ . يەنى كېسەلنىڭ قايسى ئەزادا ئىكەنلىكى ۋە كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ . ئەگەر كېسەل مېڭىدە بولسا مېڭىدىكى شۇ خىل كېسەلگە قارىتا دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ . ئەگەر ئاشقازاندا بولسا ئاشقازان كېسەللىكلىرىگە مۇناسىپ دورىلار ئىشلىتىلىدۇ، يۈرەكتە بولسا يۈرەك كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان دورىلار ئىشلىتىلىدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىن ئومۇمىي بەدەننى ۋە مەلۇم ئەزانى قۇۋۋەتلىگۈچى، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى كۈچەيتكۈچى دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ . ئوزۇقلىنىش جەھەتتە ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى ، تېز ھەزىم بولىدىغان، سىڭىشلىك ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك - ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ . زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك ۋە قۇرۇقلۇق يەتكۈزىدىغان يېمەك - ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ . [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=6&contentNameId=1113

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#