قاراشىلىك يېزىسى

قاراشىلىك يېزىسى

قاراشىلىك يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالتاي شەھىرى نىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى قاراشىلىك يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 898.5 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 喀拉希力克乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئالتاي شەھىرى
نوپۇسى 5762 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قاراشىلىك يېزىسىقاراشىلىك يېزىسى ئالتاي شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، غەرب تەرىپى بۇرچىن ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقتە ئالتاي شەھىرى ئالاقاق يېزىسى بىلەن قوشنا، ئومۇمىي كۆلىمى 898.5 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، قارىمىقىدا تۆت مەمۇرىي كەنت بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ دېھقانچىلىق كەنتى، بىر چارۋىچىلىق كەنتى بار، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن يېزا. نوپۇسى 5762 ئادەم، قازاق، خەنزۇ، خۇيزۇ، تاتار، ئۇيغۇر،دۇڭشياڭ قاتارلىق يەتتە مىللەتتىن تەركىب تاپقان. 2013-يىلى، يېزا بويىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 10 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

قاراشىلىك يېزىسىقاراشىلىك يېزىسىنىڭ ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى زور، يورۇقلۇق، ئىسسقلىق، تۇپراق بايلىقى مول، دۆلەت يولى 217-لىنىيەسى بۇ يېزىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، تەبىئىي ئوتلاق كۆلىمى 600 مىڭ مو، 30 مىڭ مو سۇغىرىلىدىغان ئوتلاق بار، ئەتراپىدىكى قومۇشلۇق كۆلىمى 50 مىڭ مو، چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەۋزەل جاي.

قاراشىلىك يېزىسىقاراشىلىك يېزىسى باشتىن-ئاخىر «ئىقتىسادىي تۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىش، چارۋىچىلىقنى تەڭ ئېلىپ بېرىش، بايلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق يېزىنى گۈللەندۈرۈش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات فاڭجېنىنى پائال زورايتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلما ۋە كەسىپ قۇرۇلمىنى تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگىچە ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا مېڭىپ، تىرىشىپ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرگەن.

كۆپ يىللاردىن بۇيان بۇ يېزا تېرىغان زىرائەت ئاساسلىقى سېرىق پۇرچاق، قوناق، مايلىق ئاپتاپپەرەس قاتارلىقلار. قوغۇن كۆلىمى 2000 موغا يېتىپ، ئۈچ يىل ئىچىدە 8000-5000 موغا يەتكەن، شۇنداقلا ئالتايدىكى قوغۇن ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بۇلۇپ قالغان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#