يۈرەك تىترەش

يۈرەك تىترەش

يۈرەك تىترەش ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۈرەك ئۆتكۈزۈش سىستېمىسىنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، غەيرىي ئورۇندىكى قوزغىتىش سەۋەبىدىن، كلىنىكىدا يۈرەك رىتىمى تەرتىپسىز بولۇش، تومۇرنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى ئوخشاش بولماسلىقى قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.

جۇڭيى تىبابىتى نامى يۈرەك تىترەش
تەۋە بۆلۈم يۈرەك كېسەللىكلەر بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى يۈرەك
خەنزۇچە نامى 心 颤 动
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۈرەك تىترەشيۈرەك تىترەش ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۈرەك ئۆتكۈزۈش سىستېمىسىنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، غەيرىي ئورۇندىكى قوزغىتىش سەۋەبىدىن، كلىنىكىدا يۈرەك رىتىمى تەرتىپسىز بولۇش، تومۇرنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى ئوخشاش بولماسلىقى قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.

يۈرەك تىترەش ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «ئىختىلاجى قەلب« دەپ ئاتىلىدۇ.

يۈرەك تىترەش-يۈرەك دالانچىسى تىترەش، يۈرەك قىرىنچىسى تىترەش دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.

يۈرەك دالانچىسى تىترەش

يۈرەك دالانچىسى تىترەش ھەرخىل يۈرەك كېسەللىكلىرى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۈرەك دالانچىسىدىكى غەيرىي ئورۇنلۇق قوزغىلىش نۇقتىسى نورمالسىز ئىمپۇلس قويۇپ بېرىپ، كلىنىكىدا يۈرەك دالانچە چاستوتىسى مىنۇتىغا 600 ~ 350 قېتىم ئەتراپىدا سوقۇش، يۈرەك ھەرىكىتى تەرتىپسىز بولۇش، تومۇرنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى ئوخشاش بولماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.

يۈرەك قىرىنچىسى تىترەش

يۈرەك قىرىنچىسى تىترەش ھەرخىل يۈرەك كېسەللىكلىرى ۋە باشقا سەۋەبلەردىن يۈرەك ئۆتكۈزۈش سىستېمىسىنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، كلىنىكىدا يۈرەك قېرىنچىسى تىترەش ۋە يۈرەك زەئىپلىكىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.

رېماتىزم خاراكتېرلىك يۈرەك كلاپان كېسەللىكلىرى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، سوزۇلما تارىيىشلىك يۈرەك قېپى ياللۇغى، يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى، يۇقىرى قان بېسىم سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يۈرەك كېسىلى، قالقانسىمانبەز خىزمىتى ئېشىپ كېتىشتىن كېلىپ چىققان يۈرەك كېسەللىكى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن يۈرەك ئۆتكۈزۈش سىستېمىسىدا نورمالسىزلىق يۈز بېرىپ، يۈرەك دالانچىسىدىكى قوزغىتىش نۇقتىسى نورمالسىز ئىمپۇلس قويۇپ بېرىپ، يۈرەك دالانچىسىنىڭ تىترىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يۈرەك قېرىنچە قېتىمى ئاستا بولغان ۋاقىتتا بىماردا روشەن ئالامەت بولمايدۇ. يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ سوقۇشى تېز بولغان ۋاقىتتا يۈرەك سېلىش، نەپەس سىقىلىش، باش قېيىش ۋە ماغدۇرسىزلىق بولىدۇ. ئېغىر بولسا كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسىدۇ. ئەس-ھوشى يوقىلىدۇ ھەمدە يۈرەك سانجىقى قوزغىلىدۇ، يۈرەك زەئىپلىكىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ يۈرەك رىتىمى مۇتلەق تەرتىپسىز بولىدۇ. يۈرەك تاۋۇشىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى ئوخشاش بولمايدۇ. تومۇر سوقۇشى كەم بولىدۇ.

1. تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

يۈرەك رىتىمى مۇتلەق تەرتىپسىز بولۇش، يۈرەك تاۋۇشىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى ئوخشاش بولماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

يۈرەك ئېلېكتر كاردىئوگراممىدا تەكشۈرگەندە، نورمال ئېلېكتروكاردىئوگراممىدىكى P دولقۇن يوقىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان، ئارىلىقى تەكشى بولمىغان يۈرەك دالانچە تىترەش دولقۇنى ئىگىلەيدۇ. ھەر مىنۇتتىكى دالانچە چاستوتىسى 600 ~ 350 قېتىم بولۇپ، V1، Ⅱ، Ⅲ، avF ئۇلانمىلاردا نىسبەتەن روشەن بولىدۇ. QRS دولقۇن توپىنىڭ ئارىلىقى مۇتلەق تەرتىپسىز (R-R ئارىلىقى تەڭ ئەمەس) بولىدۇ.

يۈرەك دالانچىسى تىترەش يۈرەكتىكى تۈرلۈك كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولغاچقا، ئۇنى داۋالاشتا سەۋەبچى بولغان كېسەللىكلەرنىڭ داۋالاش پرىنسىپى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=770

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

2 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    100%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#