پەكىچى يېزىسى
پەكىچى يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىدىكى مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، يەكەن ناھىيەسىنىڭ شىمالىغا 19 كىلومېتىر جايغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
پەكىچى يېزىسى يەكەن ناھىيەسىنىڭ شىمالىغا 19 كىلومېتىر جايغا جايلاشقان. غەربىي تەرىپى قىزىل ئېقىنسۇ چۆللۈكى، شەرقتە تاغارچى يېزىسى، جەنۇبتا ئىشقۇل يېزىسى بىلەن قوشنا. يەكەن ناھىيەسى پەكىچى يېزىسى ئەسلىدە ئىشقۇل يېزىسى تەۋەلىكىدە بولۇپ، 1986-يىلى يېزا تەسىس قىلىنغان. كۆلىمى 189.2 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 19728 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 19649 ئادەم، باشقا مىللەتلەر 79 ئادەم.. مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارلىقى 1460 كىلومېتىر.
1986-يىل 5-ئايدىن بۇرۇن ئىشقۇل رايونىغا تەۋە بولغان. 1986-يىلى 5-ئايدا پەكىچى يېزىسى قۇرۇلغان.
«پەكىچى» ئۇيغۇر تىلىدا «قۇمۇش بورا ئادەم» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى بۇرۇنقى بۇ ئەتراپ چۆل، ھەممە يەردە قومۇش ئۆسكەن، خەلق قومۇش بورا توقۇش بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئۇيغۇر تىلىدا «بورىچى» دەپ ئاتالغان. ئوقۇلۇشى پەيدىنپەي ئۆزگىرىپ پەكچى دەپ ئاتالغان.
پەكىچى يېزىسىپەكىچى يېزىسى قارىمىقىدا 16 مەمۇرىي كەنت ئاھالە كومتېتى بۇلۇپ، 71 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، شتات سانى 55، ئەمەلىي ئادەم سانى 48 ئادەم. قاراشلىق بوزۇرۇن كەنتى، پەكىچى كەنتى، يىما كەنتى، باداملىق كەنتى، سىيەك كەنتى، قۇمئېرىق كەنتى، ئاچچىق كەنتى، دۆڭئۆستەڭ كەنتى، توپچا كەنتى، ئۈچكۆۋرۈك كەنتى، ئاراكەنت كەنتى، ئاياغ پەكىچى كەنتى، ساتماقۇم كەنتى، مارجانقۇم كەنتى، كانايتوغراق كەنتى، سېرىقتوغراق كەنتى قاتارلىق. يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي بولسا بوزۇرۇن كەنتى.
پەكچى يېزىسى كۆلىمى 189.2 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 19728 ئادەم، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، كېۋەز، قوناق قاتارلىقلار. كارخانىلاردىن ئاشلىق-ماي پىششىقلاپ ئىشلەش، دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى رېمونت قىلىش قاتارلىقلار بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.