دەنزېل ۋاشىنگتون
دەنزېل ۋاشىنگتون 1954-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى نيۇيورك ئىشتاتىدا تۇغۇلغان، ئامېرىكىلىق نېگىر ئەر ئارتىس، رېژىسسور ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دەنزېل ۋاشىنگتوندەنزېل ۋاشىنگتون 1954-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى نيۇيورك ئىشتاتىدا تۇغۇلغان، ئامېرىكىلىق نېگىر ئەر ئارتىس، رېژىسسور ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى. دەنزېل 1977-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ سان فىرانسىسكوغا بارغان ھەمدە ئۇ شۇ يەردە ئامېرىكا مۇزىكا-تىياتىر ئىنستىتۇتىنىڭ (ACT) ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن. ئۇ بىر يىل رول ئېلىشنى ئۆگەنگەن، ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقىۋاتقان چېغىدا يوسېف. پېپو رېژىسسورلۇق قىلغان سەھنە ئەسىرى «شېكېسپېر»غا قاتناشقان، ئۇنىڭدا بىر تالاشتارتىشى كۆپ شەخىس رىچارد 3 نىڭ رولىنى ئالغان.
دەنزېل ۋاشىنگتون ئامېرىكىلىق قارا تەنلىك ئارتىسلار ئىچىدىكى ئەڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك شەخسلەرنىڭ بىرى. 1989-يىلى ئۇ «شەرەپ» (光荣) ناملىق كىنوسى بىلەن ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر باش رولچى شەرىپىگە ئېرشىكەن. 2000-يىلى «قارا بوران» (飓风) ناملىق كىنوسى بىلەن ئالتۇن شار مۇكاپاتىنىڭ ۋەقەلىك تۈرى بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر باش رولچى شەرىپىگە ئېرىشكەن. 2002-يىلى «مەشىق كۈنى» (训练日» ناملىق كىنوسى ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر باش رولچى شەرىپىگە ئېرىشكەن.
1981-يىلى، دەنزېل تۇنجى كىنوسى «قارا تەنلىكلەر ئوغلى»دا بىر ئاق تەنلىك باينىڭ بىر نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىسىنىڭ رولىنى ئالغان. لېكىن كىنو ساھاسىگە ئەمدىلا قەدەم قويغان دەنزېل بۇ تۇنجى كىنوسى بىلەن نام چىقارمىغان.
1984-يىلى، «بىر ئەسكەرنىڭ ھېكايىسى» قاتارلىق فىلىملەردە رول ئالغان.
1987-يىلى، فىلىم «ئەركىنلىك ئۈچۈن چۇقان سېلىش»تا باش رول ئالغان ھەمدە شۇ يىللىق ئوسكار ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
1989-يىلى ئېدۋارد.سىۋېك رېژىسسورلۇق قىلغان شىئىرلىك فىلىم «شەرەپلىك»نى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتناشقان، بۇ فىلىم ئۇنىڭ 62-نۆۋەتلىك ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىگە تۈرۈتكە بولغان، مۇشۇ ئالاھىدە شەرەپكە ئېرىشكەن تۇنجى نېگىر ئارتىسقا ئايلانغان.
1992-يىلى، لى سىپەيك رېژىسسورلۇق قىلغان، سىياسىي تېمىدىكى فىلىم «ماركىم X»تا باش رول ئالغان، بۇ فىلىم ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئوسكار ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس نامزاتىغا كۆرسىتىلىشىگە تۈرتكە بولغان.
1993-يىلى، جۇلىيا.روبېرتس بىلەن بىرلىكتە ساپ سودا، كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېردىكى فىلىم «غاز كۆلچىكىدىكى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقى»دا باش رول ئالغان ھەمدە ھەركەتلىك فىلىمدا رول ئېلىشقا باشلىغان.
1995-يىلى، رۇسسۇ.كروۋ بىلەن بىرلىكتە بۇلېيتى.رونالد رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىم «ۋاقىت بوشلۇقىدىكى جەسۇر گېنېرال»دا باش رول ئالغان.
1996-يىلى، مىگن رۇين بىلەن ھەمكارلىشىپ، ھەربىي تېمىدىكى فىلىم «ھايات-ماماتلىقتىكى جۇشقۇن ھېسسىيات»نى سۈرەتكە ئالغان.
1998-يىلى، رېژىسسور ئېدۋارد زىۋېيىك بىلەن 2-قېتىم ھەمكارلىشىپ، برۇس ۋېللىس بىلەن بىرلىشىپ سىياسىي ۋەھىمىلىك فىلىم «نيۇيوركتىكى چوڭ پارتلاش»تا رول ئالغان.
1999-يىلى، ئەنجىلىنا.جۇلى بىلەن بىرلىكتە ئاۋسترالىيەلىك رېژىسسور فېلپ نويىسننىڭ قورقۇنچلۇق فىلىم «ئادەم سۆڭىكىدە رەسىم تىزىش»تا باش رول ئالغان.
2000-يىلى، قارا تەنلىك ترېنېر خېلمان بۇن توغرىسىدىكى تەرجىمىھال فىلىم «ئىستىھكامغا بۆسۈپ كىرىش»نى سۈرەتكە ئالغان.
2001-يىلى، ئانتونى فوكۈيا رېژىسسورلۇق قىلغان «مەشىق كۈنى»دە باش رول ئالغان.
2002-يىلى، فىلىم «قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا قىستىلىش»تا باش رول ئالغان.
2003-يىلى فىلىم «چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە قوغلاپ تۇتۇش»تا باش رول ئالغان.
2004-يىلى، فىلىم «غەزەپ ئوتىدا قۇتقۇزۇش»تا باش رول ئالغان.
2006-يىلى، فىلىم «ماكان يىپ ئۇچى»دا باش رول ئالغان.
2007-يىلى، ئىلھاملاندۇرۇش خاراكتېرىدىكى فىلىم « ئۇلۇغ مۇنازىرچى»دە ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ رول ئالغان.
2009-يىلى، كىنو «قورقۇنۇچلۇق مېترو»دا باش رول ئالغان.
2010-يىلى، تونى.سكىت رېژىسسورلۇق قىلغان ھەرىكەتلىك فىلىم «خەتەرلىك ئەھۋالدىكى سۈرئەت»تە باش رول ئالغان.
2012-يىلى، روبېرت زىمجىز رېژىسسورلۇق قىلغان «مەجبۇرىي قوندۇرۇلغان نۆۋەتچى ئايروپىلان»دا باش رول ئالغان.
2013-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى، ماك ۋوربوگ بىلەن ھەمكارلىشىپ يەر شارى كىنوچىلىقى ئىشلىگەن فىلىم «قوش ئەژدىھانىڭ قول چىقىرىشى»دا باش رول ئالغان.
2014-يىلى 5-ئايدا 30 كۈنى، برودۋايدا سەھنەىسىدە تىياتىر «قۇياش نۇرى ئاستىدىكى داستان»غا قاتناشقان.
2015-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى، «خۇشچاقچاق ئىمپېرىيە»نىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىنىڭ سۈرەتكە ئېلىشقا قاتناشقان.
2016-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، 73-نۆۋەتلىك ئامېرىكا كىنو-تېلېۋىزىيە ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى
1988-يىلى، 60-نۆۋەتلىك ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
1990-يىلى، 62-نۆۋەتلىك ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
1993-يىلى، 65-نۆۋەتلىك ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2000-يىلى، 72-نۆۋەتلىك ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2002-يىلى، 74-نۆۋەتلىك ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2013-يىلى، 85-نۆۋەتلىك ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2017-يىلى، 89-نۆۋەتلىك ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئامېرىكا كىنو-تېلېۋىزىيە ئالتۇن توپ مۇكاپاتى
1988-يىلى، 45-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
1990-يىلى، 47-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
1993-يىلى، 50-نۆۋەتلىك ۋەقەلىك تۈرىدىكى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2000-يىلى، 57-نۆۋەتلىك ۋەقەلىك تۈرىدىكى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2002-يىلى، 59-قېتىملىق ۋەقەلىك تۈرىدىكى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2008-يىلى، 65-نۆۋەتلىك ۋەقەلىك تۈرىدىكى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2013-يىلى، 70-نۆۋەتلىك ۋەقەلىك تۈرىدىكى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2015-يىلى، 73-نۆۋەتلىك ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
MTV كىنو مۇكاپاتى
1993-يىلى، 2-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
1994-يىلى، 3-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئېكران ھەمراھ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
1994-يىلى، 3-نۆۋەتلىك ئەڭ تەنناز ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
1996-يىلى، 5-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2002-يىلى، 11-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى كىنو سۆزى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2002-يىلى، 11-نۆۋەتلىك ئەڭ سەلبىي ئوبراز مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2008-يىلى، 17-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2008-يىلى، 17-نۆۋەتلىك ئەڭ سەلبىي ئوبراز مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2013-يىلى، 22-نۆۋەتلىك ئەڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۆرۈنۈشلەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئامېرىكا خەلقى تاللاش مۇكاپاتى
2005-يىلى، 31-نۆۋەتلىك ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئەر چولپان نامزات كۆرسىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2007-يىلى، 33-نۆۋەتلىك ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئەر چولپان نامزات كۆرسىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2008-يىلى، 34-نۆۋەتلىك ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئەر چولپان نامزات كۆرسىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى، دەنزېل لوس ئانژېلېستا ھايتى خەلقى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن يەر شارى تېلېۋىزىيە ئىئانە توپلاش كېچىلىكىگە قاتناشقان. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ لوس ئانژېلېس، نيۇيورك، لوندون ۋە ھايتى پايتەختى شاھزادە پورتىغا بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ پائالىيەتنى ھوللىۋودنىڭ ئەر كىنو چولپىنى جورج كېلۇنى قوزغىغان، كۆپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تور بېكىتى ۋە رادىئو ئىستانسىسى يەنە ماس قەدەملىك ئۇلاپ كۆرسىتىش ۋە ئاڭلىتىش ئېلىپ بارغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.