مەجۇنى ئامىلە نۇشدارى
مەجۇنى ئامىلە نۇشدارى رەئىس ئەزالار، ئاشقازان، تال ۋە بۆرەكنى كۈچەيتىش تەسىرىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
نامى | مىقدارى | نامى | مىقدارى | نامى | مىقدارى | نامى | مىقدارى |
---|---|---|---|---|---|---|---|
ئامىلە | 180 گرام | زەرنەپ | 3 گرام | قىزىلگۈل | 9 گرام | گۈل دارچىن | 3 گرام |
سەئىدى كوفى | 7.5 گرام | بەسباسە | 3 گرام | قەلەمپۇر | 4.5 گرام | قاقىلە | 3 گرام |
مەستىكى | 4.5 گرام | لاچىندانە | 3 گرام | سۇمبۇل | 4.5 گرام | جويۇز | 3 گرام |
ئاسارۇن | 4.5 گرام | زەپەر | 3 گرام |
بۇ قىزغۇچ قوڭۇر رەڭلىك مەجۇن بولۇپ، تەمى ئازراق تاتلىق.
يۇقۇرىدىكى 14 خىل دورىدىن، ئامىلىنى كالا سۈتىگە چىلاپ 24~12 سائەتكىچە تۇرغۇزۇپ، پاكىز يۇيۇپ، ئۇرۇقىنى چىقىرىۋېتىمىز، ھەسەلنىڭ يېرىمىنى قوشۇپ، قۇيۇق قىيام ھالەتكە كەلگىچە قىزدۇرۇپ تەييارلايمىز؛ باشقا 13 خىل دورىنى سوقۇپ يۇمشاق تالقانلاپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، يۇقۇرىدىكى قىيام ۋە چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ يۇغۇرۇپ، 1000 گرام مەجۇن تەييارلىنىدۇ.
رەئىش ئەزالار ئاجىزلاش، ئىشتىھاسىزلىق، جىگەر خىزمىتى ناچارلىشىش، ئومۇمى بەدەن ئاجىزلىق قاتارلىقلارغا ئشلىتىلىدۇ.
بۇ دورا مەجۇن ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دورا ئۆلچىمى ئۇيغۇر تىبابەت دورا قىسمى،قوشۇمچە I ) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.
دورىدىن 30 گرام ئېلىپ، 30 گرام دىئاتومىد قوشۇپ، ئېزىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، 100ml مېنتانول قوشۇپ، 30 مىنۇت ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا تۇرغۇزۇپ، سۈزۈپ، سۈزۈلگەن سۇيۇقلۇقنى پارلاندۇرۇپ قۇرۇتۇپ، قالدۇقىغا 1ml مېنتانول قوشۇپ ئېرىتىپ سىناق ئېرىتمىسى تەييارلايمىز. ئېۋگېنول سېلىشتۇرما دورىسىدىن ئېلىپ، ئېتىل ئېفىر قوشۇپ ھەر 1ml سۇيۇقلۇق µl16 دورا تۇتقان سېلىشتۇرۇلىدىغان ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى تەجرىبىسىگە ئاساسەن، يۇقۇرىدىكى ئىككى خىل دورا ئېرىتمىسىدىنµl2 شۈمۈرۈپ ئېلىپ، نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل گرام لىق تاختا ئۈستىدىكى ئايرىم-ئايرىم نوقتىغا تېمىتىپ، (9∶1) نېفىت ئېتىرى(℃60~℃90)-ئېتىل ئاتسىتاتنى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ، تاختا ئۈستىگە %5لىك ۋانىللىن سۇلفات كىسلاتا ئېرىتمىسىنى پۈركۈپ، ℃105 لۇق ھارارەتتە داغ توچكىلىرى ئېنىق كۆرۈنگىچە قىزىتىمىز. سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدا، سېلىشتۇرۇلىدىغان دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.