تروپىك سىزىقى
يەر شارىدا جەنۇبىي كەڭلىك 23 ° 26 ′ ۋە شىمالىي كەڭلىك 23 ° 26 ′ دەپ ئىككى كەڭلىك چەمبىرىكى بار. شىمالىي كەڭلىك 23 ° 26 ′ قۇياش نۇرىنىڭ يەر شارىدىكى تىك چۈشىدىغان جاينىڭ ئەڭ شىمالىي چېگرىسى، شىمالىي تروپىك سىزىقى دەپ ئاتىلىدۇ. جەنۇبىي كەڭلىك 23 ° 26 ′ قۇياش نۇرىنىڭ يەر شارىدىكى تىك چۈشىدىغان جاينىڭ ئەڭ جەنۇبتىكى چېگرىسى، جەنۇبىي تروپىك سىزىقى دەپ ئاتىلىدۇ. تروپىك سىزىقى ھەر يىلى قۇياشنىڭ يەر شارىغا تىك چۈشۈپ يۆتكىلىشىدىكى چېگرا سىزىقىدۇر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يەر شارى قۇياش ئەتراپىدا ئايلانغاندا، يەر ئوقى بىلەن قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش ئوربىتا تەكشىلىكى 66.5 گرادوسلۇق كېىسشمە بۇلۇڭ ھاسىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ھالەت ئاساسەن ئۆزگەرمەيدۇ، شۇڭا، قۇياش نۇرى پەقەت جەنۇبىي ۋە شىمالىي تروپىك سىزىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رايۇنلارغىلا تىك چۈشىدۇ، قۇياش نۇرى بۇ رايۇنلارغا يىلدا ئىككى قىتىم تىك چۈشىدۇ، بۇ رايۇنلار پۈتكۈل يەر شارى بويىچە قۇياش نۇرى ۋە ئىسسىقلىقنى ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلغان بولغاچقا، تروپىك ( ئىسسىق ) بەلباغ رايۇنى دەپ ئاتىلىدۇ، قۇياش نۇرى شىمالىي تروپىك سىزىقىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي تروپىك سىزىقىنىڭ جەنۇبىدىكى رايۇنلارغا يانتۇ چۈشىدۇ.
قۇياش نۇرىنىڭ تىك چۈشۈش نۇقتىسى يەر شارىنىڭ يۈزىدە ئالدى - كەينىگە يۆتكىلىدۇ، 66.5 گرادۇستلۇق كىسىشمە بۇلۇڭنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، قۇياش نۇرىنىڭ تىك چۈشۈش نۇقتىسى شىمال تەرەپتە ئەڭ يۇقىرى بولغاندىمۇ شىمالىي كەڭلىك 23.5 گرادوسقا بارالايدۇ، بۇ كەڭلىك سىزىقى دەل شىمالى تروپىك ( رېگرېسىسيە ) سىزىقىدۇر.
قۇياش نۇرىنىڭ تىك چۈشۈش نۇقتىسى يەر شارىنىڭ يۈزىدە ئالدى - كەينىگە يۆتكىلىدۇ، 66.5 گرادۇسلۇق كىسىشمە بۇلۇڭنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، قۇياش نۇرىنىڭ تىك چۈشۈش نۇقتىسى جەنۇب تەرەپتە ئەڭ يۇقىرى بولغاندىمۇ جەنۇبىي كەڭلىك 23.5 قا بارالايدۇ، بۇ جەنۇبىي تروپىك ( رېگرېسىسيە ) سىزىقىدۇر. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.