كاباردا-بالكار ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كاباردابالكار ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى رۇس فېدېراتسىيىسىنىڭ بىر مەمۇرىي رايونى بولۇپ، شىمالىي كاۋكازنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. مەيدانى 12 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 716 مىڭدىن ئاشىدۇ(1985) ، بۇنىڭ كۆپىنى كاباردا ھەم بالكار خەلقلىرى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا رۇس، ئوكرائىن قاتارلىق مىللەتلەرمۇ بار. كاباردا-بالكار ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى 1936-يىلى 12-ئايدا ئوبلاست بولۇپ قۇرۇلغان. مەركىزى نالچىك شەھىرى، جۇمھۇرىيەتنىڭ كۆپ قىسمىنى تاغلىقلار تەشكىل قىلىدۇ، جەنۇبىي قىسمىنى چوڭ كاۋكاز تاغلىرىنىڭ ئىلبورس چوققىسى(5633 مېتىر) ھەم ئۇنىڭدىن باشقا ئېگىزلىكى 5000 مېتىردىن يۇقىرى بولغان بىرقانچە تاغ چوققىلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ.
يەر ئاستى بايلىقلىرىدىن مولېبدىن، ۋۇلفرام، سۈرمە، قوغۇشۇن، ئاليۇمىن، ۋىسمۇت، قەلەي قاتارلىق رەڭلىك مېتاللارنىڭ زاپىسى مول، مېنېرال بۇلاقلارمۇ كۆپ. ئىقلىمى ماتېرىك خاراكتېرلىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 800 مىللىمېتىرىدن ئاشىدۇ، تاغ ئېتەكلىرىدە 500-600 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. ئىقتىسادتا يېزا ئىگىلىك ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇغداي، كۆممىقوناق، ئاپتاپپەرەس، كەندىر قاتارلىق زىارائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ، چارۋىچىلىقى تەرەققىي قىلغان. رەڭلىك مېتاللارنى قېزىش، نېفىت ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ھەمدە كۆرسەتكۈچلۈك ئەسۋابلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئاساسىي شەھەرلىرى پروخلادنې ھەم دۇكشۇكىنولاردىن ئىبارەت.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.