ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

كىشىلەر ئالتۇندىن ياسالغان تۈرلۈك زىننەت بۇيۇملىرىنى ئالتۇن دەپ ھېسابلايدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كىشىلەر ئالتۇندىن ياسالغان تۈرلۈك زىننەت بۇيۇملىرىنى ئالتۇن دەپ ھېسابلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بىز تىلغا ئېلىۋاتقان مەبلەغ سېلىش خاراكتېرلىك ئالتۇن ئەمەس. خاتىرىلەش تۈرىدىكى زىقچە ئالتۇنلار ۋە باشقا زىقچە ئالتۇنلارنىڭ قىممىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى، قىممىتىنى ساقلىغىلى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ باھاسى ئالتۇن باھاسىنىڭ داۋالغۇشىغا باغلىق بولماستىن، يىغىپ ساقلاش قىممىتى ۋە بەدىئىي قىممىتىگە باغلىق بولىدۇ. شۇڭا مەبلەغ سالغۇچىلار بۇنداق ئالتۇننى سېتىۋالغاندا ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدىن شەكىللەنگەن پايدىدىن تولۇق بەھرىمەن بولالمايدۇ.

ھەقىقىي مەنىدىكى مەبلەغ سېلىش خاراكتېرلىك ئالتۇننىڭ سودا تەننەرخى تۆۋەن بولۇش، ئالتۇن باھاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇش ۋە ئېنىق سېتىۋېلىش يولى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. نۆۋەتتە، دۆلەت ئىچى بازارلىرىدا ئالتۇنغا مەبلەغ سالىدىغان تۈرلەر سودا بانكىلىرى ۋاكالىتەن بېجىرىۋاتقان ئالتۇن بېرژىلىرىنىڭ ئالتۇنلىرى، جۇڭگو ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى بىلەن دۇنيا ئالتۇن جەمئىيىتى بىرلىشىپ كېڭەيتكەن جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىش خاراكتېرلىك زىقچە ئالتۇنلىرى، كۈچلۈك ئەمەلىي كۈچكە ئىگە خۇسۇسىي ئالتۇن تىجارەتچىلىرىنىڭ ئالتۇنلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئالتۇنلار مەبلەغ سېلىش خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىك ۋە ئىقتىدارغا ئىگە. 

ئەمما مەبلەغ سالغۇچىلار ئالتۇنغا مەبلەغ سالغاندا ئالتۇننىڭ ساپلىقىغا دىققەت قىلىش بىلەن بىللە، ئېتىراپنامىسىنىڭ بار-يوقلۇقى ۋە مەركىزىي بانكا بېكىتكەن ئالتۇن - كۈمۈشنى پىششىقلاش كارخانىسىنىڭ ئالتۇنى ياكى ئەمەسلىكىنى پەرقلەندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ سالغان مەبلىغىنىڭ ئىناۋەت خېيىم-خەتىرىگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئالتۇن سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغاندا ئالتۇننى تاللىماي بەلكى قەغەز ئالتۇننى تاللاپ كەلسە، ئالتۇننىڭ ئوبوروتچانلىقى ناچار بولۇپ، سېتىۋالغاندىن كېيىن سېتىپ چىقىرىش سەل قىيىنغا توختايدۇ. يېتەرلىك مەبلەغ بولسا، سىز ئالتۇن سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى بانكىنىڭ ئېھتىيات ساندۇقىغا ئامانەت قويۇپ ساقلاشنى ئويلىشىپ كۆرسە بولىدۇ.

بىرىنچىدىن، ئالتۇن-كۈمۈش پۇللار بىلەن ئالتۇن-كۈمۈش مېداللارنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈش كېرەك. ئوخشاش ماتېرىيال ۋە ئوخشاش ئۆلچەمدىكى ئالتۇن-كۈمۈش پۇللار ۋە ئالتۇن-كۈمۈش مېداللارنىڭ تەركىبىدىكى ئالتۇننىڭ مىقدارى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، بازار باھاسى ئوخشىمايدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئالتۇن-كۈمۈش خاتىرە پۇللىرىنىڭ بازار باھاسى ئالتۇن-كۈمۈش خاتىرە مېداللىرىنىڭ باھاسىدىن يۇقىرى بولىدۇ. ئالتۇن-كۈمۈش خاتىرە پۇللىرى بىلەن ئالتۇن-كۈمۈش خاتىرە مېداللىرىنىڭ پەرقى شۇكى، ئالتۇن-كۈمۈش خاتىرە پۇللىرىدا سومما بار.ئىككىنچىدىن، ئالتۇن-كۈمۈش خاتىرە پۇللىرى بىلەن ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ مەبلەغ سالىدىغان پۇل ئىكەنلىكىنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈش كېرەك. خاتىرىلەش خاراكتېرلىك ئالتۇن پۇللار ئېنىق خاتىرىلەش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغانلىقتىن، چەكلىك مىقداردا تارقىتىلىدۇ. لايىھەلىنىشى ۋە ياسىلىشى سىپتا بولغاچقا، قىممەتلىك مېتال پۇل ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى، تارقىتىش ئورگانلىرى نەق ئالتۇن سودىسى سۇپىسىدىكى ئالتۇن باھاسى ئاساسىدا پايدىنى ئاز ئېلىپ تارقىتىلىدىغان بولغاچقا، مەبلەغ سېلىش ۋە سېتىۋېلىپ سېتىش ئاسان بۇلىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئالتۇن-كۈمۈش خاتىرە پۇللىرىنىڭ ئېتىراپنامىسىنىڭ بار-يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئالتۇن-كۈمۈش خاتىرە پۇللىرىغا ئاساسىي جەھەتتىن جۇڭگو خەلق بانكىسى باشلىقى ئىمزا قويغان بولۇپ، ئەگەر بۇ ئېتىراپنامە بولمىسا ئالتۇن-كۈمۈش خاتىرە پۇللىرىنى ئېلىپ ساتقاندا ئاۋارىچىلىك تۇغۇلىدۇ. تۆتىنچىدىن، ئالتۇن-كۈمۈش خاتىرە پۇللىرىنىڭ سۈپىتىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئالتۇن-كۈمۈش خاتىرە پۇللىرىنى مەبلەغ سېلىش نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندا، ئۇ ماددىي نەرسىگە مەبلەغ سېلىش بولغانلىقتىن، ئالتۇن-كۈمۈش خاتىرە پۇللىرىنىڭ سۈپىتى ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بەشىنچىدىن، ئالتۇن-كۈمۈش خاتىرە پۇللىرىغا مەبلەغ سالغاندا، بازار ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئالتۇن-كۈمۈش خاتىرە پۇللىرىنىڭ بازار ئەھۋالى بىلەن باشقا مەبلەغ سېلىش بازىرىدىكى باھا داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. شۇڭا بازاردىكى ئالتۇن-كۈمۈش خاتىرە پۇللىرى باھاسىنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىش ناھايىتى مۇھىم.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#