سىيرىلما ئۇسسۇل
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سىيرىلما ئۇسسۇلنىڭ نامى ئۇنىڭ ئوينىلىشىدىكى قەدەم شەكلىگە قارىتىلغان بولۇپ، ئۇنى پىچانلىقلار سىيرىلما ئۇسسۇل دەپمۇ ئاتايدۇ.
سىيرىلما ئۇسسۇلدا ئۇسسۇلچى ئىككى پۇتىنى جۈپلەپ، ئوڭ ياكى سولغا يانچە سىلجىپ ئوينايدۇ. سىيرىلما ئۇسسۇلنىڭ باشقا ئۇسسۇللارغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭدا ئۇسسۇلچى باشتىن–ئاخىر ئوڭ–سول يانغا جۈپ ياكى تاق پۇتتا سىيرىلىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ئالدى–كەينىگە بىۋاسىتە قەدەم ئېلىشقا بولمايدۇ. يېقىنقى دەۋرىمىزگىچە خەلق ئىچىدە بۇ ئۇسسۇلنىڭ مەخسۇس ئورۇنلىغۇچىلىرى بولغان، سىيرىلما ئۇسسۇلنىڭ مەخسۇس مۇزىكىسى ھازىرغىچە ساقلانغان.
بۇ ئۇسسۇلنىڭ ۋارىسلىرى ھازىر ساناقلىقلا بولۇپ، ئۇسسۇلمۇ ئاستا–ئاستا باشقا ئۇسسۇللارغا سىڭىشىپ كەتكەن.
پىچان ناھىيەسىدە سىيرىلما ئۇسسۇلنىڭ يالغۇز ۋە قوش كىشىلىك شەكلى ئومۇملاشقان. ئايالچە سىيرىلما ئۇسسۇل يالغۇز كىشىلىك بولۇپ، ئۇ جوزا(شىرە) ئۈستىدە ئوينىلىدۇ. ئۇسسۇلچى پۇتىغا كىچىك قوڭغۇراق باغلاپ، ئۇنى مۇزىكا ئۇدارىغا كەلتۈرۈپ جىرىڭشىتىپ، قول ھەرىكىتىدە چاچ ئۇرۇش، گۈل ئۈزۈپ قىسىش، ئوسما قويۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق تۇرمۇشقا بولغان گۈزەل ئارزۇ–ئارمانلارنى ئىپادىلەيدۇ. سىيرىلما ئۇسسۇلنىڭ قوش كىشىلىك شەكلىنى ئەرلەر ئوينايدۇ. ئۇنىڭدا ئۇسسۇلچىلار بىر–بىرىگە ئۇسسۇللۇق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق سوئال قويىدۇ، جاۋاب ئالىدۇ. ئۇسسۇلچىلار يەنە تەبىئەتتىكى ۋە تۇرمۇشتىكى ئىشلارنى ئوبرازلاشتۇرۇپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ. كىم دەرھال ئوبرازلىق، چۈشىنىشلىك ھەرىكەت ئارقىلىق قارشى تەرەپكە مەقسىتىنى چۈشەندۈرسە يەڭگەن، چۈشەندۈرەلمىسە يېڭىلگەن بولىدۇ.
مەسىلەن: بىرى قوينى دورىسا، بىرى بۆرىنى دورايدۇ. بىرى بۇغداي ئورۇسا، بىرى خامان تېپىدۇ. بىرى ئۇسساپ كەتسە، يەنە بىرى سۇ كەلتۈرىدۇ.
سىيرىلما ئۇسسۇلنىڭ ھەرىكەتلىرىدە كىشىلەرنى تەبىئەتنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئېجىل–ئىناقلىققا چاقىرىش، باتۇرلۇققا، ئىشچانلىققا ئۈندەشتەك ئىدىيەلەر ئالغا سۈرۈلگەن بولۇپ، كۈچلۈك تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئومۇمەن، سىيرىلما ئۇسسۇل تەبىئىي، ساددا ۋە سىرلىق ھەرىكەت شەكىللىرى بىلەن دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئەڭ قەدىمى ئۇسسۇللار قاتارىدا قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.