ناتالىي پورتمەن

ناتالىي پورتمەن

ئامېرىكىلىق ئارتىس ناتالىي پورتمەن 1981-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىسرائىلىيە ئېرۇسالىمدا تۇغۇلغان، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پسىخىكا ئىلىمىنىڭ باكلاۋۇرى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ناتالىي پورتمەن
باشقا نامى Natalie Portman، Natalie Portman
يۇرتى ئىسرائىلىيە ئېرۇسالىم
يۇلتۇز تۈركۈمى جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمى
قان تىپى O تىپ
خەنزۇچە ئاتىلىشى 娜塔丽·波特曼
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1981-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى
بوي ئېگىزلىكى 160cm
كەسپى ئارتىس، پسىخىك

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ناتالىي پورتمەنئامېرىكىلىق ئارتىس ناتالىي پورتمەن 1981-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىسرائىلىيە ئېرۇسالىمدا تۇغۇلغان. 83-نۆۋەتلىك ئوسكار ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال باش رولچى شەرىپىگە ئېرشىكەن.

ناتالىي پورتمەن 13 يېشىدا «بۇ قاتىل ئۇنچە قورقۇنچلۇق ئەمەس» (这个杀手不太冷) ناملىق كىنو بىلەن پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن.

18 يېشىدا «پىلانېتلار ئارا ئۇرۇش» (星球大战) بىلەن «ئالتۇن شار» مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كىرگۈزۈلگەن. 30 يېشىدا «قارا ئاققۇ» (黑天鹅) ناملىق كىنو بىلەن ئوسكار كىنو خانىشى شەرىپىگە ئېرىشكەن. پەقەت بۇلارلا ئەمەس ئۇ يەنە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پسىخىكا ئىلىمىنىڭ باكلاۋۇرى.

1991-يىلى، ئون ياشلىق پورتمەن بالىلار مودېلى بولۇش تەكلىپىنى رەت قىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىنودا رول ئېلىشقا كىرىشكەن.

1994-يىلدىكى مۇستەقىل كىنوسى «بۇ قاتىل ئانچە قورقۇنچلۇق ئەمەس» ناملىق كىنوسى بىلەن پۈتۈن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان. ئارقىدىن «پىلانېتلار ئارا ئۇرۇش»نىڭ 3-بۆلۈمىگە قاتنىشىپ كىشىلەرگە تونۇلۇشقا باشلىغان. «پىلانتېلار ئارا ئۇرۇش» ناملىق كىنونى سۈرەتكە ئېلىش داۋامىدا ئۇ يەنە خارۋارد ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ پىسخىكا ئىلىمى باكلاۋۇرلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئىلگىرى: «چولپانغا قارىغاندا، مەن يەنىلا ئەقىللىق ئادەم بولۇشنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن.

1995-يىلى، پورتمەن ئارقا-ئارقىدىن «جەڭ مەيدانىغا سوقۇنۇپ كىرىش»، «كۆپچىلىك مەن سىزنى سۆيىمەن دېدى» ۋە «مارتىئاننىڭ يەر شارىنى ئويناپ ئايلىنىشى» قاتارلىق فىلىملەردە رول ئالغان.

1997-يىلى، پورتمەن سەھنە تىياتىرى «ئاننىنىڭ خاتىرىسى»گە قاتناشقان.

1998-يىلى، پورتمەن فىلىم «پلانېتالار ئارا ئۇرۇش»تا باش رول ئالغان.

2000-يىلى 6-ئايدىن 9-ئايغىچە يازلىق تەتىل مەزگىلىدە، پورتمەن فىلىم «پلانېتالار ئارا ئۇرۇش 2: كلون ئادەمنىڭ ھۇجۇمى»دا رول ئېلىشقا قاتناشقان.

2001-يىلى 7-ئايدا، پورتمەن نيۇيورك ئاممىۋى تىياتىرخانا ئىشلىگەن چېخوفنىڭ درامىسى «دېڭىز چايكىسى»غا قاتناشقان.

2003-يىلى 6-ئايدا، پورتمەن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پسىخولوگىيە باكالاۋرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

2004-يىلى ئەتىيازدا، ئۇ يەنە يۇرتى ئېرۇسالىمغا قايتىپ كېلىپ، ئىبرانى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاسپىرانتلىق دەرسلىرىنى ئۈگەنگەن.

2006-يىلى 3-ئايدا، ئۇ مېھمان لېكتور سالاھىيىتى بىلەن كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا، تېررورلۇق ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دەرىسلىكىنى سۆزلىگەن.

2008-يىلى 5-ئايدا، 27 ياشقىمۇ توشمىغان ناتالىي پورتمەن تەكلىپكە بىنائەن كاننېس كىنو فېستىۋالىنىڭ باھالىغۇچىسى بولغان.

2010-يىلى ئۇ باش رول ئالغان «قارا ئاققۇ» كۆرسۈتۈلگەن، بۇ فىلىم تۈرۈتكىسىدە ئۇ 83-نۆۋەتلىك ئوسكار ئەڭ ياخشى ئايال رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئۇ باش رول ئالغان فىلىم «گۈلدۈرماما ئىلاھى» جۇڭگودا قويۇلغان.

2012-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى، ناتالىي پورتمەن «مۇقەددەس چەۋەنداز»نى سۈرەتكە ئېلىش نەق مەيدانىدا پەيدا بولغان، بۇ فىلىم 2013-يىلى قويۇلغان.

2013-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى، ناتالىي پورتمەن رول ئالغان «گۈلدۈرماما ئىلاھى 2 : قاراڭغۇ دۇنيا» ئامېرىكىدا قويۇلغان.

2015-يىلى 5-ئايدا، ناتالىي پورتمەن فىلىم «چىنىسنىڭ ئۇلى»دا رولغا چىقىدىغانلىقىنى مۇقۇملاشتۇرغان.

2016-يىلى، فىلىم «بىرىنچى خانىم»دا باش رول ئالغان.

2017-يىلى، پورتمەن فىلىم «بىرىنچى خانىم»غا تايىنىپ 74-نۆۋەتلىك ئالتۇن توپ مۇكاپاتى، 70-نۆۋەتلىك ئەنگلىيە كىنو ئىنىستىتوتى مۇكاپاتى، 23-نۆۋەتلىك ئامېرىكا ئارتىسلار ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇكاپاتى، 32-نۆۋەتلىك مۇستەقىل روھىي مۇكاپاتى، 89-نۆۋەتلىك ئوسكار ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ناتالىينىڭ دادىسى ئىسرائىلىيە دوختۇرى، ئانىسى ئامېرىكا دۆلەت تەۋەلىكىدىكى ئائىلە ئايالى، كېيىن ئۇ ناتالىينىڭ ۋاسىتىچىسى بولغان. 2009-يىلى، ناتالىي پورتمەن كىنو «قارا ئاققۇ»نى سۈرەتكە ئالغاندا فىلىمنىڭ ئۇسۇلچىسى بېنجامىن بىلەن تونۇشقان. 2010-يىلى 12-ئايدا توي قىلىشقا پۈتۈشكەن. 2011-يىلى 6-ئايدا، ناتالىي پورتمەن بىلەن بېنيامىننىڭ مۇھەببىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان بالىسىنى تۇققان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى ۋاقىتتا ئىككى ئادەم ھەممىسى توي ئۈزۈكى تاقىۋالغان. 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە، ناتالىي پورتمەن رەسمىي توي قىلغان، ئۇ گىرمانىيەلىك بېنيامىن بىلەن ئاخىرى نىكاھ قەسىرىگە قەدەم قويغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#