شىخەنزە موساۋەن كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى

شىخەنزە موسوۋەن كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى ئەسلى ئاساسى شىخەنزە 148-پولىك كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى بولۇپ، 1982-يىلى 7-ئايدا قۇرۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىخەنزە موسوۋەن كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى
مەكتەپ تۈرى كەسپىي مەكتەپ
قۇرۇلغان ۋاقتى 1982-يىلى 7-ئاي
مەكتەپ مۇدىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىخەنزە موسوۋەن كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى ئەسلى ئاساسى شىخەنزە 148-پولىك كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى بولۇپ، 1982-يىلى 7-ئايدا قۇرۇلغان. ئىگىلەيدىغان يەر كۆلىمى 1998000 كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق. بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 4627 كۋادرات مېتىرنى ئىگىلەيدۇ. مەكتەپتە بالىلار پېداگوگىكىسى، ئېنگلىز تىلى، كومپيۇتېر، ھۈنەر-سەنئەت قاتارلىق 14 خىل كەسىپ تەسىس قىلىنغان. كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 30000 نۇسخىدىن ئاشىدۇ. مەكتەپ تەۋەلىكىدە زاۋۇت، دېھقانچىلىق بازىسى قاتارلىقلار بار. 1999-يىلى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 20 نەپەرگە، ئوقۇغۇچى 436 نەپەرگە يەتكەن. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان تەربىيىلەپ چىققان ئوقۇغۇچى 1700 نەپەردىن ئارتۇق.


 1988-يىلى بىڭتۈەننىڭ پەن-تېخنىكا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكنى گۈللەندۈرۈش ئىلغار مەكتىپى بولۇپ باھالانغان. 1991-يىلى بىڭتۈەن بۇ مەكتەپنى بىڭتۈەن دىۋىزىيە نۇقتىلىق كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى قىلىپ بېكىتىلگەن. 1992-يىلى ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك كەسپى ئوتىۇرا مەكتەپ قىلىپ بىكىتىلگەن. 1994-يىلى دۆلەت مائارىپى كومىتېتى، تەنتەربىيە كومىتېتى، ئەمگەك مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن مەملىكەتلىك كەسپىي تېخنىكا مائارىپى سىستېمىسى بويىچە تەنتەربىيە خىزمىتىدىكى ئىلغار مەكتەپ بولۇپ باھالانغان. 1995-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى دۆلەت يېزا ئىگىلىك مىنسىتىرلىكى مائارىپ بۆلۈمىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شىخەنزە موسوۋەن كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپى قىلىپ بېكىتىلگەن. بىڭتۈەن مائارىپ كومىتېتى بىۋاستە باشقۇرغان، ئەسلىدىكى كەسپىي تولۇق ئوتتۇرىنىڭ مەكتەپ نامى ساقلىنىپ قالغان ھەمدە شىخەنزە يېزا ئىگىلىك رادىئو مەكتىپى 148-پوللك شۆبە مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#