ئۇيغۇرچە ئىسمى خۇ زىمىن
مىللىتى خەنزۇ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1969-يىل
ئەسلىي ئىسمى رۈەن بىچېڭ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
تۇغۇلغان ۋاقتى 1890-يىل
كەسپى رەئىس، ئىنقىلابچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خۇ زىمىن (1890-1969-يىللار) ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋە ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى، جۇمھۇرىيەتنىڭ سابىق رەئىسى. ئەسلىي ئىسمى رۈەن بىچېڭ، ئىنقىلابقا قاتناشقاندىن كېيىن ئىسمىنى رۈەن ئەيگوغا ئۆزگەرتكەن. ئىلگىرى ئوقۇتقۇچى، ماتروس ۋە ئىشلەمچى بولغان. 22 يېشىدا ماتروسلۇق سالاھىيىتى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ تەكشۈرۈشتە بولغان ھەمدە ئىنقىلاب يولىدا ئىزدەنگەن. 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فرانسىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئالجىرىيە، كونگو قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئارىلاپ چىققان. 1920-يىلى فرانسىيەدە كوممۇنىستىك پارتىيەگە كىرىپ، ۋيېتناملىق تۇنجى كوممۇنىست بولۇپ قالغان. 

1925-يىلى خۇ زىمىن جۇڭگونىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدە «ۋيېتنام ياش ئىنقىلابىي سەپداشلار جەمئىيىتى» نى قۇرۇپ، پرولېتارىيات پارتىيەسى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە جۇڭگونىڭ خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىدە سىياسىي مەشىق كۇرسى ئېچىپ، ئىنقىلاب كادىرلىرىنى يېتىشتۈرگەن. 1930-يىلى 2-ئايدا شياڭگاڭدا ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇپ، كېيىنچە ھىندىچىنى كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، 1951-يىلى 3-ئايدا ۋيېتنام ئەمگەك پارتىيەسىگە ئۆزگەرتكەن، 1941-يىلى 2-ئايدا ۋيېتنامغا قايتىپ كېلىپ، ۋيېتنام خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي بازا قۇرۇشىغا، ياپون باسقۇنچىلىرى ۋە فرانسىيىگە قارشى قوراللىق كۈرەش قىلىشىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1945-يىلى «ئاۋغۇست ئىنقىلابى» نى قوزغاپ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ غەلىبىگە ئېرىشكەن. شۇ يىلى9-ئاينىڭ2-كۈنى خانويدىكى باتىڭ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن 500 مىڭ كىشىلىك ئاممىۋى يىغىندا، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت نامىدا» مۇستەقىللىق خىتابنامىسى «نى ئېلان قىلىپ، ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. 1946-يىل 3-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن، ۋيېتنامدىكى 80 نەچچە يىللىق مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىق ۋە نەچچە مىڭ يىللىق فېئودال ھۆكۈمرانلىققا خاتىمە بېرىلگەن.

جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي، 1945-يىلى 9-ئايدا ۋيېتنامغا قايتا تاجاۋۇز قىلىپ، سايگوننى بېسىۋالغان. خۇ زىمىن ۋيېتنام ئارمىيىسى ۋە خەلقىنىڭ قوزغىلىپ تاجاۋۇزچىلارغا قارشىلىق كۆرسىتىشىگە رەھبەرلىك قىلغان ۋە 1954-يىلىغا كەلگەندە فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلۇشقا مەجبۇر قىلغان. 1954-يىلى ئېچىلغان جەنۋە سۆھبىتىدە ۋيېتنام جەنۇب بىلەن شىمالغا ئايرىۋېتىلگەن. يىغىندا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىگەن ۋە جەنۋە كېلىشىمىگە جېنىنىڭ بارىچە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جەنۇبىي ۋيېتنامدا تىڭيەن قورچاق ھاكىمىيىتىنى يۆلەپ تۇرغۇزغان. ئامېرىكا 1961-يىلىدىن باشلاپ «ئالاھىدە ئۇرۇش» قوزغاپ، جەنۇبىي ۋيېتنامدىكى ئىنقىلابچى خەلقنى باستۇرغان. 1964-يىلى 8-ئايدا ئامېرىكا ئاتالمىش «شىمالىي قولتۇقتا ئىككى ھەربىي پاراخوتىمىز ھۇجۇمغا ئۇچرىدى» دېگەننى باھانە قىلىپ، «شىمالىي قولتۇق» ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، شىمالىي ۋيېتنامنى كۆپ قېتىم ھاۋادىن بومباردىمان قىلغان، شۇنىڭ بىلەن تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئوتىنى شىمالىي ۋېيتنامغا تۇتاشتۇرغان. رەئىس خۇ زىمىن ۋيېتنام خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، زوراۋانلىقتىن قورقماي، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان.

1969-يىلى 9-ئايدا، خۇ زىمىن: «ئامېرىكا جاھانگىرلىكى دۆلىتىمىزدىن جەزمەن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ، ۋەتىنىمىز جەزمەن بىرلىككە كېلىدۇ، جەنۇب-شىمالدىكى قېرىنداشلار جەزمەن خۇشال-خۇرام جەم بولىدۇ» دەپ ۋەسىيەت قالدۇرغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#