قىزىل دولقۇن

قىزىل دولقۇن

قىزىل دولقۇن دېڭىز-ئوكيانلاردا مەلۇم مۇھىت ۋە شارئىتقا توغرا كەلگەندە پەيدا بولۇپ جىددىي كۆپىيىدىغان ياكى كۆپلەپ بىر يەرگە جەم بولۇپ، كەڭ كۆلەمدىكى دېڭىز سۈيىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغان بىر خىل ھادىسە. 

ئۇيغۇرچە نامى قىزىل دولقۇن
چەتئەلچە نامى Red tide
پەيدا بولىدىغان ئورنى بۇلغانغان سۇ ۋە دېڭىز-ئوكيان
خەنزۇچە نامى 赤潮
سەۋەبى سۇنىڭ بۇلغىنىشى
باشقا نامى قىزىل دولقۇن

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قىزىل دولقۇنقىزىل دولقۇن - كۆل ياكى دېڭىز- ئوكيانلاردىكى سۇ گەۋدىسىدە ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن پەيدا بولىدىغان ھادىسە . سۇ گەۋدىسىدە ئوزۇقلۇق ماددىلار كۆپىيىپ كېتىش دېگەندە كۆل - دېڭىز - ئوكيان قاتارلىقلاردىكى سۇ تەركىبىدە ئازۇت ، فۇسفۇر قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر ئوزۇقلۇقلارنىڭ قويۇقلۇقى مەلم سانلىق نېيتىرىتتىن ھالقىپ كېتىش سەۋەبلىك كۆل ، دېڭىز - ئوكيان قاتارلىقلارنىڭ ئىكولوگىيەلىك سىستېمىللىرى بۇشغۇنچىلىققا ئۇچرايدىغان بىر خىل يامان خاراكتىرلىك ئايلىنىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ . 

قىزىل تاشقىن يۈز بەرگەندىن كېيىن بېلىق ، راك ، قولولە قاتارلىقلار كۆپ مىقداردا ئۆلۈپ كېتىدۇ ، يېقىندىن بېرى دۆلىتىمىزدىكى دېڭىز - ئوكيانلاردا دېڭىز تاشقىنىنىڭ يۈز بىرىش قېتىم سانى بارغانسېرى كۆپىيىپ ، دېڭىز - ئوكيان باقمىچىلىقى بىر قانچە مىليارد يۇەن زىيان تارتقان. 

قىزىل دولقۇنقىزىل دولقۇن پەيدا بولۇشتا ئاساسلىقى مۇنداق ئىككى خىل سەۋەب بار: بىرى، ئىنسانلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسى تەرەققىي قىلىپ، دەريا-ئېقىنلارغا قويۇپ بېرىدىغان بۇلغانغان سۇلارنىڭ مىقدارى ئاشقانلىقتىن، دېڭىز بويلىرى قاتتىق بۇلغانغان. يەنە بىرى، سۈنئىي باقمىچىلىق كۆلچەكلىرىدىكى كېرەكسىز سۇلار كۆپلەپ چىقىرىۋېتىلگەنلىكتىن، قىسمەن رايونلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى بۇلغىشى تېخىمۇ ئېغىر بولغان. بۇنىڭدىن باشقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ تەبىئىي مۇھىتى بىلەن ھاۋا كىلىماتىدا ئۆزگىرىش بولۇش، مەسىلەن، دېڭىز سۈيىنىڭ ئېقىشى ناچار بولۇش، پۈتۈن يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى قاتارلىقلارمۇ قىزىل دولقۇننىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن.

قىزىل دولقۇنيېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىدا دائىم كەڭ كۆلەمدە قىزىل دولقۇن پەيدا بولىدىغان بولۇپ قالدى. قىزىل دولقۇننىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، دېڭىز تەۋەيىمىزدە بېلىق، راك، قۇلۇلىلەر كۆپلەپ ئۆلۈپ كېتىپ، كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان ئىقتىسادىي زىيان بولدى. تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى شۇكى، قىزىل دولقۇن پەيدا بولغان چاغدا، يەنە زور تۈركۈمدىكى ئاھالىلەر دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى يېگەنلىكتىن، قورساق ئاغرىش، ئىچى ئېلىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ ئۇلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتتى.

قىزىل دولقۇن كېلىش ئالدىدا، دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرىنىڭ نەپەس يوللىرىنى تېز ئاۋۇيدىغان لەيلىمە جانلىقلار توسۇۋالغانلىقتىن، دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرى كۆپلەپ ئۆلۈپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، لەيلىمە جانلىقلارنىڭ تېز كۆپىيىشى ۋە دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى دېڭىز سۈيىدىكى نۇرغۇن ئوكسىگېننى خورىتىۋېتىپ، دېڭىز سۈيىنى جانلىقلار ياشىيالمايدىغان «ئۆلۈك سۇ» غا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. قىزىل دولقۇن يەنە زەھەرلىك ماددىلارنى چىقىرىپ، مۇھىت ۋە ئىنسانلارغا خېلى ئېغىر زىيانلارنىمۇ يەتكۈزىدۇ. 

قىزىل دولقۇنئامېرىكا بىلەن ياپونىيە دۇنيادا قىزىل تاشقىن ئەڭ كۆپ يۈز بىرىدىغان دۆلەتلەر . 

20 -ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدىن 60 - يىللىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا شىتاتىدا ھەر يىلى قىزىل تاشقىن ئۈزۈلمەي يۈز بىرىپ بېلىق ، راك ، قۇلۇلىلەر كۆپ مىقداردا ئۆلۈپ كەتكەچكە ئۇلانىڭ ئوزۇقلۇق قىلىدىغان دېڭىز تاشپاقىسى ، يۇنۇس بېلىقى قاتارلىقلارمۇ ئۆلۈپ كەتكەن . 

ياپونىيەنىڭ 1979 - يىلدىكى سىتاتسىكىسىغا قارىغاندا دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ بۇلغىنىش ۋەقەسىدە قىزىل تاشقىن %8 نى ئىگىلىگەن . 1970 - يىلدىن بىرى قىزىل تاشقىن ياپونىيەدە ساقلىنىش قېتىن بولغان دېڭىز - ئوكيان ئاپىتىگە ئايلانغان . ئىچكى دېڭىزدىكى قىزىل تاشقىننى سانايدىغان بولساق 1955 - يىلدىن ئىلگىرى 5 قېتىم يۈز بەرگەن بولسا ، 1959 - يىلدىن 1965 - يىلغىچە بولغان 7 يىل ئىچىدە 39 قېتىم ، ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 150 قېتىم يۈز بەرگەن ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 305 قېتىمىدا ئېغىر زىيان بولدى . 1975 - يىلى ۋە 1976 - يىللىرى ھەر يىلى 300 قېتىمدىن كۆپىراك يۈز بەردى ، ئىستاتسىتىكىلاردىن مەلۇم بولىشىچە 1965 - يىلىدىن 1993 -يىلى 9 - ئايغىچە پۈتۈن ياپونىيەدە قىزىل تاشقىن سەۋەبلىك بېلىقچىلىققا يەتكەن ئىقتىسادىي زىيان 241 مىليارد 700 مىليۇن ياپونىيە يىنىدىن ئېشىپ ھەر يىلى ئوتتۇرىچە زىيان بىر قانچە مىليارد ياپونىيە يىنىدىن ئاشقان .


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#