دىيا مىرزا
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دىيا مىرزادىيا مىرزا 1981-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ھىندىستان نىڭ ئەندىرا شىتاتى ھەيدەرئاباد شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، دادىسى فرانىڭ ھاندىرىخ گېرمانىيە لىك نېمىس، ئاپىسى دېپا مىرزا بېنگال لىق مۇسۇلمان.
دىيا 6 ياشقا كىرگەندە دادىسى ئاپىسى ئاجرىشىپ كەتكەن، دىيا 9 ياشقا كىرگەندە ئاپىسى ئەھمەد مىرزا ئىسىملىك بىر كىشىگە ياتلىق بولغان، بىر يىل ئۆتكەندە ئەھمەد ئۆلۈپ كەتكەن، 2004-يىلىدىن تارتىپ دىيا مىرزا دېگەن فامىلىنى قوللانغان.
دىيا مىرزا ئىنتايىن ئەقىللىق ھەم تىرىشچان قىز بولۇپ، 16 يېشىدىلا ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزۈپ جاھاندارچىلىققا كىرىشكەن.
20 ياشقا كىرگەندە مانىلادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا-تىنىچ ئوكيان گۈزىلىنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ «ئاسىيا تىنچ ئوكيان گۈزىلى» بولۇپ باھالىنىپ دۇنياغا تونۇلغان.
دىيا مىرزا شۇنىڭدىن باشلاپ سەنئەت ساھاسىگە يۈرۈش قىلىپ، ھىندىستاندىكى ئاتاقلىق مودېل، ئۇسسۇلچى، ناخشىچى، كىنو ئاكتىيورى ھەم فىلىم ئىشلىگۈچىگە ئايلانغان.
دىيا مىرزا 2001-يىلىدىن باشلاپ، «قەلبىمدە سەن»، «تەڭرى سۆيگىسى»، «شاھزادە جەمەتى»، «قارا جەمئىيەتنىڭ باش كۆتۈرۈشى»، «ئىنتىقام يالقۇنى»، «ئېزىتقۇ ئالامس»، «قۇربان»، «سۈرلۈك شېۋىر»، «مۇھەببەت مارشى» قاتارلىق نەچچە ئون كىنودا مۇۋەپپەقىيەتلىك رول ئېلىپ، ھىندىستان دا كۆزگە كۆرۈنگەن چولپانغا ئايلانغان.
دىيا مىرزا «قەلبىمدە سەن»، «تەڭرى سۆيگىسى»، «شاھزادە جەمەتى»، «قارا جەمئىيەتنىڭ باش كۆتۈرۈشى»، «ئىنتىقام يالقۇنى»، «ئېزىتقۇ ئالامس»، «قۇربان»، «سۈرلۈك شېۋىر»، «مۇھەببەت مارشى» قاتارلىق كىنولاردا رول ئالغان. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.