شىنجاڭ پولات-تۆمۈر مەكتىپى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1958-يىلى ئۈرۈمچى تۇدۇنخابا رايونىدا قۇرۇلغان. ئەسلى نامى ئۈرۈمچى پولات-تۆمۈر مەكتىپى. 1962-يىلى مەكتەپ تاقىۋېتىلگەن. 1985-يىلى مەكتەپ قايتىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، نامىنى شىنجاڭ پولات-تۆمۈر مەكتىپى قىلىپ بېكىتىپ، پۈتۈن شىنجاڭغا يۈزلىنىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. 1986-يىلى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىنكى تۇنجى تۈركۈم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. ئىلگىلىگەن يەر كۆلىمى 48470 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇشتا ئىشلىتىلىدىغىنى 20622 كۋادرات مېتىر، شىنجاڭ پولات-تۆمۈر گۇرۇھى شىركىتىگە تەۋە. بىرقانچە يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق مەكتەپ ئالىي مائارىپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ، چوڭلار مائارىپى ۋە ئادەتتىكى مائارىپ، خىزمەتتىن ئىلگىرىكى تەربىيە ۋە خىزمەتتىن كېيىنكى تەربىيىلىنىش بىر گەۋدە قىلىنغان، كۆپ كەسىپلىك، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ كۆلەملىك ئۇنىۋېرسال مائارىپ ئورنى بولۇپ شەكىللەنگەن. ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. مېتاللورگىيە ماشىنىسازلىقى، پولات-تۆمۈر تاۋلاش، كومپيۇتېر قوللىنىش قاتارلىق 36 كەسىپ تەسىس قىلغان بولۇپ، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئىلغار. مېتال، ماشىنىسازلىق، كومپيۇتېر قاتارلىق 13 تەجرىبىخانىسى بار. كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 63000 پارچىدىن ئارتۇق. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان 2500 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن. مەكتەپ شتاتى 125.1999-يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 62 نەپەر. ئوقۇغۇچى سانى 1280 نەپەر.
شىنجاڭ پولاتتۆمۈر مەكتىپى 1986-يىلدىن 1988-يىلغىچە ئۇدا تۆت قېتىم شەرقىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى، ۋۇخەن پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەردىن 50 تىن كۆپرەك مۇئەييەن ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە ئىگە ئوقۇتقۇچىنى تەكلىپ قىلىپ دەرس ئۆتكۈزۈپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن.
شىنجاڭ پولاتتۆمۈر مەكتىپى 1994-يىلى مەكتەپ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ باھالىشىدىن ئۆتۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دەرىجىلىك تېخنىكوم بولۇپ باھالانغان. 1995-يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك ئورۇن بولۇپ باھالانغان. 1996-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن سەككىزىنچى بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى مەكتەپ ئىگىلىگىدىكى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىلغار كوللېكتىپ بولۇپ باھالانغان ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تەشكىللىگەن باھالاشتىن ئۆتۈپ، دەرىجىلىك ئوتتۇرا تېخنىكوم بولۇپ باھالانغان. 1997-يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سودا سىستېمىسىدىكى ئىلغار پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تازىلىقتا قىزىل بايراقدار ئورۇن بولۇپ باھالانغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.