گانگ دەرياسى
غەربىي ئاسىيادىكى ئەڭ ئۇزۇن، كۆلىمى ئەڭ چوڭ دەريا بولۇپ، باش ئېقىنى دۆلىتىمىزنىڭ شىزاڭ رايونى بىلەن ھىمالايا تېغىنىڭ جەنۇبىي باغرىدىن باشلىنىپ، ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى دېۋراياگ ئەتراپىدا ئالاكناندا دەرياسى بىلەن قوشۇلغاندىن كېيىن گانگ دەپ ئاتىلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گانگ دەرياسىغەربىي ئاسىيادىكى ئەڭ ئۇزۇن، كۆلىمى ئەڭ چوڭ دەريا بولۇپ، باش ئېقىنى دۆلىتىمىزنىڭ شىزاڭ رايونى بىلەن ھىمالايا تېغىنىڭ جەنۇبىي باغرىدىن باشلىنىپ، ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى دېۋراياگ ئەتراپىدا ئالاكناندا دەرياسى بىلەن قوشۇلغاندىن كېيىن گانگ دەپ ئاتىلىدۇ. گانگ دەرياسى شەرقىي جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ، بېنگالنىڭ ئلوتتۇرا قىسمىغا كەلگەندە، شىمالدىن ئېقىپ كەلگەن براخما پوترا دەرياسى بىلەن قوشۇلۇپ، بېنگال قولتۇقىغا قۇيۇلىدۇ.
باش ئېقىنى دۆلىتىمىزنىڭ شىزاڭ رايونى بىلەن ھىمالايا تېغىنىڭ جەنۇبىي باغرىدىن باشلىنىپ، ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى دېۋراياگ ئەتراپىدا ئالاكناندا دەرياسى بىلەن قوشۇلغاندىن كېيىن گانگ دەپ ئاتىلىدۇ. گانگ دەرياسى شەرقىي جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ، بېنگالنىڭ ئلوتتۇرا قىسمىغا كەلگەندە، شىمالدىن ئېقىپ كەلگەن براخما پوترا دەرياسى بىلەن قوشۇلۇپ، بېنگال قولتۇقىغا قۇيۇلىدۇ.
گانگ دەرياسىگانگ دەرياسىنى ھىندى خەلقلىرى «مۇقەددەس دەريا» دەپ ئاتايدۇ. ھەر يىلىنىڭ 1-، 2-ئايلىرىدا سۇغا چۆمۈلۈش بايرىمىنى ئۆتكۈزىدۇ. . گانگ دەرياسى ئوتتۇرا-تۆۋەن ئېقىندا كەڭ دائىرىلىك تۈزلەڭلىكنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بۇ ھىندىستان بىلەن بېنگالنىڭ ئەڭ مۇھىم دېھقانچىلىق رايونى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايدا ئاساسلىق شال، بۇغداي، كۆممىقوناق، سېرىق كەندىر، شېكەر قوڭمۇشى قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. گانگ دەرياسى ھىندىستاننىڭ مۇھىم سۇ قاتناش يولى بولۇپ، دەريالار قاناللار ئارقىلىق بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇلغان.
گانگ دەريانىڭ بۇلغىنىشى خېلىلا ئېغىر،ئۇ قىرغاقتا تۇرمۇش كەچۈرىدىغان 400مىلىيون خەلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى،دەريا بۇيىدىكى شەھەرلەر
نىڭ كىرەكسىز سۇلىرى دەرياغا ئېقىپ كىرىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە پارچىلىنىش قىيىن بولغان خميىۋىلىك سۇلىياۋ ئەخلەتلەر ۋە دەرياغا تاشلانغان ،نەزىرلىك بۇيۇملار بۇلغىنىشنى
تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇردى.
بۇ دەريا يەنە يېقىن ئەتراپتىكى نامرات كىشىلەرنىڭ يۇيىنىدىغان ئورنى
،ئۇلار ئىشلەتكەن يۇيۇش بۇيۇملىرى بۇدەريانىڭ بۇلغىنىشىنى تېخىمۇ
ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ تورى قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.