- لوك (خام دورا)
- لوك ()
لوك
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
لوكلوك بولسا لاكسىفىرا ئائىلىسىدىكى ھاشارات، شېللاق قۇرتنىڭ ئاجراتمىسى بولۇپ، دەرەخ شاخلىرىغا چاپلاشقان بولىدۇ. كۈزدە دەرەخنىڭ يېلىملىق شېخى كېسىۋېلىنىپ، يېلىمنى ئېلىنىپ، شېخى تاشلىۋېتىلىپ يىغۋىلىنىدۇ. ئېلىمىزنىڭ يۈننەن ئۆلكىسى، سىچۈەن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ھەمدە تايلاند، ھىندىنوزىيە، ھىندىستان، بىنگال، سىرلانكا قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.
جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، پارقىرىتىش، بۇزۇق ماددىلارنى تارقىتىش، غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى تازىلاش، بەلغەم بوشىتىش، ئارتۇق ھۆللۇكنى قۇرۇتۇش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتى بار.
دەرەخ مېيى %65~80، موم(蜡) %4~8، سۇ %1~4، قەنت، ئاقسىل، تۇز %2~6، سۇدا ئېرىيدىغان پىگمېنت %0.6~3 قاتارلىقلار بار.
لوك1. يۇيۇلغان لەكتىن 1 گرام ئېلىپ، ئۆچكىنىڭ يېڭى سىقىلغان سۈتى بىلەن ئىچسە، قان تۈكۈرۈشنى ۋە بالىياتقۇدىن كەلگەن قاننى توختىتىدۇ.
2. يۇيۇلغان لەك بىلەن ئارپىبەدىياندىن 0.5 گرامدىن 2 گرامغىچە ئېلىپ، سىركە بىلەن ئىچىپ بەرسە ئورۇقلىتىدۇ.
3. بابۇنە 15 گرام، يۇيۇلغان لەك، كاسىنە يىلتىزى 7 گرامدىن، كەرەپشە 10 گرام. قايناتما تەييارلاپ ئىچسە پۈتۈن بەدەنلىك سۇلۇق ئىششىقنى قايتۇرۇپ، ھۆللۈكنى قۇرۇتىدۇ.
4. زۇپا 10 گرام، زىغىر 15 گرام، سەرپىستان 7 گرام، لەكى مەغىسول 5 گرام، قائىدە بويىچە تالقانلاپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، بەلغەم بوشىتىدۇ.
سوفۇپى لەك، قۇرۇسى لوك، مەجۇنى لوك.
پۈتۈن بەدەنلىك سۇلۇق ئىششىق، قورساققا سۇ يىغىلىش، يۆتەل، سېرىقلىق چۈشۈش، يەرقان، ئاشقازان ۋە جىگەر ئاغرىقى، بالىياتقۇدىن قان كېلىش، قان تۈكۈرۈش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.