فادېيىف

يازغۇچى  فادېيف

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى يازغۇچىسى فادېيىف (1901-1956-يىللار) چىن، ئىنچىكە تەسۋىرلىرى، ھېسسياتلىق قەلىمى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئىچكى ئۇرۇش ۋە ۋەتەن ئۇرۇشىدىكى قەھرىمانلىرىنى مەدھىيەلىگەن. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى فادېيىف
دۆلەت تەۋەلىكى رۇسىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1956-يىل 5-ئاينىڭ 13-كۈنى
چەتئەلچە نامى Алекса́ндр Алекса́ндрович Фаде́ев
خەنزۇچە ئىسمى 亚历山德罗维奇·法捷耶夫
تۇغۇلغان ۋاقتى 1901-يىل 12-ئاينىڭ 24-كۈنى
كەسپى يازغۇچى، دراماتورگ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

فادېيففادېيىفنىڭ ئۆزىمۇ بىر قەھرىمان. ئۇ17 يېشىدا بولشېۋىكلار پارتىيەسىگە كىرىپ، مەخپىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان. 20 ياش ۋاقتىدا يىراق شەرق پارتىزانلىرىغا قاتناشقان، بىر قېتىملىق ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى باستۇرۇش جېڭىدە يارىدار بولغان، كېيىن، ھەربىي سەپتىن قايتقان. 

فادېيف ئەسەرلىرى1927-يىلى ئۇ «تارمار» رومانىنى پۈتكۈزگەن. ئەسەردە كوممۇنىست لېۋېنسون يىراق شەرق رايونىنىڭ بىر قىزىل ئارمىيە پارتىزانلار ئەترىتىنى باشلاپ ياپون ئالۋاستىلىرى، ئاق باندىتلار بىلەن قانلىق كۈرەش قىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. دۈشمەن كۈچلۈك بولغانلىقتىن، پۈتۈن سەپ بويىچە دېگۈدەك تارمار بولۇپ، پەقەت 19 جەڭچىلا قاتمۇقات قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپ، يېڭى كۈرەشلەرنى كۈتۈۋالىدۇ. 1930-يىللىرى فادېيىف نۇرغۇن رومان ۋە ھېكايىلەرنى يېزىپ، يىراق شەرق رايونىنىڭ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە ئۆزگەرتىش جەريانىدا ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە تەرەققىي قىلىش تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، قىزىل ئارمىيە كوماندىرلىرىنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى مەدھىيىلىگەن.

«ياش گۋاردىيە» فادېيىفنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. روماندا ھەقىقىي ئادەم، ھەقىقىي ئىشلارغا ئاساسەن، «ياش گۋاردىيە» نىڭ قەھرىمانلىق پائالىيەتلىرى بەدىئىي ئىپادىلىنىپ، ياش گۋاردىيىنىڭ قەھرىمانلىرىنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان. رومان ئالدىنقى، كېيىنكى قىسىملارغا بۆلۈنىدۇ. 1-قىسمىدا، نېمىس قاراقچىلىرى كراسنودون شەھىرىگە يېقىنلىشىپ كەلگەندە، ياشلارنىڭ مەسلىھەتلىشىپ گۋاردىيە قۇرۇش جەريانى تەسۋىرلىنىپ، ياش بىر ئەۋلادنىڭ كۆكرەك كېرىپ چىقىپ گېرمانىيە فاشىستلىرىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن ئىنقىلابىي جاسارىتى ئىپادىلەنگەن، ياشلارنىڭ قانغا قان، جانغا جان ئېلىپ، فاشىستلاردىن قىساس ئالغان كۈرەشلىرى تەسۋىرلەنگەن.

2-قىسمىدا، گۋاردىيىنىڭ پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە، دۈشمەنگە خۇددى يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەك پەيدا بولۇپ ۋە بىردىنلا غايىب بولۇپ زەربە بەرگەنلىكى، كېيىن خائىننىڭ سېتىۋېتىشى بىلەن مۇتلەق كۆپچىلىك گۋاردىيىچىلەر تۇتقۇن قىلىنىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلىقى، پەقەت سەككىز ئادەملا قۇتۇلۇپ قالغانلىقى تەسۋىرلەنگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/68300.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#