قورۇما لەڭمەن
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1.گۆشنى قاقتەك چوڭلۇقتا، لېكىن نېپىز يالپاقلاپ، جاڭدۇنى قىسقا قىلىپ توغرايمىز. ئەگەر يىسىۋىلەك(بەسەي) ئىشلىتىلسە، گۆشنىڭ شەكلىدە توغرىلىدۇ. پەمىدۇر. سامساقلارنى ئۇششاق توغرايمىز. كۆك لازىنىڭ ئىچىدىكى ئۇرۇقى ۋە ئاچچىق تومۇرلىرىنى ئېلىۋېتىپ، گۆشنىڭ چوڭلۇقىدا، سۇڭپىياز ئات قۇلىقى شەكلىدە توغرىلىدۇ. كاۋاۋىچىن، زەنجىۋىل قايناق سۇغا چىلاپ تەمى چىقىرىلىدۇ.
2. خېمىرنى «پىلتە لەڭمەن» نىڭ خېمىرىدەك تەييارلاپ، ياپىلاق(ئەرجىزە) لەڭمەندەك، كەڭلىكى 5.1 سانتىمېتىرلىق ئۇزۇنچاق ياپىلاقلاپ، قايناۋاتقان قازانغا باش بارماقنىڭ يېرىمىدەك چوڭلۇقتا ئۈزۈپ تاشلاپ، 7-5 مىنۇت پىشۇرۇپ سۈزۈپ ئېلىپ، سوغۇق سۇ بىلەن چايقاپ ئېلىنىدۇ.
3. گۆشنى جاڭيۇ، چىلغان پۇرچاق ئۇنى بىلەن قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، قىزىتىلغان ياغقا سېلىپ قىزارتىپ، ياغدىن ئۆتكۈزۈپ قاچىغا ئېلىپ قويۇلىدۇ.
4. ساپلىققا ياغ قۇيۇپ، قىزىتىپ سېلىپ سارغايتىپ، جاڭدۇ ياكى باشقا ئاساسلىق سەينى سېلىپ، چالا پىشقاندا لازىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، تۇز، زەنجىۋىل سۈيى، كاۋاۋىچىن سۈيى، قۇيۇپ، سامساقنى سېلىپ كۆكتات تەييارلاپ، ياغدىن ئۆتكۈزگەن گۆشنى سېلىپ، ئاندىن ئۈزۈپ تاشلىغان ئاشنى ئىسسىتىپ سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قورۇپ، ئۇنىڭغا ئاچچىقسۇ، ئازراق پىششىق ياغ سېپىپ تەخسىلەرگە ئۇسۇلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.