لوپنۇرلۇقلار كەنتى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
‹‹ لوپنۇرلۇقلار كەنتى ›› لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۇزاق ئەسىرلەردىن بويان شەكىللەندۈرگەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق، ئوۋچىلىق تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى، مىللىي ئۆرۈپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلغان، ئېكولوگىيە ساياھىتى، ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتىنى ئالاھىدىلىك قىلغان، قۇملۇق، توغراقلىق، دەريا ساھىلى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ساياھەت رايونى بولۇپ، ساياھەت رايونىنىڭ جەنۇبىي تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن تۇتىشىدۇ، تارىم دەرياسى ساياھەت رايونىنى كىسىپ ئۆتىدۇ. بۇ يەر تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ساياھەت قىلىشقا باب كىلىدۇ.
2000 - يىلى « لوپنۇرلۇقلار كەنتى ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە ساياھەت رايونى يىرىك پىلانى » ۋە « تەتقىقات » ئاپتونوم رايونلۇق پىلان كومىتېتى باھالاشتىن ئۆتتى؛ 2001 - يىلىدىكى « لوپنۇرلۇقلار كەنتى مۇھىت باھالاش دوكلاتى » مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى تەكشۈرۈپ باھالاشتىن ئۆتتى.
پۈتكۈل ساياھەت رايونى ئون چوڭ مەنزىرە رايونلىرى : بىرىنچى، لوپنۇرلۇقلار مىللىي ئۆرپ - ئادەت كەنت رايونى ( جۈملىدىن لوپنۇرلۇقلار كەنتى، لوپ خەلقىنىڭ ئولتۇراق نۇقتىسى، لوپنۇرلۇقلار بېلىق تۇتۇش رايونى، لوپنۇرلۇقلار چارۋىچىلىق رايونى، مىللىي ئۆرپ - ئادەت كۆرگەزمە رايونى، ئاشخانا رايونى، مال سېتىۋېلىش رايونى، ئىستراھەت رايونى ۋە مېھمانخانا داچا رايونى )؛ ئىككىنچى، قۇملۇق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى ( تۆگە مىنىش ساياھەت رايونى، قۇملۇق پىيادە ساياھەت رايونى، قۇم تېيىلىش ساياھەت رايونى، قۇملۇق ماشىنا كۆڭۈل ئېچىش رايونى، ساھىل ۋالىبولى تەنھەرىكىتى رايونى ۋە قۇملۇق داۋالاش رايونى)؛ ئۈچىنچى، « پەرى كۆل » ساياھەت رايونلىرى ( جۈملىدىن يۆياڭ كۆلى سۇ ئۈزۈش مەيدانى، پەرى كۆلى بېلىق تۇتۇش مەيدانى، پەرى كۆل داچا رايونى ۋە پەرى كۆلى قىيىق ھەيدەش رايونى، ھايۋانات باغچىسى ۋە غەلىتە باغ )؛ بەشىنچى، قۇم ئويما سەنئەت سارىيى ( نەقىشلەنگەن يىپەك قوغۇن، تەكلىماكان رىۋايىتى يىپەك يولى داڭلىق نەقىشى، نەقىشلەنگەن بۇددا نۇرى )؛ ئالتىنچى، قۇملۇق ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى ( جۈملىدىن توغراق ئورمىنىنى قورشاپ رايون ئېكولوگىيىلىك خاتىرە باغچىسى، قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرى باغچىسى، كىچىكلىتىلگەن مەنزىرە رايونى )؛ يەتتىنچى، ياۋايى ھايۋانات باغچىسى ( جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ياۋايى ھايۋانلارنى قۇتقۇزۇش مەركىزى، ئەتىۋارلىق ھايۋانات كۆپەيتىش مەركىزى ۋە ھايۋانلارنى سېتىۋېلىپ قۇيىۋېتىدۇ تاماشا رايونى )؛ سەككىزىنچى، يىپەك يولى مىللىي رايونى ( 36 مىللىي بىناكارلىق ) ؛ توققۇزىنچى، ئېلىشىش مەيدانى ۋە ئوۋ ئوۋلاش مەيدانى بىلەن ئېلىشىش تەنھەرىكەت مەيدانى؛ ئونىنچى، تارىم دەرياسىنى ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى رايونى. [1][0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.